ئۇيغۇر تىلى: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
ئازراقلاNo edit summary
ئازراقلاNo edit summary
430 -قۇر:
△ بۇ مەنسۇرنىڭ ھەم تەكلىپى، ھەم بۇيرۇقى، بۇنى ئولتۇرغانلار ياخشى بىلىدۇ.
 
2.5.4.2 «بىراق، ئەمما، لېكىن، ئەكسىچە، ۋەھالەنكى، شۇنداقتىمۇ» قاتارلىق قارىمۇ قارشى باغلىغۇچىلار چېكىت قويۇپ ئاياغلاشتۇرۇلغان ئىككى جۈملىنى ياكى ئۆزئارا ئالاقىدار ئىككى ئابزاسنى باغلاپ كەلسە، كەينىدىن پەش قويۇلىدۇ؛ بولمىسا، پەش قويۇلمايدۇ. مەسىلەن:
 
△ لېكىن، مەن دوستلىرىمنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قولۇمدىن كەلگەن ھەممىنى قىلىشقا بەل باغلىدىم.
 
△ ئۇلارنىڭ ئۈستىبېشى لايغا مىلەنگەن، لېكىن نېمىگىدۇر خۇشال ئىدى.
 
2.5.4.3 «شۇڭا، شۇنىڭ ئۈچۈن، شۇڭلاشقا، چۈنكى، شۇ سەۋەبتىن» قاتارلىق سەۋەب باغلىغۇچىلىرىنىڭ پەش قويۇلۇش ئەھۋالىمۇ يۇقىرىدىكى (2.5.4.2) گە ئوخشاش.
 
2.5.4.4 كۈچەيتكۈچى باغلىغۇچى «ھەتتا، بەلكى، تاكى، يەنە كېلىپ، دېگەنبىلەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھېلىغۇ» قاتارلىقلاردىن كېيىن ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا پەش قويۇلمايدۇ. مەسىلەن:
 
△ ئۆزىڭىز كەلمەيلا قالماستىن، بەلكى باشقىلارنىڭ كېلىشىگىمۇ توسالغۇ بولدىڭىز.
 
△ لېكىن، كامالدىن ئۈن چىقمىدى، ھەتتا مىدىرمۇ قىلمىدى.
 
ئەسكەرتىش: «بەلكىم» سۆزى باغلىغۇچى ئەمەس، قىستۇرما تەركىب، شۇڭا مۇستەقىل تەركىبلەر قاتارىدا كەينىدىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
 
△ بەلكىم، بۇ يەردە باشقا سىر باردۇر؟
2.5.4.5 تاللىغۇچى باغلىغۇچى «يا، ياكى، نە، گاھ، خاھ، مەيلى» قاتارلىقلاردىن كېيىن ياكى ئالدىن پەش قويۇلمايدۇ. مەسىلەن:
 
△ يوشۇرايمۇ ياكى خاتالىقلىرىمنى ئۈستۈمگە ئېلىپ ئەپۇ سورايمۇ؟
 
ئەگەر بۇ باغلىغۇچى باغلىنىدىغان ئىككى تەڭداش تەركىبنىڭ ئالدىدا تەكىتلەش يۈزىسىدىن تەكرار كەلسە، ئىككىنچى قاتاردىكىسىنىڭ ئالدىدىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
458 -قۇر:
2.5.4.6 ئوخشىتىش باغلىغۇچىسى «شۇنداقلا، شۇنىڭدەك» تەڭداش جۈملىلەر ياكى جۈملىنىڭ تەڭداش تەركىبلىرىنى باغلاپ كېلىدۇ. كەينىدىن پەش قويۇلمايدۇ. مەسىلەن:
 
△ ئوقۇش، شۇنىڭدەك ئوقۇغاننى ئەمەلدە ئىشلىتىش ئاسان ئەمەس.
 
