Wikipedia:Tor Jamiyeti: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
53 -قۇر:
 
== يېزىق شەكلى ==
# نۆۋەتتە قازاقچە، ئۆزبەكچە، خەنزۇچە قاتارلىق تىللار دۆلەت، رايون بويىچە، يېزىق شەكلى بويىچە تۈرلەرگە بۆلۈنگەن ھەم بۇ يېزىق شەكلى بويىچە ئاپتوماتىك ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلغان. ئۇيغۇرچە بەتنىمۇ شۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ ئەگەر بولسا، ئۇيغۇرچە يېزىق قايسى رايونلاردا قايسى خىل شەكلىدە مەۋجۇت. بۇنى قانداق قىلىمىز، مەسلىھەتلەشسەك بولىدۇ. بۇنىڭ ئوچۇق كودىنىمۇ كۆرۈپ باقتىم. مۇرەككەپچىلىك يوقكەن. ئەگەر قوشۇش زۆرۈر بولسا، ئۇلارغا ئىلتىماس سۇنۇشتىن بۇرۇن قايسى خىل يېزىق، رايونلارنى قوشىمىز، ئۆزىمىز چوقۇم ئوبدان مۇنازىرىلىشىشىمىز كېرەك. بولمىسا ئەينى يىللاردا يۇنىكود جەدۋىلىگە ئۇيغۇرچە ھەرپلەر ئۈچۈن كود ئىلتىماس قىلغاندا، ھەرپ چۈشۈپ قالغاندەك ئىش بولۇپ قالىدۇ. چوقۇم ئالدىن ياخشى ئۆتكۈزىشىمىز كېرەك.
:ئورتا ئاسيادا كىرىل يېزىقى قوللىندۇ، قالغان جايلار ئاساسەن كونا يېزىقنى ئىشلىتدۇ، كومپىيوتېر يېزىقىنى كونا يېزىق بىئەپ بولغان ئەھۋالدا ئىشلىتىۋاتمىز، بۇنىڭغا ئورتا ئاسيادىكى قېرىنداشلىرمىزنىڭ پىكىرى قانداقتۇ؟--Aturantekin 13:05, 11 فېۋرال 2014 (UTC)