مەھمۇد قەشقىرى: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
ئازراقلا ←‏مەنبەلەر
ئازراقلاNo edit summary
12 -قۇر:
 
== ھاياتى ==
قاراخانىلار سۇلالىسى موڭغۇل يايلاقلىرىدىن غەربكە كۆچكەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار، بۇ جايدا پائالىيەت قىلىۋاتقان بىر قىسىم قەبىلىلەر بىلەن قۇرۇپ چىققان خاندانلىق بولۇپ، خانلىقتا ياغما، قارلۇق قاتارلىق قەبىلىلەر بولغان. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، قاراخانىلار خانلىقىنى سۇتۇق بوغراخاننىڭ بوۋىسى بىلگە قادىرخان قۇرۇپ چىققان. (ئادەتتە تارىخشۇناسلار قاراخانىلار خاندانلىقى 9 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى قۇرۇلغان دەپ قارىشىدۇ. كېيىن قاراخانىلار خاندانلىقى سۇتۇق بوغراخان دەۋرىدە كېڭىيىپ زور شۆھرەت قازاندى. بۇ خاندانلىق تارىخىي ئەسەرلەردە ھەرخىل ناملار بىلەن ئاتالدى. مەسلەن: مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› دا بۇ خاندانلىق ‹‹خاقانىيە›› دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ قاراخانىلارنىڭ مەركىزى قەشقەر ئەتراپىنىلا كۆرسەتتى. ئەرەب تارىخچىسى ئىززەددىن ئەبۇلھەسەن ئەلى بىننى مۇھەممەد ئۆزىنىڭ ‹‹كامىلۇتتاۋارىخ›› دېگەن ئەسىرىدە تۇنجى قېتىم ‹‹ئەپراپسىياپ خانلىقى›› دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرى مىلادىيە 10 – ئەسىردە ئىران يازغۇچىسى مىرزا ئەبۇلقاسىم فىردەۋسى تەرىپىدىن يېزىلغان ‹‹شاھنامە›› دېگەن كىتابىدىكى ئەپراپسىياپ رىۋايەتلىرىدىن ئېلىنغان. ‹‹تابغاچ خانلىقى›› ۋە ‹‹ئىلىكخانلار›› دېگەن ناملار بولسا 11 – ئەسىردە ئۆتكەن ئىران ئالىمى ئەبۇ ناسىر مۇھەممەد تەرىپىدىن يېزىلغان ‹‹تارىخي ئەليەمىنى›› دېگەن ئەسىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. رايونىمىزدا چاغاتاي يېزىقىدا يېزىلغان ‹‹تەزكىرەئىي سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان››، ‹‹تەزكىرەئىي ئەبۇ ناسىر سامانى››، ‹‹تەزكىرەئىي ئەبۇ پەتتاھ›› ۋە باشقا ئەسەرلەردە بولسا ‹‹بۇغرا خانلىقى، بۇغراخانلار››دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان. پەقەت فىرانسىيە ئالىمى يوسىف دېگۇيگىنەس ئۆزىنىڭ 1756 – يىلى يازغان ‹‹ھۇنلار، تۈركلەر، موڭغۇللار ۋە تاتارلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى›› دېگەن ئەسىرىدە، يۇقىرىقى ناملار ھەققىدە خېلى تەپسىلىي تەھلىل يۈرگۈزۈپ، بۇ خانلىقنىڭ نامىنى ‹‹قاراخانىلار سۇلالىسى›› دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ نام تارىخشۇناسلار تەرىپىدىن ئومۇملاشقان. ‹‹قاراخان›› دېگەن سۆز ‹‹كۈچلۈك، باتۇر، ئۇلۇغ، ئالىي›› دېگەن مەنەلەرگە ئىگە) ھاكىمىيەت گۈللەنگەن مەزگىلدە ئۇنىڭ تېررىتورىيەسى ھازىرقى تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسمى، ئىلى ۋادىلىرى، بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبى، چۇ دەرياسى ۋادىسى ۋە ئىسسىق كۆل ئەتراپى، شۇنداقلا ماۋرائۇننەھىر رايونىنىڭ شەرقىدىكى رايونلارغىچە يەتكەن. بىلگە قادىرخان ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى ئايرىم – ئايرىم ھالدا تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. چوڭ ئوغلى بازىر بالاساغۇننى پايتەخت قىلىپ (بۈگۈنكى قىرغىزىستاندىكى توقماقتا) ئارىسلان قاراخان دەپ ئاتىلىپ چوڭ خان بولدى. ئىككىنچى ئوغلى ئوغۇلچاق تالاستا تۇرۇپ ئۆزىنى بوغرا قاراخان دەپ ئاتاپ نايىپ خان بولدى. قەشقەر ئەتراپى ئۇنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدە بولدى. مىلادى 893 – يىلى، قاراخانلار خانلىقىنىڭ نايىپ خانى ئوغۇلچاق سامانىيلار خانلىقى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا يېڭىلىپ ئامالسىز پايتەختنى قەشقەرگە كۆچۈردى.
 