2.5.4.7 ئىزاھ باغلىغۇچى «يەنى» مەيلى ئىككى جۈملە ئارىسىدا كەلسۇن، مەيلى ئىككى سۆز ئارىسىدا كەلسۇن، كەينىدىن پەش قويۇلمايدۇ. ئىزاھ باغلىغۇچى «مەسىلەن» ئومۇملاشتۇرغۇچى سۆز، ئىزاھلانغۇچى سۆز ياكى ئاھاڭ جەھەتتىن تولۇق ئاياغلاشماي، پەش بىلەن ئايرىلغان جۈملىلەردىن كېيىن كەلسە، كەينىدىن پەش قويۇلمايدۇ. ئەگەر چېكىت بىلەن ئاياغلاشقان جۈملىلەردىن كېيىن كەلسە، كەينىدىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
 
△ ئۇنداق بولسا، پۇلنىڭ بۇ كۆپەيگەن سوممىسى، يەنى قوشۇمچە قىممەت نەدىن كېلىدۇ؟
 
△ دۇنيا ئەللىرىنىڭ تارىخىدا نۇرغۇن تاۋارلار – مەسىلەن سەدەپ، گەزمال... قاتارلىقلار پۇل ئورنىدا ئىشلىتىلگەن.
 
△ ئۇلارنىڭ ئىستېمال قىممىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، كىيىم- كېچەك بەدەننى ئىسسىتىدۇ...
 
2.5.4.8 شەرت باغلىغۇچىسى «ئەگەر، ناۋادا، ئۇنداقتا» ئايرىغۇچى باغلىغۇچى «پەقەت، جۈملىدىن»، ئىمكانىيەت باغلىغۇچىسى «ئاندىن»، تەكىت باغلىغۇچىسى «تېخى، بولۇپمۇ، خۇسۇسەن»، سەۋەب- نەتىجە باغلىغۇچىسى «شۇنىڭ بىلەن، نەتىجىدە»، ئاشۇرما باغلىغۇچى «يەنە، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا» قاتارلىق باغلىغۇچىلاردىن كېيىن پەش قويۇلمايدۇ. مەسىلەن:
 
△ تېخى بەزىلەر «مەنسۇرنى، ئەكبەرنى» يىقىتىمىز» دېيىشىدۇ.
 
△ ...جان باقىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىدۇ، نەتىجىدە نۇرغۇنلىغان ئىشچىلار ئىشسىز قالىدۇ.
 
2.5.5 باشقىلاردا
 
2.5.5.1 بىر تۇتاش ئېلىنماي، بۆلۈپ ئېلىنغان دىئالوگلاردا بۆلۈنگەن قىسىم بىلەن ئاپتور سۆزىنىڭ ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
△ تازا چاتاق بولدى، دەپ گېپىنى باشلىدى دادام.
2.5.5.2 كۆپ خانىلىق سانلار تۈركۈمگە ئايرىلغاندا، ھەرقايسى تۈركۈملەر ئارىسىغا ساننىڭ يېزىلىش يۆنىلىشى بويىچە پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
 
△ 13،500 1،000،000
 
2.5.5.3 تەكرار كەلگەن سوئال خەۋەرلەرنىڭ ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
 
△ سەن بارامسەن، يوق؟
 
2.5.5.4 جۈملىدىكىAبۆلەكنىڭ ئۆزىنىڭ كەينىدىن كەلگەن تۆۋەن قاتلامدىكىBبۆلەككە باغلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش زۆرۈر بولغاندا،Aبۆلەك پەش بىلەن ئايرىلىدۇ. مەسىلەن:
 
△ ئۇزاق ئۆتمەيلا، يۇقىرىغا ئۆرلەۋاتقان تۈتۈننى كۆرۈپ قالدىم.
 
