ئابدۇللاھ گۈل: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
ئازراقلاNo edit summary
ئازراقلاNo edit summary
36 -قۇر:
ئابدۇللاھ گۈل 2003- يىلى مايدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى سۈپىتىدە بىلەن تېھراندا چاقىرىلغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى (بۇرۇنقى ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتى) نىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا قىلغان ‹ئىسلام دۇنياسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش چاقىرىقى› ھەم شەرق ھەم غەربتە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.
 
2007- يىلى 24- ئاپرېلدا جۇمھۇر رەئىسلىككە نامزات بولغان ئابدۇللاھ گۈل، سايلام مۇساپىسىنىڭ يېرىم قېلىشى ۋە [[تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى]] (پارلامېنتى) نىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلىشى بىلەن 2007- يىلى 22- ئىيۇلدا بەشىنچى قېتىم قەيسەرى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلاندى. يېڭى پارلامېنتنىڭ ئالدىدىكى تۇنجى كۈنتەرتىپ ماددىسى بولغان جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى ئۈچۈن قايتا نامزات بولدى.
 
خۇلاسىلىگەندە، ئابدۇللاھ گۈلنىڭ سىياسىي سەھنىگە كىرىشى پىلانلىق بىر قەدەمنىڭ نەتىجىسى ئەمەس ئىدى. ئۇ 1991- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن يازلىق تەتىلىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قەيسەرىگە كەلگىنىدە، تونۇش – بىلىش، يېقىن – يورۇقلىرى ئۇنى سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا ۋە دۆلىتىگە پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ خىزمەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. نەتىجىدە قاتناشقان بىرىنچى قېتىملىق سايلامدا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلاندى. شۇ كۈندىن ئېتىبارەن يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك تاكى 2007 – يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 11 – نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسى بولۇپ سايلانغۇچە بولغان ئارىلىقتا ئۇدا بەش قېتىم قەيسەرى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىدى، تۈركىيەنىڭ ئىچى – سىرتىدا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ئابدۇللاھ گۈل، نۆۋەتتە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 11- جۇمھۇر رەئىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.
 
دوكتور ئابدۇللاھ گۈلگە بۇلغارىيەنىڭ [[بۇرگاز ھۈر ئۇنىۋېرسىتېتى]] (2003)، ئەنگلىيەنىڭ Exeter ئۇنىۋېرسىتېتى (2005)، ئەزەربەيجاننىڭ باكۇ دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى (2007)، رومىنىيە دىمىترى كانتېمىر خىرىستىيان ئۇنىۋېرسىتېتى (2008)، قازان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى (2009)، ھىندىستان ئامىتي ئۇنىۋېرسىتېتى (2010)، پاكىستان قائىدى ئەزەم ئۇنىۋېرسىتېتى، جەنۇبىي كورېيە خانكۇك ئۇنىۋېرسىتېتى (2010) ۋە [[ھىندونېزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى]] (2011) تەرىپىدىن پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرى؛ جۇڭگو غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە [[شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى|شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى]] (2009)، قىرغىزىستان يۇسۇف بالاساغۇنى مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى (2009)، قازاقىستان ئەھمەد يەسەۋى ئۇنىۋېرسىتېتى (2010) ۋە تۈركمەنىستان ئىقتىساد ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش دۆلەت ئىنستىتۇتى (2013) قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئىنىستىتۇتلار تەرىپىدىن پەخرى پىروفېسسورلۇق ئۇنۋانى بېرىلدى.
 
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 11- نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل ئەنگلىيەدىن «Knight Grand Cross of the Order of the Bath»، پورتۇگالىيەدىن «Grande Colar»، گوللاندىيەدىن «Order of the Dutch Lion»، قازاقىستاندىن «ئالتۇن بۈركۈت ئوردېنى»، شىۋېتسىيەدىن «Royal Order of the Seraphim»، تۈركمەنىستاندىن «[[تۈركمەن دۆلەت ئوردېنى]]»، نورۋېگىيەدىن « AzizOlaf Nişanı»، ئەزەربەيجاندىن «ھەيدەر ئەلىيېۋ دۆلەت ئوردېنى» قاتارلىق ئوردېنلاردىن باشقا ئىتالىيە، قاتار، كۇۋەيت، كەمېرۇن، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ۋېنگىرىيە ۋە پاكىستاندىن ئالىي دەرىجىلىك دۆلەت ئوردىنلىرىغا لايىق كۆرۈلدى.
2010 – يىلى [[Chatham House]] مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
 
 
ئابدۇللاھ گۈل ۋە [[خەيرۇننىسا گۈل]] ئائىلىسىنىڭ ئەھمەد مۇنىر، كۇبرا ۋە مەھمەت ئەمرە ئىسىملىك ئۈچ پەرزەنتى بار.
 
يۇقىرىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 11- نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسى دوكتور ئابدۇللاھ گۈلنىڭ بالىلىقىدىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگىچە بولغان ھاياتى بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق. ئالدىمىزدىكى ھەپتە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قىسقىچە ھاياتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.
 
 
مەنبە: تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى