لۇتپۇللا مۇتەللىپ: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
501 -قۇر:
1957# - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان « ياشلىق ئۆگەن » نامىدىكى 18 شائىرنىڭ كوللىكتىپ توپلىمىغا ل.مۇتەللىپنىڭ « ياشلىق ئۆگەن »، « بىز شىنجاڭ ئوغۇل- قىزلىرى »، « چىمەن »، « لېنىن شۇنداق ئۈگەتكەن »، « تۈن يېرىپ ئىزلار باسقاندا »، « پارچە » قاتارلىق ئالتە پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن.
16. زەينىدىن ساليوف « ياشلار ئۆگىنىشى » ژۇرنىلى 1957 - يىللىق 2 - سانىدا ل . مۇتەللىپكە تەقلىد قىلىپ « غۇلاچ تاشلا » ناملىق شېئىرىنى يازغان ھەم شېئىرنىڭ بېشىغا ل . مۇتەللىپنىڭ « ياشلىق ئۆگەن » ناملىق شېئىرىدىن بىر كۇپلىت مىسال ئالغان.
17. #شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشىمىسىدىن چىقىرىلىدىغان خەنزۇچە « تىيانشان » ژۇرنىلىنىڭ 1957 - يىللىق 1 - سانىغا ئابدۇكېرىم خۇجايۇف تەرجىمە قىلغان ل . مۇتەللىپنىڭ « كۈرەشچان جۇڭگو خوتۇن قىزلىرى » ناملىق شېئىرى بېسىلغان.
18. #شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشىمىسىدىن چىقىرىلىدىغان خەنزۇچە « تىيانشان » ژۇرنىلىنىڭ 1957 - يىللىق 2 - سانىغا ئابدۇكېرىم خۇجايۇف بىلەن يۈسۈپ خوجايۇف بىللە تەرجىمە قىلغان ل . مۇتەللىپنىڭ « كۆرىشىۋاتىمىز »، « چىمەن»، « ئىشلە دېھقان ئاكا »، « دوستۇمغا »، « خوش » قاتارلىق شېئىرلىرى بېسلغان.
19. #شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشىمىسىدىن چىقىرىلىدىغان خەنزۇچە « تىيانشان » ژۇرنىلىنىڭ 1957 – يىللىق 3- سانىغا ئابدۇكېرىم خۇجايۇف تەرجىمە قىلغان ل . مۇتەللىپنىڭ « مۇھەببەت ھەم نەپرەت » داستانى بېسىلغان.
20. #« تارىم » ژورنىلى1957 - يىللىق 9 - سانىدا شائىر ۋاپاتىنىڭ 12 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن « ل.مۇتەللىپنىڭ يېڭى تىپىلغان شېئىرلىرى » دېگەن سەھىپىدە ل.مۇتەللىپنىڭ « مۇختىمىلات »، « مىشچان قىز »، « تۈن يىرىپ ئىزلار باسقاندا »، « پارچە » قاتارلىق ئەسەرلىرى بېسىلغان.
21. #« تارىم » 1958 - يىللىق 6 - سانىغا ت.ئېلىيوفنىڭ « ل.مۇتەللىپ يەنە بىز بىلەن » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان.
22. #« تارىم » 1958 - يىللىق 9 - سانغا ۋاڭ يۈخۈينىڭ « ل.مۇتەللىپنىڭ <جۇڭگو> دېگەن ئۆلمەس شېئىرىنى ئوقۇغاندا » ناملىق ماقالىسى بىسىلغان، يەنە ل.مۇتەللىپنىڭ « ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق »، « خەلقىمگە »، « خوش »، « كەل يېڭى يىل »، « ئازاد گۈلىستانى ياسار »، « دوستۇم » قاتارلىق يېڭى تىپىلغان شېئىرلىرىمۇ بىسىلغان.
23. #شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشىمىسىدىن چىقىرىلىدىغان خەنزۇچە « تىيانشان » ژۇرنىلىنىڭ 1958 - يىللىق9 - سانىغا يۈسۈپ خوجايۈف تەرجىمە قىلغان ل . مۇتەللىپنىڭ« ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق »، « بوراندىن كېيىنكى ئاپتاپ »، « جۇڭگو پارتىزانلىرى »، « كۈرەش »، « باتۇر يىللار »، « يانار تاغلار » قاتارلىق شېئىر ۋە درامىمىسى بىلەن ئابدۇكېرىم خوجايۇفنىڭ ل . مۇتەللىپنى خاتىرلەپ يازغان « سېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈڭ ئېچىلدى » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان.
