ئابدۇرىشىت تۇردىيوف: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
قۇرۇلغان بەت 'تۈر:ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى {{شەخسلەر رامكىسى |ئىسىم-فامىلىسى = ئابدۇرىشىت تۇردىيوف |تۇغۇل...'
 
ئازراقلاNo edit summary
3 -قۇر:
|ئىسىم-فامىلىسى = ئابدۇرىشىت تۇردىيوف
|تۇغۇلغان-ۋاقتى = {{تۇغۇلغان|1920|4-ئاي}}
|تۇغۇلغان-ئورنى = [[تىجەن]] ([[[[ئاتۇش شەھىرى|ئاتۇش]]]])
|ۋاپات-بولغان-ۋاقتى = {{ئۆلگەن|1972}}
}}
ئابدۇرىشىت تۇردىيوف 1920 - يىلى 4 - ئايدا [[ئاتۇش شەھىرى|ئاتۇشنىڭ]] تىجەن يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇ، ئائىلە تەربىيىسىدىن كېيىن 1931 - يىلى 9 - ئايغىچە تىجەن يېزىسىدا كونا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1936 - يىلى 9 - ئايدا [[غۇلجا شەھىرى|غۇلجىغا]] چىقىپ غۇلجىدا ئوقوغان. 1940 - يىلى 10 - ئاينىڭ ئۈرۈمچى ھەربىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىپ1941 - يىلى 3 - ئايدا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. 1941 - يىلى 5 - ئايدا خوتەن ئىلچى گارنىزون باتالىيوندا لېيتېنانت ۋۇزۋوت كوماندىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1942 - يىلى 5 - ئايدىن 1944 - يىلى 3 - ئايغىچە تاشقورغان چېگرا ئەترىتىدە لېيتېنانت شۆبە ئەترەت باشلىقى، ۋۇزۋوت كوماندىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1944 - يىلى 3 - ئايدا [[ئۈرۈمچى شەھىرى|ئۈرۈمچىگە]] يۆتكۈلۈپ كەلگەن. 1944 - يىلى 8 - ئايدا چۆچەككە يۆتكۈلۈپ، 1945 - يىلى 4 - ئايغىچە چۆچەك ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىنىستروكتور بولغان. 1945 - يىلى 4 - ئايدىن باشلاپ گومىنداڭغا قارشى يەر ئاستى تەشكىلاتقا قاتناشقان. كېيىن سېزىلىپ قېلىپ قولغا ئېلىنىپ قامالغان. 1945 - يىلى 8 - ئايدا ئۈچ ۋىلايەت پارتىزانلىرى چۆچەكنى ئازاد قىلغاندا، تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن. شۇ يىلى 9 - ئايدىن 11 - ئايغىچە چۆچەك ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، 11 - ئايدىن 1946 - يىلى 6 - ئايغىچە مىللىي ئارمىيە بىرىنچى باتالىيون كاماندىر بولغان ھەم شۇ ئۈچ ۋىلايەت بىرلىكسەپ ياشلاپ ئىتتىپاقىغا كىرگەن. 1946 - يىلى 6 - ئايدىن 1947 - يىلى 8 - ئايغىچە ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنىڭ باش شىتاب باشلىقى، 1947 - يىلى 8 - ئايدىن 1948 - يىلى 8 - ئايغىچە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ئالتاي ھەربىي رايونى شىمالى يۆلىنىش فرونتىدا شىتاب باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. ئىنقىلاب مەزگىلدە 1 - دەرىجىلىك ئىستىقلالىيەت ئالتۇن ئوردىنىغا، 2 - دەرىجىلىك ئىستىقلالىيەت ئوردىنىغا، ئازادلىقتىن كېيىن غەربىي شىمالنى ئازاد قىلىش كۈرەش مىدالىغا ئېرىشكەن.
 
1949 - يىلى شىنجاڭ دېموكراتىك ئىتتىپاققا ئەزا بولغان. 1952 - يىلى 8 - ئايدىن 1954 - يىلى 5 - ئايغىچە نەنجىڭ ھەربىي ئىنىستىتۇدىدا ئوقۇغان. 1954 - يىلى 5 - ئايدىن 1955 - يىلى 8 - ئايغىچە لەنجۇ ھەربىي رايونى شىمالىي شىنجاڭ ھەربىي رايونى ھەربىي تەييارلىق باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. 1955 - يىلى 11 - ئايدىن 1956 - يىلى 4 - ئايغىچە كورلا ۋىلايتىنىڭ [[بۈگۈر ناھىيىسى|بۈگۈر ناھىيىسدە]] ئالىي كوپېراتىپ قۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسىدا ئىشلىگەن.
 
1956 - يىلى 7 - ئايدىن 1957 - يىلى 8 - ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە كومىتېتىدا ئىشخانا مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1957 - يىلى 8 - ئايدىن 1958 - يىلى 9 - ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات سودا كوپېراتىۋى ئىشخانا مۇدىرى بولقۇپ ئىشلىگەن. 1958 - يىلى 9 - ئايدىن 1961 - يىلى 4 - ئايغىچە ئىككىنچى سودا نازارىتى ئىشخانا مۇدىرى بولغان.