بۇ دەۋردە، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان تاجىكلار قۇرغان سامانىيلار خاندانلىقى بىلەن قاراخانىيلار خاندانلىقى بىلەن ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان. بۇنىڭ بىلەن ئىسلام دىنى قاراخانىلار خانلىقى تېررىتورىيەسىگە سىڭىپ كىرىشكە باشلىغان. ئىسلام دىنىنى قاراخانىلارغا تارقاتقۇچى سامانىيلار خاندانلىقىنىڭ خان جەمەتلىرىدىن ناسىر بىننى سۇلايمان ئىسىملىك كىشى ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا قۇرۇلغان سامانىيلار خاندانلىقىدا ئىچكى نىزا يۈز بېرىپ سامانىيلار خاندانلىقىنىڭ شاھزادىسى ناسىر بىننى سۇلايمان (ئەبۇ ناسىر سامانى) قېچىپ قاراخانىلار تېررىتورىيەسىگە كېلىپ ئوغۇلچاققا تەۋەلىك بىلدۈردى. ئوغۇلچاق ئۇنى ئاتاشنىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارى قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇزاق ئۆتمەي ئەبۇ ناسىر سامانى قاراخانىلارنىڭ نايىپ خانى ئوغۇلچاق بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ ‹‹كالا تېرىسى ھىيلىسى›› نى ئىشلىتىپ، ئوغۇلچاقتىن بىر پارچە كالا تېرىسى چوڭلۇقتىكى يەرگە مەسچىت سېلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئوغۇلچاق ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدى. ناسىر سامانى ئاتۇشقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دەرھال بىر سېرىق كالىنى ئۆلتۈرۈپ، تېرىسىنى ئىنچىكى تىلىپ بىر – بىرىگە ئۇلاپ چوڭ بىر پارچە يەرنى چۆرىدەپ، بۇ يەرگە چوڭ بىر مەسچىت سالغان. بۇ شىنجاڭ تارىخىدىكى تۇنجى مەسچىت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرىدىكى بۇ ھېكايە 14 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جامال قارشى تەرىپىدىن يېزىلغان ‹‹مۇلھىقاتۇل سۇراخ›› دېگەن ئەسىرىدە قەيت قىلىنغان.
 
ناسىر سامانىي شۇنىڭدىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئوغۇلچاقنىڭ جىيەنى، يەنى كۆل بىلگە قادىرخاننىڭ نەۋرىسى سۇتۇقنى ئىسلامغا كىرگۈزگەن. سۇتۇق قاراخانىلار خان جەمەتى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ئىسلامغا كىرگەن كىشىدۇر. كېيىن سۇتۇق قول ئاستىدىكىلەرنى باشلاپ تاغىسىنىڭ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، قەشقەر شەھىرىنى ئىگىلەپ ئۆزىنى ‹‹بۇغراخان›› دەپ ئاتىغان. بىرلىككە كەلگەن قۇدرەتلىك خانلىق قۇرۇشنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن سۇتۇق بۇغراخان ھەرخىل ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئۆز تېررىتورىيەسىدە ئىسلام دىنىنى مەجبۇرىي يولغا قويغان، ئۇلاپلا سۇتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىنى قانۇنلۇق دىن دەپ جاكالاپ شاھزادە ۋە ئاقسۆڭەكلەرنى ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىغان. مىلادىيە 10 – ئەسىردىن 11 – ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە سۇتۇق بۇغراخان ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ‹‹غازات›› نامى بىلەن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى قوشنىسى بۇددا ئېلى ئۇدۇنغا ھۇجۇم قىلىپ 40 يىللىق قانلىق ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى بۇ جايلارنى ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلدۇردى.
 