24. #« ياش كوممۇنىسىت » ژۇرنىلى (يېرىم ئايلىق ژۇرنال)نىڭ 1959 - يىللىق 15 - سانىدا ھېزىم قاسىمنىڭ « مۇتەللىپ خاتىرىسى » ناملىق شېئىرى بېسىلغان.
25. #« تارىم » ژورنىلىنىڭ 1959 - يىللىق 1 - سانىدا ل.مۇتەللىپنىڭ « مىللەﺗﭽﯩ- لەرگە زەربە »، « ھەسەن - ھۈسەن »، « مۇخەممەس » قاتارلىق شېئىرلىرى بېسىلغان.
26. #شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشىمىسىدىن چىقىرىلىدىغان خەنزۇچە « تىيانشان » ژۇرنىلىنىڭ 1959 - يىللىق10 - سانىغا يۈسۈپ خوجايۈف تەرجىمە قىلغان « ل . مۇتەللىپنىڭ ئىككى پارچە شېئىرى » دېگەن ماۋزۇدا « ھەسەن –ھۈسەن » شېئىرى بىلەن « مۇخەممەس » شېئىرى بېسىلغان.
27. #« تارىم » ژورنىلىنىڭ 1959 - يىللىق 10 - 11 - سانلىرىدا لىيۇ شىياۋۋۇ، ئەلقەم ئەختەم، ئابدۇكېرىم خوجايوف، زەي دىسىڭلار بىرلىكتە يازغان ل.مۇتەللىپنىڭ ئىنقىلابىي ھاياتىغا بېغىشلانغان « يېراقتىكى ئۇچقۇنلار » ناملىق سېنارىيە بېسىلغان. بۇ سىنارىيە 1958 - يىلى دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىغا سوۋغا سۈپىتىدە يېزىلىپ، 1959 - يىلى بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىلغان.
28. #« تارىم » ژورنىلىنىڭ 1960 - يىللىق 8 - 9 قوشما سانىدا ل . مۇتەللىپنىڭ پۈتۈن ئەسەرلىرىنىڭ خەنزۇچە توپلىمى چىقىرىلدۇ دەپ خەۋەر بېرىلگەن.
29. #« شىنجاڭ ئەدەبىياتى » (خەنزۇچە) ژورنىلىنىڭ 1962 - يىللىق 4 - سانىدا مۆمىن مۇھەممىدى يازغان « قاينام ئۆركىشى » ناملىق ئوچېرىك ئېلان قىلىنغان.
30. #جۇڭگو ياشلار نەشرىياتى شىياۋ سەن باش مۇھەرىرلىكىدىكى 1962 - يىلى 6 - ئايدا تولۇقلاپ نەشر قىلغان « ئىنقىلابىي قۇربانلار شېئىرلىرىدىن ناملىق كىتابقا ل . مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاپ »، « خىيالچان تىلەك »، « بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى »، « مۇخەممەس »، « كۈرەشچان جۇڭگو خوتۇن ـ قىزلىرى »، « تۈن يېرىپ ئىزلار باسقاندا » قاتارلىق 6 پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. كىتابنىڭ شىياۋ سەن يازغان كىرىش سۆزىدە ل . مۇتەللىپنىڭ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلىرى تەھلىل قىلىنغان. بۇ كىتابقا يەنە تېيىپچان ئېلىيۇف يازغان « چېلىش يىللىرىنىڭ باتۇر كۈيچىسى » ناملىق ماقالىنىڭ قىسقارتىلىمىسىمۇ كىرگۈزۈلگەن.
