مۇھەممەت تايىر: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
قۇرۇلغان بەت 'مۇھەممەت تايىر، ئەر، ئۇيغۇر، 1902-يىلى لوپنۇر ناھىيىلىك چوڭكۆل كەنتىدە چارۋىچى ئائىلىسىدە...'
 
(پەرقى يوق)

02:46, 20 ئىيۇن 2014 نىڭ نۆۋەتتىكى تۈزىتىلگەن نەشرى

مۇھەممەت تايىر، ئەر، ئۇيغۇر، 1902-يىلى لوپنۇر ناھىيىلىك چوڭكۆل كەنتىدە چارۋىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ، دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ ساۋادىنى چىقارغان. ئۇنىڭ دادىسى نىياز ئىمام شاڭيو خېلى بىلىملىك كىشى بولغاچقا، ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا دادىسىغا ئەگىشىپ قوشاق ئېيتىپ يۈرگەن. دادىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن يەنىلا قوشاق ئېيتىشنى تاشلىماي، ئۆزى قوشاق، داستان ئىجاد قىلىپ يىغىلىش ۋە سورۇنلاردا ئېيتىپ كەلگەن.بۇ قېتىم ئۇنىڭ بىر قىسىم داڭلىق چۆچەك ۋە داستانلىرىنى 2-توپلامغا كىرگۈزۈش مەقسىتىدە رەتلاۋاتىمىز. مۇھەممەت تايىر ھازىر ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ قوشاق ۋە داستان ئېيتىشنى تاشلاپ قويماي داۋاملىق تىرىشىپ ئىزدىنىپ بىزنى نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىمەكتە.