ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوف: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
ئازراقلاNo edit summary
ئازراقلاNo edit summary
2 -قۇر:
|ئىسىم-فامىلىسى = ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوف
|تۇغۇلغان-ۋاقتى = {{تۇغۇلغان|1890}}
|تۇغۇلغان-ئورنى = [[[[ئالمۇتا|ئالما - ئاتا]]]] ([[قازاقىستان]])
|ۋاپات-بولغان-ۋاقتى = {{ئۆلگەن|1973}}
|مىللىتى = [[ئۇيغۇر]]
10 -قۇر:
ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوفنىڭ دادىسى مۇسا ئاكا [[ئىلى سۇلتانلىقى]] ئاغدۇرۇلۇش ھارپىسىدا، ئىلىدىن ئالما - ئاتاغا چىققان، ئۇ يەردە بىر مەزگىل باققاللىق قىلغاندىن كېيىن، يەرلىشىپ ئۆز كەسپى [[تۇماقچىلىق]] بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. كېيىن مۇسا ئاكا ئالما - ئاتادا ئۆيلىنىدۇ.
 
ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوف 1890 - يىلى [[ئالما - ئاتا]]دا دۇنياغا كەلدى. ئۇ، ئائىلە تەربىيىسىدىن كېيىن ئالما - ئاتادا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇپ ساۋاتلىق بولدى. [[ئۆكتەبىر ئىنقىلابى|ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن]] كېيىن، سوۋېت ھاكىمىىيتى ئوتتۇرا ئاسىيادا باسمچىلارنى تازىلىغاندا، [[ئابدۇللا روزىباقىيوف]]، [[سوپى زارۋاتوف]]لارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن باسمىچىلارغا قارشى ئۇيغۇرلاردىن قۇرۇلغان [[ئاتلىق پولك]] (ئا. روزىباقىيوف پولك كومىسسارى) زور خىزمەت كۆرسىتىدۇ. ئاق باندىت دوتوپنى تۇتۇشتىمۇ ئۇيغۇر پىدائىلىرى خىزمەت كۆرسىتىدۇ. مانا بۇ پولكقىمۇ ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوف قاتناشقان. كېيىن يەرلىك مەمۇرىي خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. مۇشۇ جەرياندا ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوفنىڭ ئىدىيىۋى كۆز قارىشىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. ئۇنىڭدا تەرەققىياتقا، يېڭلىققا ئىنتىلىشى كۈچىيىدۇ. [[يەتتە سۇ]] رايونىدا [[تىيىپ ھاجى]] قاتارلىق كۆپلىگەن ئىلغار كۆز قاراشتىكى ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ.
 
ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوفنىڭ ئائىلىسى 1924 - يىلى يۇرتى ئىلىغا كۆچۈپ كېلىدۇ. ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوف ئىلىغا كەلگەندىن كېيىن، سودىگەرلەر دۇكىنىدا [[پىركازچىك]]، [[ھېسابچى]]، [[پرىيومچى]] بولۇپ ئىشلەيدۇ. بۇ جەريانىدا ئىلىدا ئۆيلىنىدۇ.
 
ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوف ئۆز بۇرادەرلىرىدىن تىيىپ ھاجى (تىيىپ ھاجىمۇ 1930 - يىلى غۇلجىغا كۆچۈپ كېلىدۇ)، نەسۇھا داموللا، سادىق قارى قاتارلىقلار بىلەن [[يېڭىچە مەكتەپ]] ئېچىشقا ھەرىكەتلىنىدۇ. بۇ چاغلاردا ئىلىدا [[سوۋېت ئىتتىپاقى|سوۋېت ئىتتىپاقىدىن]] كۆچۈپ كەلگەن ۋە [[تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى|تۈركىيە]] قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوقۇپ كەلگەن كىشىلەر پەننىي بىلىملەرنى ئوقۇتىدىغان يېڭى مەكتەپلەر، دەرنەك مەكتەپلىرىنى ئېچىشقا كىرشكەنىدى.
 
بۇ بىر ئويغىنىش دەۋرى بولۇپ، خەلقنى يورۇقلۇققا يېتەكلەش تەشۋىقات قىلىناتتى. 1933 - يىلى ئاپرېل ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، دەسلەپكى مەزگىلدە شىنجاڭدا جۈملىدىن ئىلىدىمۇ يېڭى تەرەققىيات باشلىنىدۇ. 1934 - يىلى 3 - ئايدا، ئىلىدا ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى قۇرۇلىدۇ. تىيىپ ھاجى رەئىس، رەھىمجان سابىر ھاجىيوف باش كاتىپ، قاسىمجان قەمبىرى تەشكىلات بۆلۈم باشلىقى، ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوف ھەيئەت ئەزاسى بولىدۇ. بۇ ئۇيۇشما ئاساسەن مەدەنىي - مائارىپ، ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوف بۇ ئۇيۇشمىدا ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەپ تاكى 1943 - يىللارغىچە ئۇيۇشمىنىڭ ئىجرائىي ھەيئەت ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى، رەئىسى بولۇپ كۆپ ئەجىر سىڭدۈرىدۇ.