قېلىپ:Parang témisi: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
No edit summary
No edit summary
20 -قۇر:
|-
| [[ساھىبجامال دۆلەت ھەققىدە]]
big>شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ، داڭلىق ئالىم ھەمدە ئۇيغۇرلاردىن چىققان بىردىنبىر داڭىق قازانغان ئايال ئالىم .
<big><big>ساھىبجامال دۆلەت 1967-يىلى 10-ئايدا [[خوتەن ۋىلايىتى]]نىڭ چىرا ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىنلا تەبىئەت ھادىسلىرى ۋە [[فىزىكا]] ئىلمىگە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغانلىقى تۈپەيلى ئالي مەكتەپتە فىزىكىدا ئوقۇشنى تاللىدى، 1985-يىلى شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن جاپاغا چىداپ تىرشىپ ئۆگىنىپ ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇشنى تاماملاپ 1990-يىلى تېخىمۇ يۇقىرىلاپ ئوقۇش ئارزۇسى بىلەن بىر تۇتاش ئېلىندىغان ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئمتىھانىغا قاتنىشىپ يۇقىرى نەتىجە بىلەن ئۆتۈپ شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىنىڭ نەزەرىيە فىزىكىسى كەسپىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇشقا كىردى. 1995 -يىلى ئۇ ئىتالىيە خەلقئارا نەزەرىيە فىزىكىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ يۇقىرى ئېنېرگىيە فىزىكىسى تەتقىقات گۇرۇپپىسىدا ماگىستىر ئاسپىرانتلار دەرىسلىگى بويىچە بىر يىل بىلىم ئاشۇرۇشنى قولغا كەلتۈردى. 1998-يىلىدىن باشلاپ ئۇ يەنە [[جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى]]نىڭ نەزەرىيە فىزىكىسى تەتقىقات مەركىزى بىلەن [[گېرمانىيە بونن ئۇنىۋېرىستېتى]] بىرلىشىپ تەشكىللىگەن دوكتورلۇق ئوقۇش نوقتىسىغا ئوقۇشىغا كىردى. ساھىبجامالنىڭ دوكتۇرلۇق ئوقۇش جەريانىدىكى تېمىسى «كونفورمال مەيدان نەزەرىيىسىنىڭ تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى» ئىدى. مەركىزى زەررەت c=2 بولغان كونفورمال مەيدان نەزەرىيىسىگە نىسبەتەن فىرانسىيىلىك داڭلىق فىزىكا ئالىمى دىجگىراف(R. Dijkgraaf)، ۋېرلىندى (Verlinde)ئاكا-ئۇكىلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدىكى دەسلەپكى ئىزدىنىشلىرىدە بەزى پەرەزلەرنى ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ كىشىنى قايىل قىلىدىغان ھەل قىلىش ئۇسۇلى تېخىچە ئوتتۇرىغا چىقمىغان ئىدى. ساھىبجامال ئىزچىل بوشاشماي تەتقىق قىلىش ئارقىلىق سېستىمىنىڭ سىممىترىكلىك قانۇنىيتىنى تېپىپ چىقىش ئارقىلىق كونفورمال مەيدان نەزەرىيەسى تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «مەركىزى زەررەت c=2بولغان كونفورمال مەيدان نەزەريىسىنى تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى» دىن ئىبارەت قىيىن مەسلىنى ھەل قىلدى، ھەم بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنى خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ژورنال «يۇقىرى ئېنىرگىيە فىزىكا ژورنىلى» دا ئېلان قىلدى. ئارقىدىنلا يەنە « مەركىزى زەرەت c=3، N=2 بولغان ئولترا كونفورمال مەيدان نەزەرىيىسىنىڭ تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى»دىن ئىبارەت دۇنيا نەزەرىيە فىزىكىسى ساھەسىدىكى ھەل قىلىش تەس بولغان يەنە بىر قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى. ئۇنىڭ ئىشلىگەن بۇ خىزمەتلىرى خەلقئارادا ئالدىنقى سەۋىيىدە بولۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى نۇرغۇنلىغان مۇتەخەسىسلەرنىڭ قايىللىقىنى قوزغىدى. خەلقئارادىكى داڭلىق نەزەرىيە فىزىكا ئالىمى ۋ. نام(W.Nahm) ئۆزىنىڭ باھالاش سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ:« بىرقىسىم ئالىملار بۇ نەزەرىيىۋى تۈرلەرنى تەتقىق قىلشقا ئۇرۇنۇپ باقتى. لېكىن مەسىلە ئويلىغىنىدىنمۇ بەكرەك مۇرەككەپ بولغىنى ئۈچۈن، ئۈزۈل-كېسىل ھەل بولمىغان ئىدى. مانا ئەمدى ساھىبجامالنىڭ مۇۋەپپەققىيىتى بۇ مەسىلىنىڭ يېشىمىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرى سۈردى. چۈنكى، ئۇ يۈكسەك تىرىشچانلىقى بىلەن، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن تەتقىقات گۇرۇپپىلىرىنى قىزىقتۇرۇپ كەلگەن بۇ تۈگۈننى ئاخىرى يەشتى. ئۇنىڭ ماقالىسىنى تامامەن مۇنەۋۋەر باھالاشقا بولىدۇ. ساھىبجامال ھازىر دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئېلىش سالاھىيىتىنى تولۇق ھازىرلىدى ». پروففېسسور نىللېسمۇ ساھىبجامالنىڭ ماقالىسىنى باھالاپ مۇنداق تەكىتلەيدۇ :« ساھىبجامال ئۆز ماقالىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ فىزىكاشۇناسقا خاس پەزىلىتىنى ئىسپاتلىدى. بولۇپمۇ، ئۇ ماقالىدىكى ماتېماتىكىلىق قۇرۇلمىلارنى ناھايىتى چوڭقۇر چۈشۈنۈپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق، ئىنتايىن مۇھىم ۋە يېڭى مۇۋەپپەققىيەتنى ۋۇجۇدقا چىقىرالىغان. كېسىپ ئېيتىمەنكى، ئۇنىڭ ماقالىسىنى مۇنەۋۋەر باھالاشقا بولىدۇ . خەلقئارالىق ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم بويىچە بولغاندىمۇ، ئۇ دوكتورلۇق ئىلمىي ئۈنۋانى ئېلىشقا تامامەن ھەقلىق ». پروففېسسور رويمېر ئۆزنىڭ باھالاش سۆزىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ :« ساھىبجامال تاللىغان بۇ تېما يۈكسەك ماھارەتنى، ئۇستىلىق بىلەن تەشكىللەشنى ۋە بىر-بىرىگە ئىرماش-چىرماش بوپ كەتكەن ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان نەزەرىيە فىزىكىسى ساھەسىدە بۆسۈپ ئىلگىرىلەشنى تەلەپ قىلىدىغان قىيىن مەسىلىدۇر. ساھىبجامالنىڭ ئەلا نەتىجىسى مەندە ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى.