تەۋرات: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
قۇرۇلغان بەت ''''تەۋرات'''، '''تورا''' ياكى '''پەنتاتېۇك''' (ئەرەبچە: تورة ''tawrat''؛ ئىبرانىي تىلى|ئىب...'
 
No edit summary
 
1 -قۇر:
'''تەۋرات'''، '''تورا''' ياكى '''پەنتاتېۇك''' ([[ئەرەب تىلى|ئەرەبچە]]: تورة ''tawrat''؛ [[ئىبرانىيئىبرانى تىلى|ئىبرانىيچە]]: תורה ''Torah'', [[گرېك تىلى|گرېكچە]]: Πεντάτευχος ''پەنتاتېۋھوس'')، [[تاناھ]] ۋە [[كونا ئەھد]]نىڭ تۇنجى بەش كىتابىغا بېرىلگەن ئىسىم. ھەزرەتى '''[[مۇسا ئەلەيھىسسالام|مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ]] بەش كىتابى''' دەپمۇ بىلىنىدۇ. ئەسلىدە [[ئىبرانىي تىلى|ئىبرانىيچە]] يېزىلغاندۇر. پەرۋەردىگار تەرەفىدىن [[مۇسا ئەلەيھىسسالام|مۇسا ئەلەيھىسسالامغا]] ۋەھىي قىلىنغانلىقىغا ئىشىنىلىدۇ. تەۋرات كەلىمىسى بەئزىدە تاناھنىڭ تامامى ئۈچۈنمۇ قوللىنىلىدۇ<sup>[http://www.britannica.com/EBchecked/topic/599756/Torah <nowiki>[1]</nowiki>]</sup>.
 
== ئاتالغۇ ==
5 -قۇر:
 
[[خرىستىيان|خرىستىيانلىق]]، تەۋراتنى ۋە تاناھنىڭ باشقا كىتابلىرىنى مۇقەددەس بىلۇر، لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ [[ئىسا ئەلەيھىسسالام]] ۋاستىسى بىلەن يېڭى بىر ئەھد ئىبەرگەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. بۇ ۋەجدىن مۇسەۋىي مۇقەددەس كىتابنى كونا ئەھد دەپ ئاتايدۇ. [[يەھۇدى دىنى|يەھۇدىلىك]]، ئىسا پەيغەمبەرنى ۋە [[يېڭى ئەھد]]نى قەبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن تاناھنىڭ كونا ئەھد دەپ ئاتىلىشىنى توغرا تاپمايدۇ.
 
== بابلار ==
مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بەش كىتابى تۆۋەندىكىلەردۇر:
* '''تەكۋىن''' ياكى '''ياراتىلىش''':
دۇنيانىڭ ۋە ئىنساننىڭ يارىتىلىشىنى، جەننەتتىن قوغلىنىش، [[نۇھ ئەلەيھىسسالام|نۇھ]] [[توپان بالاسى|توپانى]]، ئىبرانىي خەلقىنىڭ ئاتالارى بولمىش [[ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام|ئىبراھىم]]، [[يەئقۇب ئەلەيھىسسالام|يەئقۇب]] ۋە [[يۇسۇف ئەلەيھىسسالام|يۇسۇفنى]] ئاڭلىتىدۇ.
* '''چىقىش''' ياكى '''مىسىردىن چىقىش''':
يەھۇدىي خەلقىنىڭ مۇسا پەيغەمبەر رەھبەرلىكىدە مىسىردىن چىقىشىنى ۋە 40 يىل بويىچە سىنا چۆلىدە كېزىشىنى، [[ئون ئەمر]]نىڭ نازىل بولىشىنى، ئاساسىي قائىدىلەرنىڭ قەبۇلى ئاڭلىتىدۇ.
* '''لەۋىلىلەر''':
[[ھارۇن|ھارۇننىڭ]] ئوغۇللىرىنىڭ كاھىن ئاتىلىشىنى ۋە كونا ئىسرائىلنىڭ تىۋىنىش ئۇسۇللىرىنى ئاڭلىتىدۇ.
* '''سانلار''' ياكى '''چۆلدە ساناق''':
[[ئىسرائىلىيە|ئىسرائىل]] خەلقىنىڭ سىنا تېغىدىن كۆچۈپ [[كەنئان]] مەملىكىتىنىڭ شەرقى چىگرالىرىغا بارغۇنچە بولغان كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلىتىدۇ. شۇنداقلا [[كەنئان]] چىگرىسىدا تەڭرىنىڭ مۇسا ۋاستىسى بىلەن ئىبەرگەن قانۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
* '''تەسنىيە''' ياكى '''قانۇننىڭ تەكرارى''':
مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ۋافاتىدىن بۇرۇن موئاۋ چۆلىدە خەلقىغە بەرگەن ئۆگۈتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
 
== ئىسلام ئىتىقادىغا كۆرە تەۋرات ==
[[قۇرئان كەرىم|قۇرئان كەرىمدە]] تەۋراتنىڭ اللە تەرەفىدىن [[مۇسا ئەلەيھىسسالام|مۇسا ئەلەيھىسسالامغا]] نازىل قىلىنغان بىر كىتاپ ئىكەنلىكى ئىپادە قىلىنىدۇ.
 
ئاندىن ئۇلار (يەئنى ئىسرائىل ئەۋلادى) ئكز پەرۋەردىگارىغا مۇلاقەت بولىدىغانلىقىغا ئىشەنسۇن دەپ، ياىشىلىق قىلغان ئادەمگە بېرىدۇرغان نېئمىتىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، (ئىسرائىل '''ئەۋلادىنىڭ دىنى ئىشلىرىدا ئىھتىياجلىق بولغان) ھەر بىر نەرسىنى تەفسىلى بايان قىلىش، (ئىسرائىل ئەۋلادىنى) ھىدايەت قىلىش ۋە (ئۇلارغا) رەھمەت قىلىش يۈزىسىدىن، مۇساغا كىتاب (يەئنى تەۋرات) ئاتا قىلدۇق. ([[سۇرە ئەنئام]]: 154)'''
 
'''قۇرئاندىن ئىلگىرى مۇسانىڭ كىتابى''' '''(يەئنى تەۋرات) ئەھلى جاھانغان پېشۋا ۋە رەھمەت ئىدى. بۇ ئەرەب تىلىدىكى كىتابدۇر، (ئىلگىرىكى كىتابلارنى) تەسدىق قىلغۇچىدۇر، (اللە ئۇنى) زالىملارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ياخشى ئىش قىلغۇچى مۆئمىنلەرگە (جەننەت بىلەن) خوشخەۋەر بېرىش ئۈچۈن نازىل قىلدى. ([[سۇرە ئەھقاف]]: 12)'''
 
مۇسۇلمانلار تەۋراتنى مۇقەددەس كىتاب دەپ قەبۇل قىلىدۇ، لېكىن ئەسىل مەتنىنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆزەەرتىلگەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.