گېئولوگىيە: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
ئازراقلاNo edit summary
1 -قۇر:
=== ''گېئولوگىيە: ===
 
===== --- گىرىك تىلىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ "گېئو" دېگىنى "يەر ياكى يەرشارى"، "لوگى" دىگىنى قانونىيىتى دېگەننى بۈلدۈرىدۇ. گېئولوگىيە قاتتىق ھالەتتىكى يەر شارىنى مەركەز قىلغان پەن بولۇپ، ئۇنى تۈزىگەن تاشلانى ۋە ئۇنىڭ تەرەقىيات جەريانى تەتقىق قىلىدۇ. مەلۇم جەھەتتىن ئېيىتقاندا يەرشارىنىڭ تەرەققىيات جەريانى، قىتتەلەنىڭ ئايرىلىش ۋە ھەركەتلىنىش قانونىيىتى، ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇش ۋە تەرەققى قىلىشى، قەدىمكى كىلىمات ۋە ئۆزگىرىش قانونىيىتى قاتارلىقلانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىرقى زامان گېئولوگىيەسى ئىقتىسادى جەھەتتىن مۇھىم رول ئوينادىغان بولۇپ مىنىرال، ھىدروكاربون نېفىت قېدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە سۇ مەنبەسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇنىڭدىن سىرىت كىشلىك تۇرمۇش ۋە جەمىيەتتە تەبىئى ئاپەتلەدىن ساقلىنىش ۋە ئالدىن مەلۇمات بىرىش، خەلىققە بولغان زىيىنىنى ئازايتىش، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ۋە كىلىمات ئۇزگۇرۇش جەريانلىرىنى چۇشۇنۇشتە ئىنتايىن مۇھىم ئاچقۇشلۇق رولى بار.'' =====
 
=== '''تار مەنىدىكى گېئولوگىيە ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات تارىخى:''' ===
 
===== گېئولوگىيە ئىلمى بولسا يەر شارىنىڭ ماددىي جەھەتتىن تەشكىللىنىشى، ئىچكى قۇرۇلۇشى، سىرتقى ئالاھىدىلىكى، ھەر قايسى قاتلاملار ئارىسىدىكى ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلەر شۇنداقلا تارىخىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىلىم سىستېمىسىدۇر. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ يەر شارىغا كۆرسەتكەن تەسىرى بارا-بارا چوڭ بولماقتا. ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ئىنسانلارغا قارىتا چەكلىمىلىكى بارغانسېرى روشەنلەشمەكتە. قانداق قىلىپ يەر شارىدىكى بايلىقلاردىن ئەڭ كەڭ تۈردە پايدىلىنىش، ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش، بۈگۈنكى كۈندىكى ئىنسانىيەت ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئورتاق تېمىغا ئايلىنىپ قالدى.
 
يەر شارى، شەكىللەنگەندىن كېيىنكى تۆت مىليارد 600 مىليون يىللىق ئۆزگىرىش جەريانىدا نۇرغۇن مۇرەككەپ بولغان فىزىكىلىق، خىميىلىك ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈش بىلەن بىللە، يەنە ئاستىرونومىيىلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ھەر بىر قاتلىمى توختىماستىن ئۆزگىرىپ تۇرماقتا. تەخمىنەن ئۈچ مىليارد 500 مىليون يىللار ئىلگىرى، يەر شارىدا ھاياتلىق ئۇچقۇنلىرى بايقالغان بولۇپ، جانلىقلار گېئولوگىيىلىك تەسىرگە ئۇچراشقا باشلىغان. ئەڭ كېچىككەندىمۇ 2-3 مىليۇن يىللار ئىلگىرى، ئىنسانلار پەيدا بولغان. ئىنسانلار ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن، ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ ئەتراپىدىكى مۇھىتقا ماسلىشىپ ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشقان. ئۇلار قاتتىق تاشلاردىن پايدىلىنىپ قۇرال ياساپ، مېنىرال تاشلاردىن پولات، تۆمۈر قاتارلىق مېتاللارنى ئايرىپ ئېلىپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگەن. ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئىنسان پائالىيىتىنىڭ دۇنياغا بولغان تەسىرى كۈنسېرى زورايغان ۋە گېئولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ چەكلىمىچىلىك رولىمۇ بارغانسېرى كۈچەيگەنىدى.
19 -قۇر:
ئىنسانلارنىڭ يەر شارىدىكى مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىنى تەبىئىي مۇھىتتىن يەنى گېئولوگىيىلىك، گىدرولوگىيىلىك مۇھىتتىن، ئاتمۇسفىرا قاتلىمى ۋە بىئولوگىيىلىك ئامىللاردىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بۇ خىل ئامىللار ئۇزۇن مۇددەت بىر گەۋدىلىشىش نەتىجىسىدە، ئىنسانلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان نىسبەتەن مۇقىم بولغان ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ھاسىل قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە خالىغان بىر ئامىلدا ئۆزگىرىش يۈز بەرسە، بىر پۈتۈن ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئۇ ئىنسانىيەتكە ئاۋۋالقىدەك ماس كېلىدىغان، پايدىلىق مۇھىت بولۇپ قالالماسلىقى مۇقەررەر.
 
كەلگۈسىدە، گېئولوگىيە ئىلمىنىڭ تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىش دائىرىسى كۈنسېرى كېڭىيىپ بارىدۇ. ماكان جەھەتتە بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ئۇسۇللار ئارقىلىق تاغ جىنىسلىرى تېخىمۇ تەپسىلىي كۈزىتىلىپ، ئاي، قۇياش ۋە بىر قىسىم تۇرغۇن يۇلتۇز، سەييارىلەرنىڭ گېئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەھلىل قىلىنىدۇ. ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق پەنلەر گېئولوگىيە ئىلمىگە يەنىمۇ سىڭىشىپ، ئىلغار تېخنىكىلىق ۋاستىلەر گېئولوگىيە تەتقىقاتىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ. ئومۇمەن، گېئولوگىيە ئىلمى ئاساسىي تەتقىقاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر خىل گېئولوگىيىلىك جىسىملار، گېئولوگىيىلىك ھادىسىلەرنىڭ شەكىللىنىش ۋە ئۆزگىرىش جەريانىنى تونۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردىكى يېڭى نەتىجە ۋە تېخنىكىلارنى ئەپچىللىك بىلەن قوللىنىشى، شۇ ئارقىلىق ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتىغا پائال ماسلىشىپ، مۇۋاپىق ۋە ئۈنۈملۈك ھالدا يەر شارىدىكى بايلىقلارنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشى، ياشاش شارائىتىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بەلگىلىك ھەسسىسىنى قوشۇشى زۆر =====