مەۋلانا جالالىددىن رۇمى: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
ئازراقلاNo edit summary
ئازراقلاNo edit summary
48 -قۇر:
بۇ تىلاۋەت ئۆيىنىڭ يېنىدىلا تۆت گۈمبەزلىك ئەڭ ئاخىرقى جامائەت مەركىزى بار. بۇ مەسجىد قانۇنىي سۇلتان سۇلايماننىڭ دەۋرىدە ياسىتىلغان تۆت چاسا، بىر گۈمبەزلىك، يېپىق بىنا بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە بۇ جاي تەسبىھلەر، شاملار، شام قايچىلىرى، شامدانلار، گۈلدانلار دېگەنگە ئوخشاش دەرگاھقا ئائىت خىلمۇخىل بويۇملار كۆرگەزمە قىلىنىدىغان مۇزېي بۆلۈمىگە ئايلاندى. مەقبىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ساماخانا بولسا، قانۇنىي سۇلتان سۇلايماننىڭ دەۋرىدە ياسىتىلغان ئىدى. ئۇنىڭدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۈيلەش كۈرسى، تالىب ھۆجرىسى، ئايال ۋە ئەر زىيارەتچىلەر ئۈچۈن ئايرىم ـ ئايرىم ياسالغان سۇپىلار ساقلانماقتا. بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ ئىچىدە ھەر خىل گىلەملەر، مىتال بويۇملار، ياغاچ ئويما بويۇملار، مەۋلىۋى سازلىرى ۋە مەۋلانانىڭ كېيىملىرى كۆرگەزمە قىلىنماقتا. دەرھاگنىڭ غەربىي تەرىپىگە جايلاشقان مورىلىق ۋە گۈمبەزلىك دەرۋىش ھوجرىلىرى، ئاشخانا ۋە كۈتۈپخانىلار 3 ـ مۇراتنىڭ دەۋرىدە قوشۇمچە قىلىنغان ئىدى. ئۇ يەدىكى ئاشخانا بولسا، رىيازەتخانا بىلەن ساماخانىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ جاي ئوسمان ئىمپېرىيەسىگە ئائىت يازما ماتېرياللار، گىلەم، رەخت، ۋە مەۋلىۋى يېمەكلىرى كۆرگەزمەخانىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە. ھويلىدىكى گۈمبەزنىڭ تۈگەش قىسمىغا جايلاشقان چەلەبىي ھوجرىسى بولسا، دەرگاھ شەيىخلىرىنىڭ مېھمانلىرى ئۈچۈن ياسىتىلغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ يەردە ھەمدەم سائىت چەلەبى تەرىىپىن قۇرۇلغان ۋە مۇزېغا تەۋە قىلىنغان كۈتۈپخانا ساقلانماقتا. كۈتۈپخانىدا مەۋلاناغا ۋە مەۋلىۋىلىك تەرىقىتىگە ئائىت 1500 يازما ئەسەر ۋە 5500 پارچە كىتاب ساقلانماقتا. دەرگاھنىڭ ھويلىسىدا مەرمەردىن ياسالغان سۈپىدىن باشقا يەنە بىر قىسىم مۆتىۋەر دۆلەت ئەربابلىرىغا ئائىت بەش قەبرىگاھلىرىمۇ بار.
 
كونيادا ھەر يىلى دىكابىر ئېيىدا مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنى خاتىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە. تۈرك تەسەۋۋۇپ مۇزىكىسىنىڭ ئەڭ ئىلغار قىسمىنى تەكشىل قىلغان مەۋلىۋى مۇزىكىلىرىنڭ ھەمراھلىقىدا ساماغا چۈشۈش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلماقتا. بۇ ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن زىيارەتچىلەر بۇ يەردە ئىلاھىي ئىشقنىڭ يولىدا ئىنسانىيەتنىڭ ھۆسنىگە ھۆسۈن قوشقان ئۇلۇغ ئالىم، بۈيۈك تۈرك شائىرى ۋە مۇتەسسۋۇپى مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنى چىن قەلبىدىن ھۆرمەت بىلەن ئەسلەپ كەلمەكتە. بىزمۇ مەۋلانىنى ھۆرمەت بىلەن يەنە بىر قېتىم ئەسلەيمىز.<ref>http://bbs.izdinix.com/thread-60008-1-1.html</ref>