قېلىپ:Parang témisi: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
No edit summary
No edit summary
20 -قۇر:
|-
| [[ساھىبجامال دۆلەت ھەققىدە]]
| [[يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى]]
big>شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ، داڭلىق ئالىم ھەمدە ئۇيغۇرلاردىن چىققان بىردىنبىر داڭىق قازانغان ئايال ئالىم .
يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سىستىمىسى(Global Positioning System – GPS) بولسا ئامىركا 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ تەتقىق قىلىشقا باشلىغان، 20يىل تەتقىق قىلىنىپ ۋە 200مىرلىياد ئامىركا دوللىرى سەرىپ قىلىنىپ 1994-يىلى بارلىققا كەلگەن سۈنئى ھەمرا ئورۇن بىكىتىش سىستىمېسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سېستىما قۇرۇقلۇق، دېڭىز، بوشلۇق تولۇق قاپلانغان ئورۇن بېكىتىش رولىغا ئىگە. يېقىنقى 10يىلدىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ ئۆلچەش تارماقلىرى مەزكۇر تېخنىكىنى يەر ئۆلچەش ، قۇرلۇش ئۆلچەش ، بوشلۇقتا سۆرەتكە ئېلىش ، يەر پوستىنىڭ يوتكىلىشىنى كۆزىتىش ، قۇرلۇشلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىش، ۋە بايلىقلارنى تەكشۇرۇش قاتارلىق ساھالەرگە ئىشلىتىپ، ئولچەش ساھەسىدە بىر مەيدان چوڭقۇر تېخنىكىلىق ئىنقىلاپ قوزغىدى. يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سىستىمىسى(Global Positioning System – GPS) ئامىركىنىڭ 2-ئەۋلاد سۇنئىي ھەمراھ يولباشلاش سېستىمىسى. بۇ سېستىما تىرانزىت ھەمراھىنىڭ ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. ئۇ تىرانزىت سېستىمىسنىڭ مۇۋاپىقىيەت تەجىربىلىرىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ تىرانزىت سېستىمىسىغا ئوخشاش، يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سىستىمىسى، بوشلۇق قىسمى ، يەر يۈزىدىن كۆزىتىش ۋە ئابونتلار قوبۇل قىلىش ئۈسكىنىسى قاتارلىق 3قىسىمدىن تەركىپ تاپقان. ھازىرقى لايىھەدە يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سىستىمىسىنىڭ، بوشلۇق قىسىمى ئېگىزلىگى 20000مىڭ مېتىر ئىگىزلىكتىكى 24 دانە سۈنئىي ھەمراھتىن تەشكىل تاپقان. 24+3 دانە سۈنئىي ھەمراھ يۇمۇلاق ئوربىتىدا ئايلىنىدۇ. بىر قېتىم ئايلىنىش ۋاقتى تەخمىنەن 11سائەت 58 مىنۇت، بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا 6 ئوربىتا يولىغا بۆلۇنگەن(ھەر بىرسىدە 4 دانىدىن سۈنئى ھەمراھ بار)، ئوربىتىنىڭ كۆرۇش بۇلۇڭى 55 گىرادۇس. سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ سىگىنال تارقىتىش دائىرىسى يەر شارىنىڭ ھەممە يىرىنى قاپلىغان، ھەرقانداق ۋاقىتتا 4 تىن يۇقىرى سۇنئىي ھەمراھنىڭ سىگىنالىنى قۇبۇل قىلىشقا بولىدۇ ۋە ئېنقلىغى يۇقرى بولغان گىئومىتىريىلىك رەسىمگە ئىرىشكىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرۋاقىت، ھەرجايدا يولباشلاش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.+ l# c9 ?