پەش ھازىر مەتبۇئاتلىرىمىزدا ئەڭ كۆپ خاتا قوللىنىلىدىغان تىنىش بەلگىلىرىنىڭ بىرى، كومپيۇتېردا چېكىت، سوئال بەلگىسى، ئۈندەش بەلگىسى، پەش قاتارلىقلار ئالدىدا كەلگەن سۆزگە قوشۇپ، كەينىدىكى سۆزدىن بوش ئورۇن ئارقىلىق ئايرىپ قويۇلىدۇ. مۇنداق بولغاندا، يۇقىرىقى تىنىش بەلگىلەر بىلەن ئالدىنقى سۆزنىڭ (سۆز بىرىكمىسىنىڭ، جۈملىنىڭ) بىر گەۋدە ئىكەنلىكى ئېنىق ئىپادىلىنىدۇ. ناۋادا يۇقىرىقى تىنىش بەلگىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا كەلگەن سۆز بوش ئورۇن ئارقىلىق ئايرىۋېتىلسە، قۇر ئايرىغاندا يۇقىرىقى تىنىش بەلگىلىرىنى كومپيۇتېر ئاپتوماتىك ئۇسۇلدا ئالدىدا كەلگەن سۆزلەردىن ئايرىۋېتىپ، ئىملا خاتالىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
 
2.6 يالاڭ تىرناق
 
يالاڭ تىرناق قوش تىرناققا نىسبەتەن رولى كىچىكرەك بولغان تىنىش بەلگىسى. جۈملىدە قوش تىرناق ئىچىدە كەلگەن كۆچۈرمە تەركىبلەر يالاڭ تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. بۇ خۇددى پەش بىلەن چېكىتلىك پەشنىڭ قاتلام مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلىگىنىگە ئوخشاش، كۆچۈرمە تەركىبلەرنىڭ قاتلام مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن:
 
△ مەن «‹تۈن تىۋىشلىرى» نىڭ تىل ئالاھىدىلىكى» دېگەن ماقالىنى 2000- يىلى يازغان.
510 -قۇر:
△ ... چۈشەندۈرۈپ، «قانۇنغا خىلاپ كېلىدىغان ھەرقانداق تەدبىرنى قوللانمىسىڭىز!» دېدىم.
 
2.7.1.2 ئەگەر «دېمەك» پېئىلى «-پ» قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلىنىپ، رەۋىشداش بىرىكمىسىنى ھاسىل قىلسا، مەيلىق كۆچۈرمە تەركىبلىكى ئېنىق نەقىل بولسۇن، مەيلى تەخمىنىي كۆچۈرمە بولسۇن، ئوخشاشلا قوش تىرناققا ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:
 
△ «ھوقۇق قولىمىزدا» دەپ شاپائەت بىلەن ئاداۋەتنى ئارىلاشتۇرۇۋەتمەيلى.
 
مەيلى راي فورمىسىدا كەلگەن «دېمەك» پېئىلىنىڭ ئالدىدىكى كۆچۈرمە تەركىب بولسۇن، مەيلى «دەپ» رەۋىشدىشى ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان كۆچۈرمە تەركىب بولسۇن، دىئالوگ سۈپىتىدە ئېلىنغان بولسا، قوش تىرناققا ئېلىنمايدۇ، كۆچۈرمە تەركىبتىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
 
△ – ئۆتكەندە يازغان دوكلاتىڭىزنى زادى كىمگە بەرگەنىدىڭىز، دەپ سورىغىنىمدا، بىچارە خوتۇننىڭ كۆزلىرىگە ياش كەلدى.
 
2.7.1.3 «دېگەن» سۈپەتدىشى جۈملىدە تەكىتلەش مەنىسىدە كەلمىسە، ئۇنىڭ ئالدىدىكى كۆچۈرمە تەركىب قوش تىرناققا ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:
△ ئۇيقۇلۇقتا دەسلەپ مېڭەمگە «ئوت كەتكەن ئوخشايدۇ» دېگەن ئوي كەلدى.
 
