قۇياش سىستېمىسى: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
No edit summary
No edit summary
3 -قۇر:
[[ھۆججەت:Planets2008.jpg |350px]]
 
<big>'''قۇياش سىستىمىسى''' بۇندىن تەخمىنەن 4مىليارد 600مىليۇن يىل ئىلگىرى قۇياشنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ قۇياش يۇلتۇزى تۇماننىڭ مەركەزنى ئايلىنىپ چۆگلەپ ئۈزلۈكسىز ئۇيۇششىدىن شەكىللەنگەن، بىر قانچە تەرتىپلىك تىزىلغان پىلانىتلاردىن تۈزۈلگەن ئاسمان جىسىملىرى سىستىمىسى.قۇياش سىستىمىسى سەككىز پىلانىت تۆت پەتەك پىلانىت،63دانە ھەمرا،بىر مىليۇن دانە ئەتراپىدا كىچىك پىلانىت (مىتئورىت)،سانسىزلىغان قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز ۋە ئالەم ئارا ماددىلاردىن تەشكىل قىلغان پىلانىتلار سىستىمىسى.
 
قۇياش سامان يولى سىستىمىسىدىكى بىر ئاددى تۇرغۇن يۇلتۇز. قۇياش باشقا سانسىزلىغان تۇرغۇن يۇلتۇزلارغا ئوخشاش يۇلتۇز تۇمانىدىن شەكىللەنگەن . بۇ يۇلتۇز تۇمانى بۇندىن تەخمىنەن تۆت مىليارد 600 مىليۇن يىل ئىلگىرى سامان يولى سىستىمىسىنىڭ بىر بۆلىكىدە بولۇپ سامان يولى سىستىمىسى مەركىزى بىلەن بولغان ئارلىقى1017 * 2.5 كىلومىتىر يىراقلىقتا.ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ماسسى ھازىرقى قۇياش ماسسىنىڭ بەش مىليۇن ھەسسىگە تەڭ بولۇپ ناھايىتى ئۇزۇن يىللار ئۆز مەركىزىنى چۆرىدەپ ئايلىنىشىدىن ھازىقى قۇياش شەكىللەنگەن. قۇياش شەكىللىنپ ئۇزۇن ئۆتمەي قۇياش ئەتراپىدىكى باشقا ئالەم ماددىلىرى يىغىلىپ ھازىرقى سەككىز پىلانىت ۋە باشقا قۇياش سىستىمىسى ئەزالىرىنى شەكىلىلەندۈرگەن.
ھازىر قۇياش سىستىمىسىدا سەككىز چوڭ پىلانىت بار. بۇ پىلانىتلار ئىككى تۈرگە ئايرىلغان بولۇپ يەر شارى تىپىدىكىلەر. مىركۇرى، ۋىنىرا، مارىس، يەر شارى قاتارلىق قاتتىق بولغان يەر پوستىغا ئىگە بولغان پىلانىتلار. بۇلارنىڭ ھەمراھى ناھايىتى ئاز بولۇپ مىركۇرى ۋىنىرىلارنىڭ ھەمراھى يوق. مارىسنىڭ سىرتىدا كىچىڭ پىلانىتلار بەلبىغى بولغانىقى ئۈچۈن بۇ پىلانىتلار يەنە بەلباغ ئىچىدىكى پىلانىتلار دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە بىر تىپتىكىلەر يۇپىتىر تىپىدىكىلەر يەنى بەلباغ سىرسىتىدىكىلەر .ئۇلارنىڭ قاتتىق يەر پوستى يوق ئاساسەن گازلاردىن تۈزۈلگەن. ئۇلارنىڭ ھەمراھى ناھايىتى كۆپ . ئۇلارنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ئۇلار نۇر بەلبىغىغا ئىگە بولۇپ ساتۇرىننىڭ نۇر بەلبىغى ئەڭ گەۋدىلىك ھەم ناھايىتى ھەيۋەتلىك. بۇنىڭدىن باشقا يەنە قۇياش سىستىمىسىنىڭ يىراق بۇرجىكىدە ھەجىمى كىچىك ئۆزىنىڭ تارتىش كۈچى بىلەن ئەتراپىدىكى باشقا ئاسمان جىسىملىرىنى ھەيدىۋىتەلمەي ئەگەشتۈرۋالىدىغان پىلوتۇن ، چارون قاتارلىق پەتەك پىلانىتلارمۇ بار .
قۇياش سىستىمىسىنى سانسىزلىغان ئۇششاق مۇزسىمان ئاسمان جىسىملىرىدىن تەركىپ تاپقان‹‹ ئوۋتې ›› يۇلتۇز بۇلىتى ئوراپ تۇرىدۇ. ئۇلار قۇياشنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرسىلا قۇياش سىستىمىسغا قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز نامى بىلەن كىرىدۇ. ئۇلار قۇياشنىڭ يۇقىرى تىمپىراتۇرسى ۋە قۇياش بورىنىنىڭ تەسىرىدە ناھايىتى ھەيۋەتلىك قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز ھاسىل قىلىدۇ. قۇياشقا قانچە يىقىنلاشقانسىرى قۇيرۇقى شۇنچە چوڭ ھەم شۇنچە يورۇق بولىدۇ. قۇياش سىستىمىسى ئالەم ئارا بوشلۇقى ھەرگىزمۇ قۇرۇق ئەمەس ھەرخىل رادئاتسىيەلىك نۇرلار، گازلار ، ئالەم ئارا ماددىلار بىلەن تولغان.</big>
 
{{Link FA|en}}