شېئىر: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق
Content deleted Content added
ئازراقلاNo edit summary |
ئازراقلاNo edit summary |
||
1 -قۇر:
شېئىر ئەمگەكنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئەڭ قەدىمىي ئەدەبىي [[ژانىر]] ھېسابلىنىدۇ، ياۋروپادا مىلادىيىدىن9 ئەسىر ئىلگىرى قەدىمكى يۇناندا بۈيۈك شائىر [[ھومېر]] ئۆتكەن، ئۇنىڭ «[[ئىلئادا]]» ۋە «[[ئودىسسا]]» داستانلىرى ياۋروپا ئەدەبىياتى تارىخىدا ئەڭ بۇرۇن بارلىققا كەلگەن مۇنەۋۋەر ئېپوسلار ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگودا تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «
قاپىيىنىڭ ماسلىشىشىغا، مول تەسەۋۋۇرغا ۋە قىزغىن ھېسسىياتقا ئەھمىيەت بېرىش شېئىرنىڭ ئەڭ تۈپ ئالاھىدىلىكىدۇر. ھېسسىيات شېئىردا بىۋاسىتە ئىپادىلىنىدىغان ئوبيېكت، شېئىرنىڭ جېنى. تەسەۋۋۇر شېئىرنىڭ قانىتى، تەسەۋۋۇر بولمىسا، شېئىرىي ھېسسىياتمۇ ياخشى ئىپادىلەنمەيدۇ.
شېئىر ھېكايىگە، درامىغا ئوخشاش، تۇرمۇشنى ئۇنداق ئەتراپلىق، ئىنچىكە، كونكرېت تەسۋىرلىمەيدۇ. پەقەت ئالاھىدە مەنىگە ئىگە مەلۇم تۇرمۇش بۆلىكىنى مەركەزلەشتۈرىدۇ، ئومۇملاشتۇرىدۇ. مەسىلەن، [[بەي
شېئىر تىلى باشقا ژانىرلار تىلىدىن بەكرەك تاۋلىنىدۇ، ھەتتا ھەربىر سۆزى قايتا - قايتا تاللانغاندىلا، ئىدىيىۋى ھېسسىيات ۋە تۇرمۇش مەزمۇنىنى ئەڭ جايىدا ۋە تولۇق ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. بەزىلەرنىڭ شېئىر نەچچە مىڭ توننا تىل رۇدىسىدىن مەزمۇننى يېتەرلىك ئىپادىلىيەلەيدىغان بىر سۆز - ئىبارىنى تاۋلاپ چىقىشى كېرەك دېيىشىنىڭ ئاساسى مۇشۇ يەردە، شېئىردا كۈچلۈك ھېسسىياتنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئۇنىڭدا يەنە روشەن رىتىم ۋە ماس ۋەزىن بولۇشى كېرەك.
شېئىرنى قاپىيىسىگە قاراپ تۈرگە بۆلۈشكە توغرا كەلسە، ئۇ ئادەتتە [[قاپىيىلىك شېئىر]] ۋە [[قاپىيىسىز شېئىر]] دەپ بۆلۈنىدۇ؛ تىل شەكلىگە قاراپ [[ۋەزىنلىك شېئىر]] ۋە [[چاچما شېئىر]] دەپ بۆلۈنىدۇ؛ مەزمۇننى ئىپادىلەش شەكلىگە قاراپ [[لىرىك شېئىر]] ۋە [[ئېپىك شېئىر]] دەپ بۆلۈنىدۇ. ناۋادا بەزى شېئىرلار نەسر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولسا، ئۇنى [[نەسرىي شېئىر]] دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ.
[[تۈر:ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى]]
|