ئىمىن تۇرسۇن: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
ئازراقلاNo edit summary
ئازراقلاNo edit summary
1 -قۇر:
ئىمىن تۇرسۇن
 
== Heading text ==
 
ئىمىن تۇرسۇن 1925 - يىلى 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئۈرۈمچىدە قول - ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇنىڭ دادىسى مەرىپەتپەرۋەر ئادەم بولۇپ، پەرزەنتلىرىگە نىسبەتەن قاتتىق تەلەپ قوياتتى، ئىمىن تۇرسۇن دادىسىنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئالتە يېىشىدىلا مەھەللىدىكى دىنىي مەكتەپكە چاغاتاي تىلى، يېزىقى ۋە ئەرەب يېزىقلىرىنى ئۆگەندى . نەۋائى، قۇل غوجا ئەھمەد قاتارلىق شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى نىلەن دەسلەپكى قەدەمدە تونۇشتى .
 
Line 19 ⟶ 15:
ئىمىن تۇرسۇن ئازادلىقتىن كېيىن، ئاساسەن، مەتبۇئاتچىلىق، نەشىرىياتچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى، ياش ئاپتورلارنى قىزغىن قوللاپ، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىنىڭ تولىسىنى ئۇلارغا يېقىندىن ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارنى تەربىيلەش بىلەن ئۆتكۈزدى ؛ ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ نەزەرىيسى، تارىخى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تارىخى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخىغا دائىر تەتقىقاتلار بىلەنمۇ كەڭ شۇغۇللاندى ھەمدە بۇ ھەقتە نۇرغۇنلىغان ئىلمىي ماقالىلەرنىمۇ يازدى . ئۇنىڭ '' ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ۋە ئۇنىڭ ئاتالغۇلىرىنى ئىشلەش مەسىلىلىرى '' ناملىق ئىلمىي ئەمگىكى جامائەتچىلىكنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى . ئۇ يەنە '' تۈركىي تىللار دىۋانى '' نىڭ تەرجىمە، تەھرىرلىك خىزمەتلىرىگە قاتناشتى . تارىخ، فىلولوگىيە پەنلىرى بويىچە ئىلمىي جەھەتلەردە، تەرجىمانلار سىمنارىيىلىرىدا تۈرلۈك تېمىلاردا ئىلمىي لېكسىيەلەرنى سۆزلىدى . ئارخېئولوگىيە، قەدىمكى يېزىق تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللاندى، ئۇ ئۇيغۇر كلاسسك ئەدەبىياتى بىلەن ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى ئۇرزۇن يىل تەتقىق قىلىپ، بۇ ساھەدىمۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئەسەرلەرنى ئىشلىدى . ئىمىن تۇرسۇن ئۆز زىممىسىدىكى يۈكنىڭ ئېغىر بولۇشىغا قارىماستىن، شېئىرىي ئىجادىيتى بىلەنمۇ ئىزچىل تۈردە شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ . نۇرغۇنلىغان شېئىرلىرى كىتابخانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى . شائىرنىڭ ئازادلىقتىن بۇرۇن يازغان شېئىرلىرىدىن ساقلىنىپ قالغانلىرى بىلەن ئازادلىقتىن كېيىن يازغان بىرقىسىم شېئىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان '' ھەۋەس '' ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىردىن چىقىپ، كەڭ كىتابخانىلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى .]]
 
[[تۈر:ئۇيغۇرلار]]‏
[[تۈر:ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى‏]]