قاراخانىلارنىڭ ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئۇيغۇرلار مانى دىنىغا، بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغانىدى. تارىم ۋادىلىرىنىڭ ئىسلاملىشىشى غەربىي يۇرتنىڭ دىنىي ئېتىقاد تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ بىرى.
 
قاراخانىلار سۇلالىسى دەۋرىدە ئىچكىرى جايلاردا سۇڭ، لياۋ، جىن قاتارلىق سۇلالىلەر قۇرۇلغان بولۇپ، قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ بۇ خانلىقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى قويۇق بولغان. قاراخانىلار خانلىرى ئۆزلىرىنى ‹‹تابغاچ خان›› دەپ ئاتىدىغان، بۇ ‹‹جۇڭگو خانى›› دېگەن مەنەنى بىلدۈرگەن. قاراخانىلار دەۋرىدىكى مەشھۇر ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي ئۆزىنىڭ ‹‹دىۋانى لۇغاتىت تۈرك›› دېگەن ئەسىرىدە ئەينى دەۋردىكى جۇڭگونى ‹‹يۇقىرى چىن››، ‹‹ئوتتۇرا چىن››، ‹‹تۆۋەن چىن›› دەپ ئۈچ قىسىمغا بۆلگەن. ئاتالمىش يۇقىرى چىن شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنى، ئوتتۇرا چىن لياۋ سۇلالىسىنى، تۆۋەن چىن ئۆزىنىڭ يۇرتى قەشقەر رايونىنى كۆرسەتكەن. مىلادىيە 1009 – يىلى قاراخانىلار سۇلالىسى سۇڭ سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ ئۇلپان تاپشۇرغان. قاراخانىلار دەۋرىدە يېزىلغان مەشھۇر ئەسەر ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› تە ‹‹تۇزۇتماس بولسا چاڭ قىتان كارۋىنى، قەيەردىن كېلەتتى تۈمەنخىل ئاغى›› دېگەن خاتىرىلەر بار بولۇپ، بۇ ئەينى دەۋردە قاراخانىلار بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خانلىقلىرىنىڭ زىچ سودا ئالاقىدە بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
 
قاراخانىلار سۇلالىسى دەۋرىدە، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت تېز تەرەققىي قىلغان بولۇپ ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› ۋە ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ روياپقا چىقىشى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.
 
‹‹قۇتادغۇبىلىك›› ئۇيغۇر يېزىقىدا پۈتۈلگەن چوڭ ھەجىملىك دىداكتىك داستان. ئاپتور يۈسۈپ خاس ھاجىپ (1015 – 1016 – يىللاردا تۇغۇلغان) ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى بالاساغۇندا (بۈگۈنكى قىرغىزىستاننىڭ توقماقتا) تۇغۇلۇپ كېيىنچە قەشقەرگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. قاراخانىلار دەۋرىدىكى ناھايىتى مەشھۇر ئالىمدۇر. يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەشقەردىكى مەزگىلىدە ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ مىلادى 1070 – يىلى بۇ بۈيۈك ئەسەرنى يېزىپ چىققان. ئەسەر 85 باب، 6645 بېيىت، 13مىڭ 290 مىسرا شېئىردىن تەركىب تاپقان. مۇئەللىپ ئۆزىنىڭ بىر پۈتۈن ئىدىيە سىستېمىسىنى ئادالەت سىمۋولى كۈنتۇغدى (ھۆكۈمدار)، بەخت – سائادەت سىمۋولى ئايتولدى (ۋەزىر)، ئەقىل – پاراسەت سىمۋولى ئۆگدۈلمىش(ۋەزىرنىڭ ئوغلى)، قانائەت سىمۋولى ئودغۇرمىش (زاھىت) قاتارلىق تۆت پېرسوناژنىڭ دىراما سۆھبىتىگە سىڭدۈرۈپ جەمئىيەت ئەخلاق ئۆلچىمى، دۆلەتنىڭ سىياسىي پىرىنسىپى ھەم ئادەم بىلەن ئادەم، پۇقرا بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بايان قىلىنغان پەلسەپەۋى ئىدىيە بىلەن يۇغۇرۇلغان داڭلىق ئەسەردۇر. (‹‹قۇتادغۇبىلىك›› نىڭ ئەسلىي قوليازمىسىلا بولۇپ، قولدىن قولغا كۆچۈرۈلۈش بىلەن ئۈچ خىل نۇسخا بولۇپ قالغان. بىر خىل نۇسخىسى ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋېنادىكى دۆلەتلىك كۇتۇپخانىدا ساقلانغان. شۇڭا بۇ نۇسخا ‹‹ۋېينا نۇسخىسى›› دەپ ئاتالغان. يەنە بىر نۇسخىسى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نەمەنگەندىن تېپىلغان بولۇپ، بۇ نۇسخىسى ‹‹نەمەنگەن نۇسخىسى›› دەپ ئاتالغان. يەنە بىر نۇسخىسى قاھىرەدىكى ھىدىۋ كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقاچقا، بۇ ‹‹قاھىرە نۇسخىسى›› دەپ ئاتالغان. بۇ نۇسخىلارنى داڭلىق ئالىملاردىن رادۇلوف، رىشات رەھمىتى ئاراتلار سېلىشتۇرۇپ چىقىپ ھەرخىل تىلدا نەشر قىلدۇرغان. ھازىرچە قۇتادغۇبىلىك رۇسچە، نېمىسچە، ۋېنگىرىيەچە، تۈركچە قاتارلىق كۆپ خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان). مەزكۇر ئەسەر تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئۆچمەس ئابىدە ھېسابلىنىدۇ.
 
‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› قاراخانىلار دەۋرىدە قەشقەرلىك مەھمۇد كاشغەرىي ئەرەب تىلىدا يېزىپ چىققان بولۇپ، تارىخشۇناسلىق، تىلشۇناسلىق، ئەدەبىياتشۇناسلىق قاتارلىق ساھەلەرنىڭ بىباھا گۆھىرى ھېسابلىنىدۇ.
 
مەھمۇد كاشغەرىي قەشقەرلىك بولۇپ، قاراخانىلارنىڭ خان جەمەتىدىن بولغاچقا، سىستېمىلىق مەدەنىيەت تەربىيەسىگە ئىگە بىر ئۆلىما. مەھمۇد كاشغەرىي ئەرەب تىلىنىڭ ئەينى دەۋردە قاراخانىلار زېمىنىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، تۈركىي تىلىنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە، ئەرەب تىلىدا ئىزاھلانغان تۈركچە لۇغەت تۈزۈپ چىقىش قارارىغا كەلگەن. شۇڭا ئۇ غەربىي يۇرت ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي قەۋملەر زېمىنىدا ئون نەچچە يىل قىدىرىپ تەكشۈرۈش قىلىپ، بىرىنچى قول ماتېرىيال ۋە ئۇچۇرلارنى تولۇق ئىگىلەپ، 1074 – يىلى باغدادتا ‹‹دىۋان لۇغاتىت تۈرك›› دىن ئىبارەت سەككىز بۆلەكلىك بۇ بۈيۈك ئەسەرنى تاماملىغان. ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› دا خاتىرىلەنگەن سۆز 7500 دىن ئارتۇق بولۇپ، شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەدىمكى تارىخى، جۇغراپىيەسى، مىللىتى، مەدەنىيىتىگە ئائىت مول مەزمۇنلار تىلغا ئېلىنغان. مەزكۇر ئەسەردىكى ھەربىر سۆز ئەرەب تىلىدا ئىزاھلانغان بولۇپ، قاراخانىلار دەۋرىدىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان بۈيۈك قامۇستۇر. (مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ھازىرغىچە تېپىلغىنى يوق، ئۇنىڭ ئەڭ بۇرۇن كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى ئىرانلىق مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇ بەكرى تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن، ھازىر تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى دۆلەتلىك كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتىدۇ) بۇ ئەسەرنىڭ بىردىنبىر نۇسخىسى تۈركىيەدە جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكەن بولۇپ، 1914 – 1916 – يىللىرى نەشر قىلىنغان. كېيىن ئۇنىڭ مىخ مەتبە نۇسخىسى، فاكسىمىلى، نېمىسچە ئىندىكىسى، تۈركچە، ئۆزبېكچە تەرجىمە نۇسخىلىرى نەشر قىلىنغان. ھازىر بۇ ئەسەر كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى. 1981 – يىلى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئۈچ توملۇق قىلىپ نەشر قىلغان.
 
