ئەيسا مۇسا: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
قۇرۇلغان بەت 'ئەيسا مۇسا 1908-يىلى لوپنۇر ناھىيسىنىڭ چوڭكۆل كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئازادل...'
 
(پەرقى يوق)

02:47, 20 ئىيۇن 2014 نىڭ نۆۋەتتىكى تۈزىتىلگەن نەشرى

ئەيسا مۇسا 1908-يىلى لوپنۇر ناھىيسىنىڭ چوڭكۆل كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئازادلىقتىن ئىلگىرى ئۆز كەنتىدە دىنى ۋە پەننى مەكتەپتە ئوقۇغان. ئۇنىڭ ئاتىسى مۇساخۇن داڭلىق قوشاقچى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئاتىسىدىن ئۆگىنىپ قوشاقچى بولۇپ يېتىلگەن. ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا سورۇنلاردا ۋە ھاشار مەدىكارچىلىقلاردا قوشاق ئېيتىپ ئاممىنىڭ كۆڭلىنى ئاچقان. ئازادلىقتىن ئىلگىرى ۋە كىيىن داۋاملىق ھالغا ئۆزى قوشاق توقۇپ يۇرتداشلىرىدا ئېيتىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. لوپنۇر خەلق قوشاقلىرى توپلىمىغا "لەڭ قوشىقى"،"مۇھەببەت قوشىقى"،"چاقىلىق ئالۋېڭى" قاتارلىق تارىخىي قوشاقلىرى كىرگۈزۈلدى.