ئەيسا مەسىھ: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق
Content deleted Content added
No edit summary |
Fixed typo, Fixed grammar, Added links, turkdevleti.tk@gmail.com بەلگە: يانفون نەشىرىنى تەھرىرلەش يانفون بېتىنى تەھرىرلەش |
||
1 -قۇر:
'''ئىسا'''----------ئىسا ئەلەيھىسالام ھەزرىتى مەريەمنىڭ
.....تارىخچىلار ۋە مۇپەسسىرلەر ئىنجىلنىڭ بۇ توغرىدىكى بايانىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ، تەۋھىد ئۆلىمالىرىنىڭ ئىيتىشىچە، كۆپىنچە پەيغەمبەرلەر 40 يېشىدا پەيغەمبەر بولىدۇ، ئەمما ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ 30 يېئىشىدا پەيغەمبەر بۇلۇشى ئالاھىدە ئەھۋال. چۈنكى ئۇ 40ياشقا يەتمەي تۇرۇپ ئاللاھ تەرىپىدىن ئاسمانغا ئېىلىپ چىقىپ كېتىلگەن. ئاللاھتائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ كىشىلەرنى ئاللانىڭ توغرا دىنىغا دەۋەت قىلىشقا باشلىدى.ئاللاتائالا كىشىلەرنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە قايىل قىلىش ئۈچۈن ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى مۇيەسسەر قىلىپ بەردى. ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش، كورلارنى كۈرۈدىغان قىلىش، كىسەللەرنى ساقايتىش ئەنە شۇ مۆجىزىلەردىن ئىدى. ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتى يەھۇدىلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىدى، ئىسا ئەلەيھىسسالام يەھۇدىلارنىڭ دىنىي باشلىقلىرى بىلەن مۇنازىرىلىشىپ ئۇلارنىڭ ئاساسسىز سۆزلىرىگە كۈچلۈك دەللىلەر بىلەن رەددىيە بېرەتتى، ئۇلارنى توغرا دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ئۈدەيتى، ئۇلارنىڭ يولىنىڭ بۇزۇقلۇقىنى بايان قىلاتتى. يەھۇدىلارنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئۆلىمالىرى مەسلىھەتلىشىپ ، ئىسا ئەلەيھىسسالامدىن قۇتۇلۇش قارارىغا كەلدى، ئۇلار ئەينى زاماندا پادىشاھ قەيسەر تەرىپىدىن يەھۇدىئىلارغا قۇيۇلغان ھاكىم بىلاتىنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشكە كۈشكۈرتتى، يەھۇدىلارنىڭ ئۆلۈمگە ھۈكۈم قىلىنغانلارنى سىپ ئۆلتۈرۈشتەك ئەينى ۋاقىتلاردىكى قائىدىسى بويىچە ، ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئېسىپ ئۆلتۈرمەكچى بۇلۇشتى، ئىسا ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، يۇشۇرۇنىۋالدى، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەۋارىيۇنلاردىن بولغان يەھۇزا ئىسىملىك بىر شاگىرتى خائىنلىق قىلىپ، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇشۇرۇنغان جايىنى ھاكىمنىڭ ئادەملىرىگە ئېيتىپ قويدى. ئۇلار ئىسا ئەلەيھىسسالام بار جايغا كىرگەن چاغدا، ئاللاتائالا يەھۇزانىڭ شەكلىنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈرىتىگە كىرگۈزدى- دە، ئۇلار يەھۇزانى ئىسا ئەلەيھىسسالام دەپ ئېسىپ ئۆلتۈردى، ئاللاھتائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئاسمانغا ئېىلىپ چىقىپ كەتتى. بۇ چاغدا ئىسا ئەلەيھىسسالام 33 ياشتا ئىدى. ئىسا ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بۇلۇپ بەنى ئىسرائىلنى دىنغا دەۋەت قىلغان مۇددىتى 3 يىل بولدى. ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ شاگىرتلىرى بار بۇلۇپ، ئۇلار ھەۋارىيۇن دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ياردەمچىلىرى بۇلۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىگە ئوخشايدۇ، ھەۋارىيۇنلارنىڭ سانى 12 ئىدى. ئاللاتائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئىنجىلنى نازىل قىلغان، ئىنجىل دىگەن سۆز بىرانىچە سۆز بۇلۇپ، بىشارەت مەنىسىدە. كۆپچىلىك ئىسلام ئۆلىمالىرى قۇران كەرىمنىڭ ۋە سەھى ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، ئىسا ئەلەيھىسسالامنى قىيامەت بۇلۇشنىڭ ئالدىدا ئاسماندىن چۈشۈپ، دەۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ دەپ قارايدۇ. مەككە مۇكەررەمە شەرىئەت ۋە ئىسلام تەتقىقات ئىنىستىتوتىنىڭ پراففىسسورى، "سەھۋەتۇتتەپاسىر" نىڭ مۇئەللىپى مۇھەممەد ئېلى سابۇنى ئۆزىنىڭ "ئەننۇبۇۋەتۇۋەلەنبىيا" دىگەن ئەسىرىدە بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختىلىپ:" ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسى تېخى تۈگۈگىنى يوق. ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى تۇللۇق ئادا قىلىش ۋە دەۋىتىنى تەبلىغ قىلىش ئۈچۈن زېمىنغا چۈشىدۇ، ئۇ ھازىر ئاسماندا ھايات، ئاللاتائالا ئۇنى ھايات ھالدا ئاسمانغا ئۆز دەرگاھىغا ئېىلىپ چىقىپ كەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئەھۋالنى مۇشۇ يۇسۇندا يەتكۈزگەن . بىز قۇراننىڭ بەرگەن خەۋىرىگە ۋە راستچىل رەسۇلۇللانىڭ ھەدىسىگە ئىشىنىمىز، رەسۇلۇللاھ: سىلەرگە مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسا چۈشۈپ، ئادىل ھۆكۈمران بۇلۇپ، سەلبىنى چېقىپ تاشلايدۇ، چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ، جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇدىگەن " دەيدۇ.
|