ئەگەر «دەپ» رەۋىشدىشى بىلەن «دېگەن» سۈپەتدىشىنىڭ ئالدىدا كەلگەن كۆچۈرمە تەركىبنىڭ خەۋىرى ئالدىدا چۈشۈم كېلىشتە كەلگەن سۆز بولسا، مۇنداق كۆچۈرمە تەركىب قوش تىرناققا ئېلىنمايدۇ. چۈنكى، چۈشۈم كېلىشتە كەلگەن سۆز ئەمەلىيەتتە كۆچۈرمە تەركىبتىكى خەۋەرنىڭ ئىگىسى بولۇپ، مۇنداق كۆچۈرمە تەركىب بىر پۈتۈنلۈكى بۇزۇلغان كۆچۈرمە تەركىب ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن:
 
△ يېقىن ئەتراپتىكى دېھقانلار سادىقنى كەپتۇ دەپ ئاڭلاپ...
 
△ مەن سېنى ئادەتتىكلى بىر مۇئەللىم دەپ يۈرۈپتىمەن.
 
2.7.1.4 «دەپ»، «دېگەن» سۆزلىرىنىڭ ئالدىدا كەلگەن خاس ئىسىم، ئۈندەش سۆز، قاراتما سۆز قاتارلىق ئاتاش كۆچۈرمىلەر قوش تىرناققا ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:
 
△ «ئارتىس» دېسىلا «ئەخلاقى يامان» دەپ قارىساق بولمايدۇ.
 
2.7.1.5 قاتلاملىق كۆچۈرمىلەردە «دېمەك» پېئىلى ئارقىلىق تۈزۈلگەن بىرىكمىنىڭ تۆۋەن قاتلامدىكىسى يالاڭ تىرناققا، يۇقىرى قاتلامدىكىسى قوش تىرناققا ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:
 
△ ئۇ «بىلىمگە بېرىلىڭ، لېكىن ئۆزىڭىزنى چەبدەس تۇتۇڭ، ناپولېئوننىڭ ‹پاسكىنا كىيىمىڭنى ئۆيگە مۆكۈنىۋېلىپ يۇغىن› دېگەن سۆزى ‹ئۆز ئەيىبىڭنى سازايى قىلما› دېگەن مەنىدە ئېيتىلغان» دېگەنىدى.
 
2.7.1.6 «سۆزلەش»، «ئېيتىش»، «كۆزدە تۇتۇش» مەنىلىرىدىكى «دەپ» رەېىشدىشىنىڭ ئالدىدا كەلگەن يۆنىلىش كېلىش ۋە چۈشۈم كېلىش بىلەن تۈرلەنگەن سۆز بىرىكمىلىرى قوش تىرناققا ئېلىنمايدۇ. مەسىلەن:
 
△ سىزمۇ مېنى دەپ خاپىلىق تارتتىڭىز.
 
△ بۇنى رەھبەرلىككە دەپ بېقىش كېرەك.
 
2.7.1.7 تۈس مەنىسىدە كەلگەن «دېمەك» پېئىلىدىن ئالدىنقى تەركىبلەر قوش تىرناققا ئېلىنمايدۇ. مەسىلەن:
 
△ قىرىق ياشقا كىرىپ قالاي دېدىم.
 
2.7.1.8 «دېمەك» پېئىلى ئارقىلىىق تۈزۈلگەن تۇراقلىق بىرىكمىلەر ياكى ئەسلى مەنىسىدىن يۆتكەلگەن «دېمەك» پېئىلىنىڭ ئالدىدا كەلگەن تەركىبلەر قوش تىرناققا ئېلىنمايدۇ. مەسىلەن:
 
△ ئەتە ئۆيدىكىلەرگە نېمە دەپ تېلېفۇن بېرىشنى بىلمەيتتىم.
 
2.7.2 جۈملىدە ئاتاپ كۆرسىتىلگەن ۋە ئەسلى مەنىسىدە ئىشلىتىلمىگەن تەركىبلەر قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:
 
△ پەقەت «سذ» سۆزىگىلا ئۈچىنچى شەخستە «سع» قوشۇلماي «يع» قوشۇلىدۇ.
 
2.7.3 جۈملىدىكى مۇھىم ھۆججەت، ئەسەرلەر، ماقالە، گېزىت- ژۇرنال ناملىرى قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:
 
△ قۇرۇلتايدا «مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.
 