31. #« شىنجاڭ ئەدەبىياتى » (خەنزۇچە) ژورنىلىنىڭ 1962 - يىللىق 11 - 12 قوشما سانىدا « ل.مۇتەللىىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرلەيمىز » دېگەن سەھىپە ئېچىلىپ، ژۇرنال نامىدىن « شائىر، جەڭچى، ۋەتەننىڭ سادىق ئوغلى » دېگەن ماقالە بېسىلغان. تىيەن جەننىڭ« ل.مۇتەللىپنى ئەسلەپ »، ئەلقەم ئەختەمنىڭ « ئەسلىدىم »، نېمشىھىتنىڭ« مېنىڭ سېغىنىشىم »، تېيىپچان ئېلىيۇفنىڭ « ئەسلەش » قاتارلىق مەرسىيەلىرى ۋە شىبە يازغۇچىسى گوجىنەننىڭ « ۋەتەننىڭ ياخشى ئوغلى » دېگەن شېئىرى بېسىلغان. ئاندىن « ل . مۇتەللىپ شېئىرلىرى » دېگەن ماۋزۇدا ل . مۇتەللىپنىڭ « جۇڭگو »، « ۋەتەن ئەلا، خەلق ئەلا »، « بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى » ،« مىللەتچىلەرگە زەربە »، « يىللارغا جاۋاپ »، « ماي ناخشىسى »، « شائىر توغرىسىدا مۇۋەششەھ »، « ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق »، « كۈرەش قىزى »، « ئەدەبىياتتىكى تىپ توغرىسىدا » قاتارلىق ئەسەرلىرى بېسىلغان.
32. #« شىنجاڭ ئەدەبىياتى » ژورنىلىنىڭ 1963 - يىللىق 7 - سانىغا شىياۋ سەننىڭ « ئىنقىلابىي قۇربانلار شېئىرلىرى » دېگەن كىتابقا يازغان كىرىش ماقالىسى رەخىم قاسىمۇف تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ بېسىلغان. بۇ ماقالىدا ل.مۇتەللىپنىڭ ئۈچ پارچە شېئىرى تىلغا ئېلىنغان ھەم تەھلىل قىلىنغان.
33. #« شىنجاڭ ئەدەبىياتى » ژورنىلىنىڭ 1965 - يىللىق 5 - سانىدا « ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلبىسىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز » ئىستۇنىدا ل.مۇتەللىپنىڭ « جۇڭگو پارتىزانلىرى » دېگەن شېئىرى بېسىلغان.
34. #شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1978 - يىلى 10 - ئايدا نەشر قىلغان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ« تىل ـ ئەدەبىيات دەرسلىكى » 4 - قىسىمغا ل . مۇتەللىپنىڭ « بىز شىنجاڭ ئوغۇل ـ قىزلىرى » ناملىق شېئىرىنى كىرگۈزگەن. شۇنىڭدىن كېيىن نەشر قىلىغان ئۇيغۇر ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ « تىل ـ ئەدەبىيات » دەرسلىكىلىرىگە ل . مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاپ »، « بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى »، « خىيالچان تىلەك »، « پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ »، « ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق »، « جۇڭگو » قاتارلىق كۆپلىگەن شېئىرلىرى كىرگۈزۈلدى.
35. #شائىر ئەزىزوف قاسىم 1979 - يىلى 2 - ئايدا ل.مۇتەللىپكە بېغىشلاپ « يىللار كۈيچىسىگە » ناملىق شېئىرىنى يازغان. بۇ شېئىر شائىرنىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى 1986- يىلى نەشر قىلغان « قىلىچ » ناملىق شېئىرلار توپلمىغا كىرگۈزۈلگەن.
36. #« شىنجاڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ1979– يىللىق 4 – سانىدا « ئىنقىلابى شائىر لوتپۇللاھ مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىن » دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا شائىرنىڭ تەرجىمھالى، ئىجادىيەت ئەھۋالى، ئۇنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا نامى قارىلانغانلىقنى، 3 – ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن نامىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىىگە دائىر مەزمۇنلار بېسىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭ « يىللارغا جاۋاب »، « جۇڭگو »، « خىيالچان تىلەك » قاتارلىق 3 پارچە شېئىرنى باسقان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەلقەم ئەختەمنىڭ ل . مۇتەللىپكە بېغىشلىغان « ئەسلىدىم »، ھەسەن تېلىۋالدىنىڭ « ل . مۇتەللىپكە »، تۇرسۇن قۇرباننىڭ « قەۋرەڭنى ئىزلەپ » قاتارلىق شېئىرلىرىمۇ بېسلىغان.
