شىمالىي ياۋروپا: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
No edit summary
No edit summary
1 -قۇر:
{{TwinARAB|Shimaliy Yawropa}}
شىمالىي ياۋروپا (Nordic Europe)
 
 
«شىمالىي ياۋروپا» سىياسىي ۋە جۇغرافىيىلىك ئاتالغۇ بولۇپ، شىمالىي ياۋرۇپا كېڭىشىگە ئەزا دانىيە، شىۋىتسىيە، نورۋىگىيە، فىنلاندىيە ۋە ئىسلاندىيە قاتارلىق بەش دۆلەتنى كۆرسىتىدۇ. (يۇقارقى بەش دۆلەتتىن سىرت مۇتلەق مۇختارىيەتكە <ئاپتوردىن :ئاپتونومىيە> ئىگە فارويى تاقىم ئاراللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.) شىمالىي ياۋروپا غەربتە ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن، شەرقتە شەرقىي ياۋروپا بىلەن، شىمالدا شىمالىي مۇز ئوكيان بىلەن، جەنۇپتا ئوتتۇرا ياۋروپا بىلەن تۇتىشىدۇ. ئومومىي يەر كۆلۈمى 13مىليون كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق. يەر شەكرى تۈزلەڭلىك، تاغلىق، كۆل، يۇمىلاق تاشلىق، جىرالىق، ئېگىز-پەس جىلغىلاردىن تۈزۈلگەن. شىمالىي ياۋروپانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى سۇبفىرىزگىد (Sub-frigid zone) قىتئە كېلىماتىغا تەۋە بولۇپ ، قىش پەسلى ئۇزۇن، تېمپىراتورا تۆۋەن، ياز قىسقا سەلكىن بولىدۇ. شىمالىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ نوپۇس زىچلىقى باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قارىغاندا كۆپ تۆۋەن بولۇپ، ئىقتىسادىي سەۋىيىسى ياۋروپا بويىچە ئەڭ يۇقىرىدۇر. دانىيە، شىۋىتسىيە قاراتلىق دۆلەتلەرنىڭ گەرەژدانلار ئىشلەپ چىقىرىش ئومومىي قىممىتى دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدىدۇر. ئورمانچىلىق، ئېلىكتىر ئېنىرگىيىسى، تۆمۇر كان، بېلىقچىلىق، كېمىسازلىق ۋە سۇ ترانسىپورت قاتارلىقلار شىمالىي ياۋروپانىڭ ئەنئەنىۋىي ئىقتىساد ئەنزىسىدۇر.