ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
No edit summary
ئازراقلاNo edit summary
1 -قۇر:
{{شەخسلەر رامكىسى
|ئىسىم-فامىلىسى = ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر
|رەسىمى =
|تۇغۇلغان-ۋاقتى = {{تۇغۇلغان|1941|1-ئاي}}
|تۇغۇلغان-ئورنى = [[تىجەن]] ([[ئاتۇش]])
|ۋاپات-بولغان-ۋاقتى =
|ۋاپات-بولغان-ئورنى =
|مىللىتى = [[ئۇيغۇر]]
|دۆلەت-تەۋەلىگى =
|ھازىرقى-ئورنى =
|كەسپى = [[مۇھەررىر]]
|خىزمىتى =
|ئەسىرى =
|مۇكاپات =
|مائارىپ-سەۋىيىسى =
|ھەمرايى =
|بالىلىرى =
|ئاتا-ئانىسى =
|تور-بېكىتى =
}}
 
[[تۈر:ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى]]
 
شائىر، ئىقتىدارلىق مۇھەررىر ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر 1941 - يىل 1 - ئايدا ئاتۇش ناھىيسىنىڭ تىجەن يېزىسدا تۇغۇلغان، كېيىن ئائىلىسى بىلەن غۇلجىغا كۆچۈپ چىققان. ئۇ، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى غۇلجىدا تاماملىغان، 1956 - يىلدىن 1959 - يىلغىچە سابىق شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىمەكتە.
 
ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 50 - يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئېلان قىلدۇرغان شېئىرلىرى ئارقىلىق كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن بېرى ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن، كېيىنچە، ھېكايە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، «[[ئۈمىد چېچەكلىرى]]»، «[[شارقىراتما]]»، «[[دەريا ۋە بۇلاق]]»، «[[باھار چىرايلىق]]» قاتارلىق شېئىرلارنى ۋە بىرمۇنچە ھېكايىلارنى يازغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئالغا سۈرگەن مەزمۇنى چوڭقۇر، ئىپادىلەش ئۇسۇلى يېنىك، تىلى ئاممىباب، قۇرۇلمىسى پۇختا. ئابدۇرۇسۇل ئۆمەرنىڭ بىرقىسىم شېئىرلىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، بەزى شېئىرلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان.
ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر يەنە ئەدەبىي «بىڭ شىننىڭ بالىلار »، «ئابدۇللا ئارىپوۋ شېئىرلىرىدىن تاللانما» قاتارلىق كىتابلارنى ۋە خېلى كۆپ شېئىرلارنى تەرجىمە قىلىپ، نەشر قىلدۇرغان. 
 
ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر يەنە ئەدەبىي «بىڭ شىننىڭ بالىلار »، «ئابدۇللا ئارىپوۋ شېئىرلىرىدىن تاللانما» قاتارلىق كىتابلارنى ۋە خېلى كۆپ شېئىرلارنى تەرجىمە قىلىپ، نەشر قىلدۇرغان.
 
ئابدۇرۇسۇل ئۆمەرنىڭ نەشرىياتچىلىق ساھەسىدىكى نەتجىسىمۇ ئالاھىدە گەۋدىلىك. ئۇ، ھازىرغىچە 200 پارچىغا يېقىن ئەدەبىي كىتابنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن. بۇ كىتابلار ئىچىدە «ئىزدىنىش»، «ئىلى دولقۇنلىرى»، «ھايات سىرى»، «ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى»، «گۈدۈك»، «ئابدۇرخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى»، «تېيىپجان ئېلىيوپ شېئىرلىرىدىن تاللانما»، «زۇنۇن قادىر ئەسەرلىرى» قاتارلىق ئەدەبىياتىمىز تارىخىغا، شۇنداقلا نەشرىياتچىلىقىمىزغا قېتىلغان زور تۆھپە بولۇپ قالدى.
 
ئابدۇرۇسۇل ئۆمەرنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن «ئۈمىد چېچەكلىرى» (1981 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى، «دەريا ۋە بۇلاق» (1985 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايە ۋە شېئىرلار توپلىمى، «كۆڭۈل سۆيگۈسى» (1993 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى،«ئالما» (1996 - يىل شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى بار. 1989 - يىلى ئۇنڭ «ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى خەنزۇ تىلىدا نەشر قىلىنغان. ئۇ يەنە «مەشھۇر يازغۇچىلارنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدە ئېيتقانلىرى» قاتارلىق كىتابلارنى نەشرگە تەييارلىغان.
ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر ھازىر ئالىي مۇھەررىر، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
 
ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر ھازىر ئالىي مۇھەررىر، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
 
[[تۈر:ئۇيغۇرلار‎‏]]