37. #« شىنجاڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى » (خەنزۇچە) ژورنىلىنىڭ1979– يىللىق 4 – سانىغا « ل . مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىن » دېگەن ماۋزۇدا لوتپۇللاھ مۇتەللىپنى تونۇشتۇرغان ماقالە بېسىلغان. ئاندىن « جۇڭگو »، « يىللارغا جاۋاپ »، « شائىر توغرىسىدا مۇۋەششەھ »، « تۈن يېرىپ ئىزلار باسقاندا » . « ماۋۇزسىز » قاتارلىق شېئىرلىرى بېسىلغان.
38. #« شىنجاڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ1979– يىللىق 7 – سانىغا ئىبراھىم سەيدۇللانىڭ لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ۋاپاتنىڭ 35يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يازغان « كۈرەشچان ھايات، شانلىق قۇربان » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان.
39. #« شىنجاڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ 1979 - يىللىق 9 – سانىدا ئىنقىلاۋى شائىر ل . مۇتەللىپ ۋاپاتىنىڭ 34 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس سەھىپە ئېچىلىپ « ل . مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىن » دېگەن ماۋزۇدا شائىرنىڭ يېڭىدىن تېپىلغان ماۋزۇسىز شېئىرى پارچىلىرىدىن تەركىپ تاپقان 6 پارچە شېئىرنى ۋە « بىز شىنجاڭ ئوغۇل - قىزلىرى »، « تۈن يېرىپ ئىزلار باسقاندا »، « ياشلىق ئۆگەن »، « ئىككى لىرىكا » قاتارلىق شېئىرلىرىنى ئېلان قىلدى. يەنە ئەزىزۇپ قاسىمنىڭ « قاينام ئۆركىشىنى ئەسلەيمەن »، ئىلھامجاننىڭ« شائىر لوتۇن »، ماھمۇت زەيدىنىڭ « قاينام ئۆركىشىگە » قاتارلىق شېئىرلىرى ئېلان قىلىندى. بۇ ساندا يەنە رەھىم قاسىمنىڭ « سۆيۈملۈك ئىنقىلاۋى شائىر لوتپۇللاھ مۇتەللىپ » ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى. يەنە ئىبراھىم سەيدۇللانىڭ« كۈرەشچان ھايات، شانلىق قۇربان » تېمىلىق ماقالىسى بېسىلغان. ئۇندىن باشقا يەنە ل . مۇتەللىپنىڭ 1941 – يىلىدىكى « شىنجاڭ گېزىتى » دىكى خىزمەتدىشى ئابدۇرەھىم روزى جۇشقۇننىڭ « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ھەققىدە ئەسلىمە » ناملىق ئەسلىمىسىمۇ بېسلغان.
40. #« شىنجاڭ ئەدەبىياتى » ژورنىلىنىڭ 1980 - يىل 1 - سانىدا شائىر رەخىم قاسىمنىڭ ل . مۇتەللىپ بىلەن نېمشېھىت ئىككىسىگە بېغىشلانغان « شائىر » ناملىق 121 كۇبلېتلىق چوڭ ھەجىملىك داستانى بېسىلغان.
41. #شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتى نەشرگە تەييارلىغان، مىلەتلەر نەشرىياتى 1980 - يىلى نەشر قىلغان كولېكتىپ توپلام « ھېكايىلەر » توپلىمىغا ل . مۇتەللىپنىڭ « ئەجەل ھودۇقىشىدا »، « پادىشاھ سامورايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ »، « ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق » قاتارلىق ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن.
42. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1980 - يىللىق 1 - سانىدا زەينۇرە ئەيسانىڭ « سەبدەگۈل » باللاداسى ئېلان قىلىنغان، باللادادا سەبدەگۈلنىڭ ل . مۇتەللىپكە بولغان مۇھاببىتى ۋە سېغىنىشىنى ۋاستە قىلىپ، ل . مۇتەللىپنىڭ ئازادلىقتىن بۇرۇنقى ئىنقىلاۋى ھاياتى، مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدىكى نامىنىڭ قارلىنىشى، 3 - ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن قايتا ئەسلىگە كېلىش جەريانى لىرىك ئوبراز بايانى بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن.
43. « شىنجاڭ ياشلىرى » ژورنىلىنىڭ 1980 - يىللىق 4 - 5 - 6 - 7 - سانلىرىغا ئابدۇللا تالىپ يازغان « ل.مۇتەللىپ ۋە ياش ئەۋلاتلار » ناملىق ماقالە بېسىلغان.