2.7.4 ئىدارە، جەمئىيەت، زاۋۇت، كان، كارخانا، سودا دۇكانلىرى، يول، تاۋار ماركىلىرى قاتارلىقلاردا ئاتاپ قويۇلغان ناملار كۆچۈرمە تەركىب ھېسابلىنىپ، قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:
 
△ «ئارمان» شىركىتى
 
△ «دوستلۇق» سودا سارىيى
 
ئاخىرىدىكى تەركىبلەرگە نىسبەتەن ئېنىقلىغۇچىلىقى ئېنىق بولغان تەركىبلەر قوش تىرناققا ئېلىنمايدۇ. مەسىلەن:
 
△ دۆڭكۆۋرۈك بازىرى
 
2.7.5 تارىخىي ۋەقە، بايرام، مۇھىم مەجلىس ياكى يىغىلىشلارغا قويۇلغان ناملار قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:
 
△«1- ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى
 
2.8 تىرناق
 
تىرناق ئىزاھ بەلگىسىدۇر. ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى مۇنداق:
 
2.8.1 جۈملىدە مەلۇم جۈملە بۆلىكىنى تولۇقلاش، ئىزاھلاش ياكى شەرھلەش مەنىسىدە كەلگەن تەركىبلەر تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:
 
△ ئۇ يەتتە گەز (نەش مېترغا يېقىن) رەخت سېتىۋالدى.
 
△ ل. مۇتەللىپ (1922 – 1945) تالانتلىق شائىر.
 
2.8.2 سەھنە ئەسەرلىرىدە ئاپتورنىڭ پېرسۇناژلارنىڭ ھەرىكىتى، كەيپىياتى توغرىسىدا بەرگگن ئىلاۋىلىرى تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:
 
△ زورىخان: (ئاڭلىماسقا سېلىپ) نۇرۇم، چاي قاينىدىمىكىن، چىقىپ باققىنا. (نۇرۇم باغقا چىقىدۇ)
 
2.8.3 نەقىل كەلتۈرۈلگەن مىسالغا ئۇلاپلا ئۇنىڭ ئېلىنغان جايىنى كۆرسەتكەندەە، ئاپتور ۋە كىتاب نامى تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:
 
△ يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاھلاپ كۈلمە.
 
(ل. مۇتەللىپ: «يىللارغا جاۋاب»)
 
قوش تىرناق، يالاڭ تىرناق ۋە تىرناق كومپيۇتېردا تىرناق سىرتىدىكى سۆزلەردىن بوش ئورۇن ئارقىلىق ئايرىلىپ، تىرناق ئىچىدىكى سۆزلەر بىلەن قوشۇپ يېزىلىدۇ. مۇنداق بولغاندا تىرناق بىلەن سۆزلەرنىڭ بىر گەۋدە سۈپىتىدە كۆچۈرۈلۈشىگە قولايلىق بولىدۇ.
 
2.9 سىزىقچە
 
سىزىقچە ئاساسەن يېرىم قوشۇپ يېزىش بەلگىسىدۇر. ئۇنىڭ قويۇلىدىغان ئورنى مۇنداق:
 
2.9.1 جۈپ سۆزلەرنىڭ ئارىسىغا ۋە سۆزلەرگە قوشۇلۇپ يېزىلمايدىغان ئۇلارنمىلارنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
610 -قۇر:
ﭽﺎنلىق پەرۋەر
 
2.9.3 رەقەم بىلەن ئىپادىلەنگەن دەرىجە سانلاردىن كېيىن قويۇلىدۇ. بۇ سىزىقچە دەرىجە سان قوشۇمچىسى «-نچى، //-ىنچى» نىڭ رولىنى ئۆتەيدۇ. مەسىلەن:
 
△ قىزىم 6- سىنىپتا ئوقۇيدۇ.
 