=== نەسەبى ===
مەھمۇد قەشقەرىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرۇلۇق قولىمىزدىكى دىۋانۇ لۇغاتتىن تۈركنىڭ بەزى يەرلىرىدىكى ئۆزى تەرىپىدىن بېرىلگەن چەكلىك مەلۇماتلاردىن باشقا بىر نەرسە يوق <ref>مەھمۇت قەشقەرى ھەققىدە ئەڭ مۇھىم بولغان تەتقىقاتلار: ۋ.ۋ. بار تولد: «ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك تارىخىي ھەققىدە دەسلەر»، (تۈركچە)، 1927- يىلى، 85- 83- بەتلەر؛ (گېرمانچە)، 1935- يىلى، 95- 92- بەتلەر. فۇئات كۆپرۈلۈ:» دىۋان لۇغاتىت تۈرك» (تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى ھەققىدە تەتقىقاتلار)، ئىستانبۇل، 1934- يىلى، 34- 33- بەتلەر، (تۈركچە). ئەخمەت زەكى ۋەلىدى تۇغان: «دىۋان لۇغاتىت تۈركنىڭ يېزىلغان يىلى ھەققىدە» (ئاتسىز مەجمۇئە)، 16- سان، 1932- يىلى، 78- 77- بەتلەر؛ «مەھمۇت قەشقەرىگە ئائىت نوتلار»، (ئاتسىز مەجمۇئە)، 17- سان، 1932- يىلى، 136- 133- بەتلەر، (تۈركچە). رىفات بىلگە كىلىسلى: «دىۋان لۇغاتىت تۈرۈكنىڭ يېزىلىش تارىخىي»، (تۈركىيات مەجمۇئەسى)، 6- سان، 39-1938- يىللىق، ئىستانبۇل، 1939- يىلى، 360- 358- بەتلەر(تۈرۈكچە). بېسىم ئاتالاي:«دىۋان لوغاتىت تۈرك ۋە تەرجىمىسى ئۈستىدە نوتلار- كىتابنى يازغان شەخىس؛ كىتابنىڭ يېزىلغان تارىخى؛ كىتاب نەدە يېزىلغان» (دىۋان لوغاتىت تۈرۈك تەرجىمىسى)، 1- توم، ئەنقەرە 1939- يىلى، 16- 11- بەتلەر، (تۈرۈكچە). ئەخمەت جاپەر ئوغلى: «تۈرۈك تىلى تارىخى نوتلىرى»، 1- بۈلۈم. ئىستانبۇل، 1943- يىلى، 43- 42- بەتلەر، (تۈرۈكچە). م. شاكىر ئۈلكۈتاشىر: «بۈيۈك تۈرك تىلچىسى مەھمۇت قەشقەرى»، ئىستانبۇل، 1946- يىلى، (تۈرۈكچە). </ref>.بۇ مەلۇماتلارغا قارىغاندا مەھمۇدنىڭ « ئۆز قەۋمىنىڭ ( يەنە تۈركلەرنىڭ ) ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىسىگە مەنسۇب »<ref> «كىتاب دىۋان لوغاتىت تۈرك» كىلىسلى مۇئەللىم رىفات بىلگە باسمىسى، I، ئىستانبۇل، 1334(1917). 3= فاكسىمىلى: بېسىم ئاتالاي: «دىۋان لوغاتىت تۈرك فاكسىمىلى» ئەنقەرە، 1941- يىلى.</ref>ئىكەنلىكى ، دادىلىرىنىڭ يەنى ئەجدادىنىڭ<ref> قارالسۇن: بارتولد: 94- بەت، توغان: (ئاتسىز مەجمۇئە)، 17- سان. 136- 133 بەتلەر.</ref> تۈرك ئەللىرىنى سامانى ئوغۇللىرىدىن ئالغان ” <ref>دىۋان، تۈركچە تەرجىمە 1- توم، 101- بەت= فاكسىمىلى 69- بەت.</ref>لىقى ۋە ئاخىرىدا دادىسى ھۆسەيىن بىن مۇھەممەتنىڭ ئىسسىق كۆلنىڭ شەرقىي – جەنۇبىي ساھىلىدا تېپىلغان بارىسخان شەھەرى بىلەن يېقىن باغلىنىشى بار ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلگەن .<ref>بارسخاننىڭ ئورنى ھەققىدىكى شەخسى تەتقىقاتى: ئا.ن.بېرنىشىتام: «شىمالىي قىرغىزىستان ئارخىلوگىيەسىگە كىرىش»، فرۇنزى، 1941- يىلى، 82- 80- بەتلەر، (روسچە). </ref>