قۇياش سىستېمىسى: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق
Content deleted Content added
No edit summary |
No edit summary |
||
2 -قۇر:
[[ھۆججەت:Planets2008.jpg |350px]]
<big><big>قۇياش سىستىمىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى ئىچىدىن سىرتىغا : [[مېركۇرىي]] ، [[ۋىنىرا]] ، [[يەر شارى]] ، [[مارس]] ، [[يۇپىتېر]] ، [[ساتۇرن]] ، [[ئۇران]] ، [[نېپتۇن]] .
[[قۇياش]] بولسا سامان يولى سىستىمىسىدىكى بىر ئاددى تۇرغۇن يۇلتۇز. [[قۇياش]] باشقا سانسىزلىغان تۇرغۇن يۇلتۇزلارغا ئوخشاش يۇلتۇز تۇمانىدىن شەكىللەنگەن . بۇ [[يۇلتۇز تۇمانى]] بۇندىن تەخمىنەن تۆت مىليارد 600 مىليۇن يىل ئىلگىرى سامان يولى سىستىمىسىنىڭ بىر بۆلىكىدە بولۇپ ، سامان يولى سىستىمىسى مەركىزى بىلەن بولغان ئارلىقى 30 مىڭ يۇرۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا. ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ماسسى ھازىرقى قۇياش ماسسىنىڭ بەش مىليۇن ھەسسىگە تەڭ بولۇپ ناھايىتى ئۇزۇن يىللار ئۆز مەركىزىنى چۆرىدەپ ئايلىنىشىدىن ھازىقى قۇياش شەكىللەنگەن. قۇياش شەكىللىنپ ئۇزۇن ئۆتمەي قۇياش ئەتراپىدىكى باشقا ئالەم ماددىلىرى يىغىلىپ ھازىرقى سەككىز پىلانىت ۋە باشقا قۇياش سىستىمىسى ئەزالىرىنى شەكىلىلەندۈرگەن.
ھازىر قۇياش سىستىمىسىدا سەككىز چوڭ پىلانىت بار. بۇ پىلانىتلار ئىككى تۈرگە ئايرىلغان بولۇپ [[يەر شارى]] تىپىدىكىلەر: [[مىركۇرى]] ، [[ۋېنىرا]] ، [[مارس]] ، [[يەر شارى]] قاتارلىق قاتتىق بولغان يەر پوستىغا ئىگە بولغان پىلانىتلار. بۇلارنىڭ ھەمراھى ناھايىتى ئاز بولۇپ مىركۇرى ۋىنىرىلارنىڭ ھەمراھى يوق. مارىسنىڭ سىرتىدا كىچىڭ پىلانىتلار بەلبىغى بولغانىقى ئۈچۈن بۇ پىلانىتلار يەنە بەلباغ ئىچىدىكى پىلانىتلار دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە بىر تىپتىكىلەر يۇپىتىر تىپىدىكىلەر : يەنى بەلباغ سىرسىتىدىكىلەر . ئۇلارنىڭ قاتتىق يەر پوستى يوق . ئاساسەن گازلاردىن تۈزۈلگەن. ئۇلارنىڭ ھەمراھى ناھايىتى كۆپ . ئۇلارنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ئۇلار نۇر بەلبىغىغا ئىگە بولۇپ ساتۇرىننىڭ نۇر بەلبىغى ئەڭ گەۋدىلىك ھەم ناھايىتى ھەيۋەتلىك. بۇنىڭدىن باشقا يەنە قۇياش سىستىمىسىنىڭ يىراق بۇرجىكىدە ھەجىمى كىچىك ئۆزىنىڭ تارتىش كۈچى بىلەن ئەتراپىدىكى باشقا ئاسمان جىسىملىرىنى ھەيدىۋىتەلمەي ئەگەشتۈرۋالىدىغان پىلوتۇن ، چارون قاتارلىق پەتەك پىلانىتلارمۇ بار .
|