ئابدۇرېھىم توختى: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
قۇرۇلغان بەت 'تۈر:ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى {{شەخسلەر رامكىسى |ئىسىم-فامىلىسى = ئابدۇرېھىم توختى |تۇغۇلغا...'
 
ئازراقلاNo edit summary
9 -قۇر:
شائىر ئابدۇرېھىم توختى 1919 - يىلى ئاتۇش ناھىيسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، دەسلەپكى ساۋاتنى ئېكساق مەكتىپىدە ئالغان، كېيىن قەشقەر شەھىرىگە كېلىپ ھۆكۈمەت باشقۇرۇرشىدىكى پەننى مەكتەپتە ئوقۇغان، 1934 - يىلىدىن تارتىپ، ئاتۇش ۋە قەشقەردە مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىگەن. ئۇ، 1951 - يىلى سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، 1953 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان، كېيىن قەشقەرگە كېلىپ، 1961 - يىلىدىن 1981 - يىلىغىچە قەشقەر دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ھازىر پېنسىيدە.
 
ئابدۇرېھىم توختىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1937 - يىلى <قەشقەر - شىنجاڭ گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <ئىشەنمە> ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن بېرى شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <ھەرىكەتتە بەرىكەت>، <ئارزۇ>، <قانداق>، <[[ئىسىت ئۆمرىمىز]]>، <سەن ئۈچۈن> قاتارلىق نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان.
 
ئابدۇرېھىم توختى يەنە ئەلىشىر ناۋائىينىڭ <[[مەھبۇبۇلقۇلۇب]]>، <لىسانۇتتەير> قاتارلىق ئەسەرلىرىنى نەشرگە تەييارلاپ ئېلان قىلدۇرغان؛ <قەشقەرنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان مائارىپ تارىخى> (1986 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق كىتابنى يازغان.
 
ئابدۇرېھىم توختىنىڭ <ئۆچمەس تىلەكلەر> (باشقىلار بىلەن بىللە، 1983 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى ۋە <[[تاغ سۇلىرى]]> (قۇربان ئىمىن بىلەن بىللە، 3199 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان، بىر مۇنچە كوللېكتىپ توپلاملارغا شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن.
ئابدۇرېھىم توختى ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
[[تۈر:ئۇيغۇرلار]]