ئۇيغۇر تىلى: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
ئازراقلاNo edit summary
ئازراقلاNo edit summary
242 -قۇر:
△ ئا. س. پۇشكىن
 
2.1.5 يىل، ئاي، كۈنلەر رەقەم بىلەن ئىپادىلەنسە، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
 
△ 1966.9.21
2.1.6 ئونلۇق كەسىردىكى پۈتۈن سان بىلەن كەسىر سان ئارىسىغا، جۈملىدىن سائەت بىلەن مىنۇت تەڭ كۆرسىتىلگەندە، سائەت بىلەن مىنۇت ئارىسىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
 
△ 1.5 (بىر پۈتۈن ئوندىن بەش)
 
△ سائەت 3.20 دە (سائەت ئۈچتىن يىگىرمە مىنۇت ئۆتكەندە)
 
2.2 سوئال بەلگىسى
256 -قۇر:
بۇ بەلگە ئوي- پىكىرنىڭ سوراق تەرزىدە ئاياغلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلارغا قويۇلىدۇ.
 
2.2.1 ھەر خىل سوئال جۈملىدىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
 
△ سەن كىم؟
 
△ تېخى تۈنۈگۈن كەلدىڭىز؟
 
2.2.2 كەينى- كەينىدىن ئۇلىنىپ كەلگەن سوئاللارنىڭ پەقەت كەينىدىكىسىگىلا قويۇلىدۇ، ئالدىنقىلىرىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
 
△ بۇ ئىشنى ئۇ ئۇقامدۇ، ئۇقمامدۇ؟
 
△ سەن زادى كومپارتىيە ئەزاسىمۇ، ئەمەسمۇ؟
 
2.2.3 جۈملىدە ئاپتورغا نامەلۇم بولغان ياكى ئاپتور گمان بىلەن قارىغان تەركىبلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
 
△ شۇ چاغدا ئۇلار پېتىنىپ (تىترىشىپ؟) ئۇنىڭ يېنىغا يېقىن باردى.
 
△ سەلەي چاققان (؟-1905) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داڭلىق لەتىپىچىلىرىدىن بىرى.
 
2.2.4 ئەگەر جۈملە ھەم سوئال، ھەم ئۈندەش تەرزىدە ئېيتىلسا، ئاۋۋال سوئال بەلگىسى، ئاندىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
 
△ ھوي، بۇ سېسىق گەپنى نەدىن ئۆگەندىڭ؟!
 
2.3 ئۈندەش بەلگىسى
 
بۇ بەلگە ئوي- پىكىرنىڭ ئۈندەش ۋە بۇيرۇق تەرزىدە ئاياغلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ تۆۋەندىكى ئورۇنلارغا قويۇلىدۇ.
 
2.3.1 ئۈندەش جۈملىلەر ۋە بۇيرۇق ئاھاڭىدا ئېيتىلغان بۇيرۇق جۈملىدىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
 
△ بۇ ۋەزىپىنى ۋاقتىدا ئورۇنداڭ! (بۇيرۇق)
△ ياشىسۇن تىنچلىق! (ئۈندەش)
 
2.3.2 ئۈندەش ئاھاڭىدا ئېيتىلغان ئۈندەش سۆزلەر ۋە قاراتما سۆزلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
 
△ توۋا! سەن بۇلارنىڭ سېتىۋالغان قۇلىمىدىڭ؟
 
△ يولداشلار! غەيرەت قىلىڭلار!
 
شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان جۈملىنىڭ سوئال، ئۈندەش بەلگىلىرى بۇ جۈملىنىڭ قانداق قۇرۇلمىدا كېلىشىدىن قەتئىينەزەر قويۇلىدۇ. تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان جۈملىنىڭ چېكىتى قويۇلمايدۇ.
 
2.4 چېكىتلىك پەش
 
بۇ بەلگە تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان، تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىشتىكى رولى پەشكە قارىغاندا ئۈستۈنرەك تۇرىدىغان تىنىش بەلگىسى. تەڭداش تەركىبلەرنىڭ ھەرقايسىسى ياكى ئۇلارنىڭ بىرى يەنە بىرقانچە تەڭداش تەركىبلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولسا، ئۇلارنىڭ قاتلاملىق مۇناسىۋىتىنى ئېنىق ئايرىش ئۈچۈنئۈستۈنكى قاتلامدىكى تەڭداش تەركىبلەر ئارىسىغا چېكىتلىك پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
△ كىمكى مېنى چېلىشىپ يېڭەلىسە، شۇ كىشىگە قىزىمنى بېرىمەن؛ ئەگەر يېڭەلمىسە، جېنىنى تېنىدىن جۇدا قىلىمەن.
 
△ بۇرادىرىم دەيدۇكى، ئىككى ئۆينىڭ قۇرغۇنىنى قوشسا، بىر قازان ئاش بولىدۇ؛ قىسمەت ئاكام مەسۇدىخان ئايلام بىلەن باش قوشسا، كارامەت بەلەن توي بولىدۇ.
 
2.5 پەش
بۇ بەلگە ئاساسەن تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان، تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىشتىكى رولى چېكىتلىك پەشكە قارىغاندا تۆۋەنرەك بولغان تىنىش بەلگىسى. ئۇ تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلارغا قويۇلىدۇ.
 
