مەككە: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
89 -قۇر:
مەككە شەھرى، م.ب. 2000- يىللارغە قەدەر ئۇزانغان بىر شەھەردۇر. بۇ شەھەرنىڭ مۇقەددەس كۆرىلىشى ڧەقەت ھەزرىتى مۇھەممەد (س.ئە.ۋ) نىڭ بۇ ۋادىدە توغۇلغان بولىشىىدىن ئاۋۋال ھەزرىتى [[ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام]]غا تاقىلىدۇ. ئىسلام مەنبئەلەرىغە كۆرە ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ توقالى ھەزرىتى [[ھاجەر]]دىن توغۇلغان ئوغلى ئىسمائىلنى تۇنجى زەۋجەسى ھەزرىتى [[سارە]]نىڭ ئىستىكى بىلەن يىراققا ئاپىرۋەتمەكچى بولىدۇ. ھەزرىتى ئىبراھىم ئىككىسىنى ئېلىپ اللەنىڭ دىلىغا سىلىشى بىلەن بۇگۈنكى مەككەنىڭ ئورنىغا كېلىدۇ. ئۇلارنى بۇ يەردە قالدۇرۇپ قايتىپ كېتىدۇ. گىياھسىز ۋە ئادەمزاتتىن ئەسەر يوق بۇ زېمنغا ئانا ۋە ئوغۇل يەرلىشىپ قالىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن تىجارەت ئۈچۈن بۇ يەردىن ئۆتىۋاتقان ئەرەبلەرنىڭ جۇرھۇم قەبىلىسى ئىسمائىلنىڭ ئاياقلىرى ئاستىدىن چىققان [[زەمزەم]] بىلەن ياشاش مۇمكىن ھالغا كەلگەن بۇ جايغا يەرلىشىدۇ ۋە شەھەرنىڭ تۇنجى تۇرغۇنلىرى بولۇپ قالىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كېيىنچە قايتا بۇ يەرگە كېلىدۇ ۋە اللەنىڭ ئەمرى بىلەن ئوغلى ھەزرىتى ئىسمائىل بىلەن [[كەئبە]]نى ئىنشا قىلىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كەئبە بىر ھەج يېرى قىلىپ بەلگىلىنىدۇ ۋە ھەزرىتى ئىبراھىمغا ئەرگەشكۈچىلەر بىلەن ئەرەبلەرنىڭ تاۋاپ مەركىزى بولۇپ قالىدۇ.<br />
ئەسرلەر مابەينىدە ھەج مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن بارغانسېرى كېڭەيگەن مەككە ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ مۇھىم تىجارەت شەھرى بولۇپ قالىدۇ. ھەزرىتى ئىسمائىلنىڭ پۇشتىدىن بولمىش ۋە شەھەرنىڭ مۆتىۋەر جەمەتىدىن بولغان قۇرەيشىلەردىن چىققان ھەزرەتى مۇھەممەد (س.ئە.ۋ) 571- يىلى ئۇشبۇ شەھەردە توغۇلغان. 40 ياشقىچە بۇ شەھەردە ياشاغان ھەزرىتى مۇھەممەد ھىرا غارىدا تۇنجى ۋەھىينى قەبۇل قىلغاندىن سوڭرە بارا-بارا ساماۋىي تەھىد دىنى [[ئىسلام]]نى بۇ شەھەردە دۇنياغا جاكارلىغان. بۇ يېڭى دىننى قەبۇل قىلماغان مەككە كاتتىلىرى بىلەن قاتتىق تىركىشىشلەردىن كېيىن، اللەنىڭ رۇخسىتى ۋە ئەمرى بىلەن 622- يىلى [[مەدىنە]] شەھرىگە [[ھىجرەت]] قىلغان.<br />
بىر نەچچە يىل مەدىنەدە ياشىغاندىن سوڭ، يېتەرلىك كۈچكە ئىگە بولغان ھەزرەتى مۇھەممەد 630- يىلى شەھەرنى ئۇرۇش قىلماي تەسلىم ئالغان ۋە بۇ يەردە ھەج قىلغان. [[ۋىدا خۇتبىسىنىخۇتبىسى]]نى بۇ شەھەردە ئوقۇپ، مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە قايتىپ كەتكەن ۋە 632- يىلى مەدىنەدە رىھلەت قىلغان.
 
<br />
<br />
 
==خەلىڧەلەر دەۋرى==