مەككە: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق
Content deleted Content added
No edit summary
No edit summary
79 -قۇر:
==ئۆتمۈشى==
مەككەنىڭ بىلىنگەن ئەسكى ئاتى بەككە ئېرۇر. بەئزى مەنبئەلەر مەككەنىڭ، ھەم شەھەر ھەمدە كەئبەنى ئىپادىلەيدۇرغان بىر ئىسىم ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسە؛ باشقا بەئزى مەنبئەلەردە مەككەنىڭ، [[ھەرەم]]نىڭ تامامىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىسمىغادېيىلىدىغانلىقىنى؛ بەككەنىڭ بولسا بۇ مەسجىدنىڭ باشقا بىر ئىسمى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ<ref>İbn Kuteybe, Tefsiru Garîbi'l-Kur'an, Beyrut 1978, s.107-108</ref><ref>İbrahim Hasan, Tarihu'l-İslâm, Mısır 1979, I, 45</ref>. تىلشۇناشلار مەككە بىلەن بەككە نىڭ بىر نەرسىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئېتىراڧ قىلىماقتا<ref>Abdullah el-Endelûsî, Mu'cemu Ma İste'ceme, Beyrut 1983, I, 269</ref>. مەككە ۋە بەككە، [[بابىل]] تىلىدە 'ئۆي' دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئامەلىكالىقلار تەرەڧىدىن بۇ يەرنىڭ ئىسمى سۈڧەتىدە قوللىنىلغان. باتلاميۇس بولسا مەككەگە '''ماكوراببا''' دېگەنلەر.
[[ھۆججەت:The Holy Mosque in Mecca.jpg|left|300px|thumb|كۈنىمىزدە كەئبەنى ئوراپ تۇرغان زامانەۋىي مەككە بىنالىرى]]
Line 91 ⟶ 93:
بىر نەچچە يىل مەدىنەدە ياشىغاندىن سوڭ، يېتەرلىك كۈچكە ئىگە بولغان ھەزرەتى مۇھەممەد 630- يىلى شەھەرنى ئۇرۇش قىلماي تەسلىم ئالغان ۋە بۇ يەردە ھەج قىلغان. [[ۋىدا خۇتبىسى]]نى بۇ شەھەردە ئوقۇپ، مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە قايتىپ كەتكەن ۋە 632- يىلى مەدىنەدە رىھلەت قىلغان.
=='''خەلىڧەلەر دەۋرى=='''
مەككە [[خەلىڧەلەر دەۋرى]]دە سىياسىي جەھەتتىن تېنچ بىر دەۋرنى باشتىن كەچۈردى. بۇ دەۋىردە سۇ باسقۇنلىرىغا دۇچ كەلگەن كەئبە ئۈچۈن خەلىڧە [[ئۆمەر بىن خەتتاب]] ۋە [[ئوسمان بىن ئەڧڧان]] زامانىدا سەپەرۋەرلىك بىلەن شەھەرنىڭ يوقىرى قىسىملىرىغا دامبىلار قۇرۇلدى.
==='''ئەمەۋىيلەر دەۋرى==='''
[[ئەمەۋىيلەر]] خانەدانى زامانىدا شەھەرنىڭ ئولتۇراق قۇرلۇشى تېزلەشتى. سەللەرنى تىگىنلەش ۋە يۆنىلىشىنى بۇراش ئۈچۈن بۈيۈك قاناللار قازىلدى. بۇنىڭدىن باشقا ھەزرىتى ئۆمەر زامانىسىدا باشلىنىپ ۋەلىد 1 زامانىغىچە دەۋام قىلغان قاشالاش خىزمىتى بىلەن كەئبىنىڭ ئەتراڧى چوڭلىتىلدى.
[[مۇئاۋىيە]] قۇدۇق قازدۇرۇپ سۇلارنىڭ يىغىلىشى ئۈچۈن كۆلچەكلەر چاپتۇردى. ئۇ قۇرغان سوغىرىش سېستىمى بىلەن تېرىقچىلىققا ماس ئېتىز-دالىلار كۆپەتىلدى.
يەنە 6. ئەمەۋىي خەلىڧەسى ۋەلىد 1 دەۋرىدە (705-715) [[مەسجىدى ھەرەم]] پىلانى ھازىرلاندى. بۇ پىلان ئۈچۈن [[سۇرىيە]] ۋە [[مىسىر]]دىن مىمارلار كەلتۈرۈلۈپ كۈنىمىز دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ مەسجىد - جامئەسىنىڭ قۇرۇلىشى باشلاندى.
مەككە ئەمەۋىي دەۋرىدە بەئزى مۇھىم سىياسىي ۋاقى.ەلەر بائىس ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. [[يەزىد]]نىڭ ناھەقلەرچە خەلىڧە بولىشىنى قەبۇل قىلماغان [[ئابدۇللاھ ئىبن زۇبەير]] قارشىلىق ھەرىكىتىنى مەككەدە سۈردۈرگەن. بۇ ھال سۇرىيە قوشۇنىنىڭ ھىجازغا ئىبەرىلىشى ۋە مەككەنىڭ قورشاۋ ئاستىغا ئېلىنىشىغا سەبەب بولغان. ئابدۇللاھ ئىبن زۇبەير بۇ قوشۇننى مەغلۇب قىلغان ۋە قۇماندانلاردىن كۆپىنچىسىنى ئەسر ئالغانىدى. كېيىچە مەككەنى تەكرار قورشاۋغا ئالغان يەزىد قۇشۇنى ئۇنىڭ ئۆلۈم خەبەرىنى ئېلىپ قورشاۋنى بىكار قىلغانىدى.
مەككەدە خەلىڧەلىگىنى ئېلان قىلغان زۇبەيرگە ھىجازنىڭ تامامى ۋە ئىراق ۋە خۇراسان ھۇدۇدلىرىمۇ بەيئەت قىلغانىدى.[[ئابدۇلمەلىك بىن مەرۋان]]، ئەمەۋىي تەختىگە چىقار چىقماس، [[ھەججاج]] قۇمانداقلىقىدا بۇ قوشۇننى مەككەگە ئىبەردى. زالىملىقى بىلەن ئۈن سالغان ھەججاجنىڭ قۇرشاۋىغا ئالتە ئاي تىركەشكەن مەككە، ئابدۇللاھ ئىبن زۇبەيرنىڭ ئۆلۈمى بىلەن تەسلىم بولغان.
747- مىلادى [[يەمەن]]دىن كەلگەن [[خارىجىلەر]] مەككەنى ئىشغال قىلغان. 750- يىلقى [[ئابباسىي]] زەربىسى بىلەن مەككە خىلاڧەت بىلەن بىرلىكتە ئابباسىلەرنىڭ قولغا ئۆتكەن.
==='''ئابباسىيلەر دەۋرى==='''
'''ئوسمان تۈرك دەۋرى ۋە سوڭرەسى'''
===ئابباسىيلەر دەۋرى===
===ئوسمانلى دەۋرى===
===بۇگۈن===