& ]+ k يەر ئۈستى كۆزىتىش بۆلىكى ئۆز ئىچىدىن 4 بۆلەككە بولۇنگەن. كىرگىزۇش پونكىتى ۋە ئاساسىي باش پونكىتغا بۆلىنىدۇ. كۆزىتىش پونكىتىدە GPSئابونتلار قوبۇل قىلغۇچ. ئاتوملۇق سائەت، يەرلىكنىڭ ھاۋارايى مەلۇماتلىرىنى يىغىدىغان سېزور قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆزۇتىش پونكىتىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى سۇنئىي ھەمراھ ئەۋەتكەن ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىپ ئاساسىي پونكىتغا يوللاپ بېرىش. ئاساسىي پونكىت ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ بازىسىغا ئورۇنلاشتۇرلدۇ. ئۇ يەر ئۇستى كۆزىتىش بۆلىكىنى ھەرۋاقىت نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ. ئاساسلىق پونكىتنىڭ ۋەزىپىسى ھەرقايسى كۆزىتىش نۇقتىلىرى قوبۇل قىلغان GPS سانلىق ئۇچۇرلىرىنى يىغىش. بۇ سانلىق ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ ھەر بىر GPS سۇنئىي ھەمراھيىنىڭ ئوربىتىسى ۋە سۇنئىي ھەمراھ سائىتىنى توغۇرلايدۇ. كىرگۇزۇش پونكىتىمۇ ھاۋا ئارمىيىسنىڭ بازىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى- ھەربىر سۇنئىي ھەمراھ قوزغۇلۇپ بوشلۇققا چىققىچە بولغان ۋاقىتتا يولباشلاش ئۇچۇرلىرىنى ۋە ئاساسىي پونكىتتىن چىققان بۇيرۇقلارنى سۇنئىي ھەمراھغا كىرگۇزۇش، ھەربىر GPS سۇنئىي ھەمراھىغا بۇنداق كىرگۇزۇش كۇندە بىر قېتىم ئېلېپ بېرىلىدۇ. ھەم سۇنئىي ھەمراھ كىرگۇزۇش پونكىتىنىڭ دائىرسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن بىر قېتىم كىرگۇزۇلىدۇ. يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سىستىمىسىنىڭ ئىقتىدارى مۇكەممەل، ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى ، ئىشلىتىش دائىرىسى كەڭ، بۇ ھازىرقى ئەڭ ياخشى يولباشلاش ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى . ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسىنىڭ ئىلغارلىشىغا ئەگىشىپ، قاتتىق، يۇمشاق دېتاللارمۇ مۇكەممەللەشمەكتە. ئىشلىتىش دائىرسى ئۇزلۇكسىز كېڭەيمەكتە. ھازىر دۆلەتلەرنىڭ ئىقتساد ئورۇنلىرىمۇ ئىشلەتمەكتە. ھەم ئاستا ئاستا كىشلەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرمەكتە
<big><big>ساھىبجامال دۆلەت 1967-يىلى 10-ئايدا [[خوتەن ۋىلايىتى]]نىڭ چىرا ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىنلا تەبىئەت ھادىسلىرى ۋە [[فىزىكا]] ئىلمىگە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغانلىقى تۈپەيلى ئالي مەكتەپتە فىزىكىدا ئوقۇشنى تاللىدى، 1985-يىلى شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن جاپاغا چىداپ تىرشىپ ئۆگىنىپ ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇشنى تاماملاپ 1990-يىلى تېخىمۇ يۇقىرىلاپ ئوقۇش ئارزۇسى بىلەن بىر تۇتاش ئېلىندىغان ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئمتىھانىغا قاتنىشىپ يۇقىرى نەتىجە بىلەن ئۆتۈپ شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىنىڭ نەزەرىيە فىزىكىسى كەسپىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇشقا كىردى. 1995 -يىلى ئۇ ئىتالىيە خەلقئارا نەزەرىيە فىزىكىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ يۇقىرى ئېنېرگىيە فىزىكىسى تەتقىقات گۇرۇپپىسىدا ماگىستىر ئاسپىرانتلار دەرىسلىگى بويىچە بىر يىل بىلىم ئاشۇرۇشنى قولغا كەلتۈردى. 1998-يىلىدىن باشلاپ ئۇ يەنە [[جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى]]نىڭ نەزەرىيە فىزىكىسى تەتقىقات مەركىزى بىلەن [[گېرمانىيە بونن ئۇنىۋېرىستېتى]] بىرلىشىپ تەشكىللىگەن دوكتورلۇق ئوقۇش نوقتىسىغا ئوقۇشىغا كىردى. ساھىبجامالنىڭ دوكتۇرلۇق ئوقۇش جەريانىدىكى تېمىسى «كونفورمال مەيدان نەزەرىيىسىنىڭ تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى» ئىدى. مەركىزى زەررەت c=2 بولغان كونفورمال مەيدان نەزەرىيىسىگە نىسبەتەن فىرانسىيىلىك داڭلىق فىزىكا ئالىمى دىجگىراف(R. Dijkgraaf)، ۋېرلىندى (Verlinde)ئاكا-ئۇكىلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدىكى دەسلەپكى ئىزدىنىشلىرىدە بەزى پەرەزلەرنى ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ كىشىنى قايىل قىلىدىغان ھەل قىلىش ئۇسۇلى تېخىچە ئوتتۇرىغا چىقمىغان ئىدى. ساھىبجامال ئىزچىل بوشاشماي تەتقىق قىلىش ئارقىلىق سېستىمىنىڭ سىممىترىكلىك قانۇنىيتىنى تېپىپ چىقىش ئارقىلىق كونفورمال مەيدان نەزەرىيەسى تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «مەركىزى زەررەت c=2بولغان كونفورمال مەيدان نەزەريىسىنى تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى» دىن ئىبارەت قىيىن مەسلىنى ھەل قىلدى، ھەم بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنى خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ژورنال «يۇقىرى ئېنىرگىيە فىزىكا ژورنىلى» دا ئېلان قىلدى. ئارقىدىنلا يەنە « مەركىزى زەرەت c=3، N=2 بولغان ئولترا كونفورمال مەيدان نەزەرىيىسىنىڭ تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى»دىن ئىبارەت دۇنيا نەزەرىيە فىزىكىسى ساھەسىدىكى ھەل قىلىش تەس بولغان يەنە بىر قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى. ئۇنىڭ ئىشلىگەن بۇ خىزمەتلىرى خەلقئارادا ئالدىنقى سەۋىيىدە بولۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى نۇرغۇنلىغان مۇتەخەسىسلەرنىڭ قايىللىقىنى قوزغىدى. خەلقئارادىكى داڭلىق نەزەرىيە فىزىكا ئالىمى ۋ. نام(W.Nahm) ئۆزىنىڭ باھالاش سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ:« بىرقىسىم ئالىملار بۇ نەزەرىيىۋى تۈرلەرنى تەتقىق قىلشقا ئۇرۇنۇپ باقتى. لېكىن مەسىلە ئويلىغىنىدىنمۇ بەكرەك مۇرەككەپ بولغىنى ئۈچۈن، ئۈزۈل-كېسىل ھەل بولمىغان ئىدى. مانا ئەمدى ساھىبجامالنىڭ مۇۋەپپەققىيىتى بۇ مەسىلىنىڭ يېشىمىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرى سۈردى. چۈنكى، ئۇ يۈكسەك تىرىشچانلىقى بىلەن، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن تەتقىقات گۇرۇپپىلىرىنى قىزىقتۇرۇپ كەلگەن بۇ تۈگۈننى ئاخىرى يەشتى. ئۇنىڭ ماقالىسىنى تامامەن مۇنەۋۋەر باھالاشقا بولىدۇ. ساھىبجامال ھازىر دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئېلىش سالاھىيىتىنى تولۇق ھازىرلىدى ». پروففېسسور نىللېسمۇ ساھىبجامالنىڭ ماقالىسىنى باھالاپ مۇنداق تەكىتلەيدۇ :« ساھىبجامال ئۆز ماقالىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ فىزىكاشۇناسقا خاس پەزىلىتىنى ئىسپاتلىدى. بولۇپمۇ، ئۇ ماقالىدىكى ماتېماتىكىلىق قۇرۇلمىلارنى ناھايىتى چوڭقۇر چۈشۈنۈپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق، ئىنتايىن مۇھىم ۋە يېڭى مۇۋەپپەققىيەتنى ۋۇجۇدقا چىقىرالىغان. كېسىپ ئېيتىمەنكى، ئۇنىڭ ماقالىسىنى مۇنەۋۋەر باھالاشقا بولىدۇ . خەلقئارالىق ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم بويىچە بولغاندىمۇ، ئۇ دوكتورلۇق ئىلمىي ئۈنۋانى ئېلىشقا تامامەن ھەقلىق ». پروففېسسور رويمېر ئۆزنىڭ باھالاش سۆزىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ :« ساھىبجامال تاللىغان بۇ تېما يۈكسەك ماھارەتنى، ئۇستىلىق بىلەن تەشكىللەشنى ۋە بىر-بىرىگە ئىرماش-چىرماش بوپ كەتكەن ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان نەزەرىيە فىزىكىسى ساھەسىدە بۆسۈپ ئىلگىرىلەشنى تەلەپ قىلىدىغان قىيىن مەسىلىدۇر. ساھىبجامالنىڭ ئەلا نەتىجىسى مەندە ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى.
|}