ئابدۇللا ساۋۇت: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
ئازراقلاNo edit summary
ئازراقلاNo edit summary
1 -قۇر:
شائىر، يازغۇچى ئابدۇللا ساۋۇت 1950 - يىل 4 - ئايدا قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ ئۈجمە يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1956 - يىلدىن 1966 - يىلغىچە ئۆز يېزىسى ۋە ئاقتۇ ناھىيسىدە باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1972 - يىلدىن 1974 - يىلغىچە قىزىلسۇ دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئاقتۇ ناھىيسىدە مەدەنىيەت - مائارىپ، تەشۋىقات ساھەلىرىدە ئىشلىگەن، 9881ئىشلىگەن،1988 - يىلىدىن تارتىپ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولغان، ھازىر ئاقتۇ ناھىيلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتىدۇ.
 
ئابدۇللا ساۋۇتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1973 - يىلى [[<قىزىلسۇ گېزىتى]]> دە ئېلان قىلىنغان [[<بەختىمىزنى تاپقان كۈن]]> ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن بېرى ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆزگە كۆرۈنگەن شائىرلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۇنىڭ <كۆردۈم سېنى>، <يەتكىن قىزىم كامالغا>، <يۇرتۇمدا توي>، <توك كېتىدۇ> قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلىرى كىتابخانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.
 
ئابدۇللا ساۋۇت 1980 - يىللاردىن تارتىپ پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنپ، <چاقماق> ناملىق رومانى، <قانلىق قىرغاق>، <يېتىمنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى>، <دات باسماس قىلىچ>، <ئۇپۇقتا قېتىپ قالغان كۈن>، <ماڭا ئىجازەت بېرىڭلار>، <[[مۇھەببەت قارىغۇ ئەمەس]]> قاتارلىق پوۋېستىلىرى؛ <تاش بوران>، <ئاھ، جىگدە ھىدى>، <شىراق>، <ئەۋلىيا ئوت> قاتارلىق ھېكايىلىرى بىلەن ئەدەبىيات تارىخىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئالغان.
 
ئابدۇللا ساۋۇتنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <[[يۇرتۇمدا توي]]> (ياسىنجان ئۆمەر بىلەن بىللە، 1983 - يىل مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى، <تاش بوران> (9851 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <[[قانلىق قىرغاق]]> (باشقىلار بىلەن بىللە، 1986 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، <چاقماق> (1987 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق رومانى، <ماڭا ئىجازەت بېرىڭلار> (1990 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، <[[دات باسماس قىلىچ]]> (1991 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، <[[مۇھەببەت قارىغۇ ئەمەس]]> (1993 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستلار توپلاملىرى قاتارلىقلار بار.
 
ئابدۇللا ساۋۇت ھازىر [[جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭجەمئىيىتى]]نىڭ ئەزاسى، [[شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭجەمئىيىتى]]نىڭ ئەزاسى.
[[تۈر:ئۇيغۇرلار]]
[[تۈر:1950 - يىلى تۇغۇلغان كىشىلەر]]