لۇتپۇللا مۇتەللىپ: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق
Content deleted Content added
Aturantekin (مۇنازىرە | تۆھپە) |
Aturantekin (مۇنازىرە | تۆھپە) |
||
496 -قۇر:
#« شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ1955 - يىللىق 8 – سانىدا « ل.مۇتەللىپ ۋاپاتىنىڭ 10يىللىقى ئالدىدىن» دېگەن سەھىپە ئىچىلىپ، ت.ئېلىيوفنىڭ « ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك شائىرى » دېگەن ماقالىسى بىسىلغان، بۇ ماقالە جەمئىي 23 بەتلىك. بۇ ماقالە ل.مۇتەللىپنىڭ ئىجادىي ھاياتى ۋە ئىجادىيتىدىكى ئىلغار ئىددىيەلەرنى تەپسىلىي تەھلىل قىلىشقا بىغىشلاپ ئىككى بۆلەك بويىچە يېزىلغان. مىنىڭچە ل.مۇتەللىپ ھەققىدە بۇ ئەڭ دەسلەپتە يېزىلىپلا قالماي، يەنە مۇكەممەل يېزىلغان ماقالىدۇر.
#« شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ 1955 - يىللىق 9 - سانىدا « ل.مۇتەللىپ ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن » دېگەن مەخسۇس سەھىپە ئىچىلىپ « چىلىش يىللىرىنىڭ باتۇر كۈيچىسى » ناملىق مەخسۇس ماقالە بېسىلغان. ئاندىن « ل.مۇتەللىپ ئەسەرلىرىدىن » دېگەن سەھىپىدە « يىللارغا جاۋاب »، « يانار تاغلار »، « ماي كۈرەشچان ئاي »، « ھورۇن دېھقانغا »، « بىزنىڭ مەمەت »، « پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ » قاتارلىق ئەسەرلىرى بىسىلغان. ل.مۇتەللىپكە ئاتالغان ئەسەرلەردىن تۇردى سامساقنىڭ « شائىر » ناملىق شېئىرى، يازغۇچى ئابدۇراخمان قاھارنىڭ « مەڭگۈ بىز بىلەن » شېئىرى، مەمەت يۈسۈپنىڭ « پەخىرلىنىپ تىلغا ئالىمىز » ناملىق شېئىرى، ئابدۇكېرىم خوجايوفنىڭ « بىرىنچى جەڭدە » ناملىق ھېكايىسى بىسىلدى. بۇ ھېكايىدە ل.مۇتەللىپنىڭ ئاقسۇغا سۈرگۈن قىلىنىش جەريانى ۋە ئاقسۇدا « ياپۇن جاھانگىرلىكىگە قارشى ناخشىلارنى ئېيتتى » دېگەن نام بىلەن بىرىنچى قېتىم تۈرمىگە سولىنىش جەريانى تەسۋىرلەنگەن.
#مەمەت سىدىق نۇرۇزۇۋنىڭ نەشرىگە تەييارلىشى بىلەن1955 - يىل شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ل.مۇتەللىپنىڭ « مۇھەببەت ھەم نەپرەت » ناملىق تۇنجى شېئىرلار توپلىمىنى نەشر قىلغان. توپلامنىڭ بىشىغا ت.ئېلىيوفنىڭ « چىلىش يىللىرىنىڭ باتۇر كۈيچىسى » ناملىق ماقالىسى بېرىلگەن، توپلامغان ل.مۇتەللىپنىڭ 37 پارچە ئەسىرى كىرگۈزۈلگەن.
#شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشىمىسىدىن چىقىرىلىدىغان خەنزۇچە « تىيانشان » ژۇرنىلىنىڭ 1957 - يىللىق 1 - سانىغا ئابدۇكېرىم خۇجايۇف تەرجىمە قىلغان ل . مۇتەللىپنىڭ « كۈرەشچان جۇڭگو خوتۇن قىزلىرى » ناملىق شېئىرى بېسىلغان.
#شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشىمىسىدىن چىقىرىلىدىغان خەنزۇچە « تىيانشان » ژۇرنىلىنىڭ 1957 - يىللىق 2 - سانىغا ئابدۇكېرىم خۇجايۇف بىلەن يۈسۈپ خوجايۇف بىللە تەرجىمە قىلغان ل . مۇتەللىپنىڭ « كۆرىشىۋاتىمىز »، « چىمەن»، « ئىشلە دېھقان ئاكا »، « دوستۇمغا »، « خوش » قاتارلىق شېئىرلىرى بېسلغان.
|