2.5.1 ئاددىي جۈملىلەردە
 
ئاددىي جۈملىنىڭ تەڭداش بۆلەكلىرى (بۇ سۆزلەر مەيلى بىر سۆزلا بولسۇن، مەيلى سۆز بىرىكمىسى بولسۇن) ئارىسىغا قويۇلىدۇ.
 
△ ئۇنىڭ سېكىلەكلىرى، تال- تال ئۆرۈلگەن چاچلىرى، چېچىغا ئېسىۋالغان چاچ چاتقۇچ، چاچ تۇمارلىرى بەلمۇ ياراشقانىدى.
 
△ قىز يىراقتىن قولىنى چېكىسىگە قويۇپ، ئوتلاۋاتقان ئاتلارغا، ئۆزىگە تونۇش بولمىغان كىشىلەرگە ھەيرانلىق بىلەن قاراۋاتاتتى.
 
△ ئۇ ھەم تەتقىقاتچى، ھەم شائىر.
2.5.2 قوشما جۈملىلەردە
 
تەڭداش تارماق جۈملىلەردىن ھاسىل بولغان قوشما جۈملىلەرنىڭ ھەر بىر تارماق جۈملىلىرى ئارىسىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
△ كىشىنىڭ تۈگمىدەك ئەيىبى كۆرۈنەر، ئۆزىنىڭ تۆگىدەك ئەيىبى كۆرۈنمەس. (ماقال)
 
2.5.2.1 بېقىنىش- بېقىندۇرۇش مۇناسىۋىتىدىكى قوشما جۈملىلەردە باش جۈملە بىلەن بېقىندى جۈملە ئارىسىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
 
△ شۇنى بىلىپ قويغىنكى، مەن سېنىڭ دېگىنىڭدەك قىلالمايمەن.
 
△ سەن بارىدىكەنسەن، مەنمۇ بارىمەن.
 
△ تاڭ ئاتسىلا، ئىش ئاسان
 
△ مىسالى، تۇرسۇننى ئالساق، ئۇ ياسىنىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ.
 
شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش كېرەككى، «-سا// -سة» قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەنگەن «بولماق» پېئىلى جۈملىنىڭ خەۋىرىگە باغلانماي، ئۆزىنىڭ ئالدىدا كەلگەن باشقا جۈملە بۆلەكلىرىدىن مەلۇم بىرىنى تەكىتلەپ كەلسە؛ «-سا// -سە» قوشۇمچىسى قوشۇلغان پېئىل «بولماق» پېئىلى ياكى باشقا سۆزلەر بىلەن بىرىكىپ، تۇراقلىق بىرىكمە ھاسىل قىلسا؛ «-سا// -سە» فورمىسىدا كەلگەن پېئىل جۈملىنىڭ خەۋىرىگە ئەمەس، بەلكى جۈملىنىڭ باشقا بىرەر بۆلىكىگە باغلانغان بولسا؛ ئاددىي جۈملىنىڭ خەۋىرى ئوخشاشلا بىر پېئىل يىلتىزى (ياكى ئۆزىكى) نىڭ ھەم «-سا// -سە» فورمىسى بىلەن تۈرلىنىشى ھەم بۇيرۇق- تەلەپ رايى ياكى خەۋەر رايىدا كېلىشى ئارقىلىق ھاسىل بولسا، مەنىدىكى ئالاھىدىلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، «-سا// -سە» فورمىسىدىن كېيىن پەش قويۇلمايدۇ. مەسىلەن:
 
△ئاچىسى بولسا سەرسان بولۇپ چىقىپ كەتتى.
 
△ سىز رەسمىيەتلىرىڭىزنى ئۆتەشكە ماڭسىڭىز بولدى.
 
△ بۇ ئاداشنىڭ چەكمىسە تۇرالمايدىغان خۇيى بار ئىكەن
 
△ مەن بارسام باراي.
 
لېكىن بۇنداق خەۋەرلەر كېڭەيسە، يەنىلا ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
 
△ بىز بارساق، بىللە بارايلى.
 
2.5.2.2 ھالەت بېقىندى جۈملىلەرنىڭ رەۋىشداش ۋە سۈپەتداش بىرىكمىلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن بىرىكمىلەر قوشما جۈملىلەر (باغلانغان قوشما جۈملىلەر، بېقىنىش- بېقىندۇرۇش مۇناسىۋىتىدىكى قوشما جۈملىلەر) دە بەزى تارماق جۈملىنىڭ خەۋەرلىك فورمىسى تولۇق بولمىغان خەۋىرى بولۇپ كەلسە، بەزى ئاددىي ياكى تارماق جۈملىلەردە راي فورمىسىدىكى پېئىلدىن ئىپادىلەنگەن خەۋەرلەرگە نىسبەتەن ھالەتلىك رول ئوينايدۇ. شۇڭا پرىنسىپ جەھەتتىن ئۇنىڭ خەۋەرلىك رول ئوينىغان ئورنىغا پەش قويۇلۇشى، ھالەتلىك رول ئوينىغان ئورنىغا پەش قويۇلماسلىقى كېرەك.