كۇڭزى: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
No edit summary
No edit summary
 
1 -قۇر:
[[ھۆججەت:Confucius 02.png|left|180px]]
'''كۇڭزى'''
'''كۇڭزى''' (خەنزۇچە:孔夫子,pinyin: Kǒng Fūzǐ,ئنگلىزچە:Confucius) جۇڭگولۇق ئۇلۇغ پەيلاسوپ كۇڭفۇزى - كۇڭزى تەلىماتىنىڭ ياراتقۇچىسى؛ كۇڭزى تەلىماتى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا. كۇڭزىنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى شەخسىي ئەخلاق ۋە ئاۋام ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، يۈكسەك ئەخلاق يېتەكچىلىكىدىكى ھۆكۈمەت ئاساسىغا قۇرۇلغان. ئىككى مىڭ يىلدىن بۇيان، بۇ خىل پەلسەپىۋى ئىدىيە جۇڭگولۇقلارنىڭ تۇرمۇش، مەدەنىيەت ساھەسىگە سىڭىپ كىردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيا خەلقىنىڭ زور بىر قىسمىغىمۇ چوڭ تەسىر كۆرسەتتى.
 
خەنزۇچە:孔夫子
 
pinyin: Kǒng Fūzǐ
 
ئنگلىزچە:Confucius
 
[[ھۆججەت:Confucius 02.png]]
 
 
جۇڭگولۇق ئۇلۇغ پەيلاسوپ كۇڭفۇزى - كۇڭزى تەلىماتىنىڭ ياراتقۇچىسى؛ كۇڭزى تەلىماتى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا. كۇڭزىنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى شەخسىي ئەخلاق ۋە ئاۋام ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، يۈكسەك ئەخلاق يېتەكچىلىكىدىكى ھۆكۈمەت ئاساسىغا قۇرۇلغان. ئىككى مىڭ يىلدىن بۇيان، بۇ خىل پەلسەپىۋى ئىدىيە جۇڭگولۇقلارنىڭ تۇرمۇش، مەدەنىيەت ساھەسىگە سىڭىپ كىردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيا خەلقىنىڭ زور بىر قىسمىغىمۇ چوڭ تەسىر كۆرسەتتى.
 
كۇڭزى مىلادىدىن 551 يىل ئىلگىرى، ھازىرقى جۇڭگونىڭ شەرقىي قىسمىدىكى شەندۇڭ ئۆلكىسىدە قۇرۇلغان بىر بەگلىك - لۇ بەگلىكىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ بالىلىق دەۋرىدىلا دادىسى تۈگەپ كېتىپ، ئاپىسى بىلەن غۇربەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرگەن. ياش - قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن، لۇ بەگلىكىدە كىچىك ئەمەلدار بولغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ئەمىلىدىن ئىستىپا بېرىپ، ئۆز تەلىماتىنى تەرغىپ قىلىشقا كىرىشىپ، 16 يىل مۇشۇ ئىش بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ جەرياندا ئەتراپىغا نۇرغۇن شاگىرت توپلىغان، ئۇ 50 يېشىدا لۇ بەگلىكىدە زىندان بېگى بولغان، تۆت يېرىم يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە ئوردىدىكى رەقىبلىرى بىرلىشىپ ئۇنىڭغا سۈيىقەست ئىشلىتىدۇ. نەتىجىدە ئۇ ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، بەگلىكلەر ئارا 13 يىل ۋائىزلىق قىلىدۇ، ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بەش يىلىدا لۇ بەگلىكىگە قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ مىلادىدىن 479 يىل ئىلگىرى ۋاپات بولىدۇ.