2.9.4 تىلشۇناسلىققا دائىر تېكىستلاردا پېئىلنىڭ بۇيرۇق شەكلى، قوشۇمچىلار كۆرسىتىلگەندە، پېئىلنىڭ بۇيرۇق شەكلى (يەنى يىلتىز ياكى تومۇر) دىن كېيىن، سۆز ئارقا قوشۇمچىلارنىڭ ئالدىدىن، سۆز ئالدى قوشۇمچىلارنىڭ كەينىدىن قويۇلىدۇ. بۇ تىلشۇناسلىقتىكى بىر شەرتلىك بەلگە. مەسىلەن:
 
△ كەﻟ- -چان -لىق ﺑﯩ- بەﺗ- نا-
 
كومپيۇتېردا سىزىقچە ئالدىدىكى سۆزگە قوشۇپ يېزىلىدۇ، جۈپ سۆزلەرگە قويۇلغاندىمۇ، ئالدىدىكى سۆز بىلەن بىر گەۋدە قىلىنىپ، ئارقىدىكى سۆز بىلەن بوش ئورۇن ئارقىلىق ئايرىلىپ قويۇلىدۇ.
 
2.10 سىزىق
 
سىزىقنىڭ رولى ئاساسەن تىرناققا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇ كۆپىنچە ئىزاھ، بايان، چەك مەنىلىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ. سىزىق ئىشلىتىلىدىغان ئورنى مۇنداق.
 
2.10.1 جۈملىدە بىر خىل گرامماتىكىلىق شەكىلدە كەلگەن ئىزاھلىغۇچى بىەن ئىزاھلانغۇچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
 
△ بۇ مەكتەپتە – شىنجاڭ ئۇنۇۋېرسىتېتىدا 20 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار.
 
2.10.2 ئومۇملاشتۇرغۇچى سۆز بىلەن ئومۇملاشتۇرۇلغان تەڭداش تەركىبلەر ئارىسىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
 
△ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ھەر خىل پائالىيەتلەر – يۈگۈرۈش، سەكرەش، گىمناستىكا، توپ تۈرلىرى قاتارلىقلار بار.
 
2.10.3 زامان ۋە ماكان مەنىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان ئىككى سۆز (ياكى سان)نىڭ ئارىسىغا قويۇلۇپ، «ؤة»، «ھەم» مەنىلىرىنى، شۇنىڭدەك، «...دىن، ...تىن» مەنىلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن:
 
△ مەن 1985 – 1990- يىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇغان.
 
2.10.4 ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى دىئالوگلارنىڭ ئالدى ۋە كەينىگە قويۇلىدۇ (بەزى ھاللاردا ئالدىغىلا قويۇلۇپ، ئاپتور سۆزى بىلەن دىئالوگ ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ). مەسىلەن:
 
△ – بۈگۈنكىدەك ئىىسىق بولسا ئۆرۈك تازا پىشىدۇ، – دېدى ئۇ.
 
△ – بىراق كۈننىڭ شۇنچە تەپتىدە سىز تېخىچە غورا ئىكەنسىز، ـــ دېدى باھار كۈلۈپ.
 
سىزىق كومپيۇتېردا ئالدىدىكى ۋە كەينىدىكى سۆزلەردىن بوش ئورۇن ئارقىلىق ئايرىپ قويۇلسا، تېخىمۇ كۆركەم چىقىدۇ.
 
2.11 قوش چېكىت
قوش چېكىت ئاساسەن بايان بەلگىسىدۇر. ئۇ تۆۋەندىكى ئورۇنلاردا قوللىنىلىدۇ.
 
2.11.1 مۇستەقىل سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىلارنىڭ كېيىنكى قىسمى ئالدىنقى قىسمىنىڭ پۈتۈن مەزمۇنىنى ياكى بىرەر تەركىبىنى تولۇقلاپ، شەرھلەپ كەلسە، ئالدىنقى قىسمىدىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
 
△ ئۇ ئالدىرىماي ھېكايىسىنى باشلىدى: سىنتەبىرنىڭ ھاۋا ئوچۇق بىر كۈنى ئىدى...
 
2.11.2 ھۆرمەت تەرقىسىدە ئېيتىلغان قاراتما سۆزدىن كېيىن قويۇلىدۇ، مۇنداق قاراتما سۆز كۆپىنچە خەت- ئالاقىلەردە، تەكلىپنامىلەردە ئۇچرايدۇ. مەسىلەن:
 
△ ھۆرمەتلىك مىرزا جالال:
 
سىزنى شەنبە كەچتە «سەردار» رېستۇرانىغا چايغا تەكلىپ قىلىمىز.
 
ھۆرمەت بىلەن: ××× (چېسلا)
 
2.11.3 سەھنە ئەسەرلىرىدە دىئالوگلارنىڭ ئالدىدا كەلگەن پېرسۇناژلارنىڭ ئىسمى ياكى ئىسمى ئورنىدا كەلگەن سۆزلەرنىدىن كېيىن قويۇلىدۇ. بۇمۇ بايان مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن:
 
△ ئىدارە باشلىقى: ھەممە تەييارلىقلار پۈتتىمۇ؟
 
2.11.4 بىرەر مەسىلىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قۇر بېشىدىن ئېلىنغان جۈملىلەرنىڭ ئالدىدا كەلگەن «مەسىلەن» سۆزى ياكى ئۇنىڭ قىسقارتىلمىسىدىن كېيىن قويۇلىدۇ. (مىسال قىسقارتىلدى)
 
2.11،5 ئاپتورنىڭ ئىسىم- فامىلىسى بىلەن ئەسىرى بىللە كۆرسىتىلگەندە، ئىسىم- فامىلىدىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
 
△ زوردۇن سابىر: «ئانا يۇرت»
 
تۈرلۈك ئۇسۇل ھالەتلىرىدىن كېيىنكى جۈملە دىئالوگ سۈپىتىدە قۇر بېشىدىن باشلانسا، ياكى قۇر بېشىدىن باشلانمىسىمۇ، قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنسا، مەزكۇر ھالەتلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
 
△ خوشياقمىغان ھالدا:
 
– بوپتۇ، مەيلىڭىز – دېدى.
 
△ ئاتىسى رازىلىق بەرمەي: «سەۋر قىل، كېلەر يىلى ئۆزۈم مەككىگە بارىمەن، شۇ چاغدا سېنىمۇ بىللە ئېلىپ باراي» دەپتۇ.
 
2.12 كۆپ چېكىت
 
كۆپ چېكىت قىسقارتىش بەلگىسىدۇر. ئۇيغۇر تىلىدا كۆپ چېكىت ئۈچ چېكىتنى قاتار قويۇش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ قوللىنىلىش ئورنى مۇنداق:
 
2.12.1 جۈملىدە قىسقارتىلغان تەركىبلەر ئورنىغا، نۇتۇقتا سۈكۈت ئىپادىلەنگەن ئورۇنغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
 
△ ئىككىسى چاي ئىچكەچ پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى... (قىسقارتىلغان تەركىب ئورنىدا)
 
△ پارتەمخان: ... (سۈكۈت ئورنىدا)
 
2.12.2 نۇتۇقتا سۆزنىڭ ئۈزۈلۈپ- ئۈزۈلۈپ تەلەپپۇز قىلىنغانلىقىنى ياكى مەلۇم سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئادەتتىكىدىن سوزۇپراق تەلەپپۇز قىلىنغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
 
△ ئامانقۇل سەپەرقۇلغا قاراپ: «را... زع... بول... ئاكا!» دېدى- دة، كۆزىنى يۇمدى.
 
△ رۇستە... م، ھەي، رۇستە... م، مەيەرگە كەل.
 
قوش چېكىت ۋە كۆپ چېكىت كومپيۇتېردا ئالدىدىكى سۆزگە قوشۇپ يېزىلىدۇ ۋە ئارقىدىكى سۆزدىن بوش ئورۇن ئارقىلىق ئايرىلىدۇ.