ئىبراھىمىي دىنلەر: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
قۇرۇلغان بەت 'thumb|[[خرىستىئان دىنى|خرىستىيانلىقنىڭ سىموۋۇلى (سول يوقرىدا)، ئىسل...'
 
No edit summary
5 -قۇر:
 
== يىلتىزلار ۋە ئۆتمۈش ==
ھەزرىتى [[ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام|ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ]] ئوغۇللىرىدىن بولمىش ھەزرىتى [[ئىسھاق ئەلەيھىسسالام|ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ]] پۇشتىدىن [[يەھۇدى دىنى|مۇسەۋىيلىك]] ۋە [[مەسىھچىلىك|خرىستىيانلىق]] دىنلىرىنىڭ پەيغەمبەرلەرىنىڭ؛ ھەزرىتى [[ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام|ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ]] پۇشتىدىن [[ئىسلام دىنى| ئىسلام]] پەيغەمبەرى ھەزرىتى [[مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام|مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ]] كەلگەنلىكى قەبۇل قىلىنىدۇ. ئىبراھىم كەلىمىسى «نۇرغۇن خەلقنىڭ ئاتاسى» دېگەن مەنىگە ئىگە. [[مەككە]]لىكلەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىنى [[سابىئىيلىك]] دەپ ئېيتاتتى. [[قۇرئان كەرىم|قۇرئاندا]] ئىبراھىم پەيغەمبەرنى [[ھەنىڧ]] دەپ سۈڧەتلەيدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى [[تاناھ|تاناھتا]] ''ئاۋرام\Awram'' دەپ ئېلىنىدۇ.
ئىسلام مەدەنىيىتىدە '''ساماۋىي دىنلەر''' ئوقۇمى بەئزى بەئزىدە ئىبراھىمىي دىنلەر ئوقۇمى مەنىسىدە قوللىنىلسىمۇ دەل ئۆزى ئەمەستۇر. ساماۋىي دىنلەر ئىسلامدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن ئالدىنقىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇنجى ئىنسان ھەزرىتى [[ئادەم ئەلەيھىسسالام|ئادەمدىن]] بۇيانغا تەڭرىدىن نازىل بولغانلىقىغا ئىشىنلىدىغان ۋە بەئزىلىرى بۇگۈن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بىر خۇدالىق دىنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
 
==دىن ئىلىملىرىدا دىن تونۇشى==
ئوخشىمىغان يول تۇتقان ئىلمشۇناسلارنىڭ دىنلار ھەققىدىكى تونۇشى ئوخشاشمايدۇ. دىن تونۇشى ئومۇمەن [[تەڭرىشۇناسلىق]]، [[ئەخلاق|ئەخلاقى]]، [[ڧەلسەڧە|ڧەلسەڧىي]]، [[پىسىخولوگىيلىك]] ۋە [[جەمئىيەتشۇناسلىق]] كاتېگورىيلىرى ئاستىدا قولغا ئېلىنىدۇ.
ساماۋىي دىنلەر بىلەن باشقا بىر تەڭرىلىك دىنلەر ئارىسىدىكى پەرق بۇ دىنلەردە كېيىن كەلگەن دىننىڭ بۇرۇن كەلگەن دىنلەرنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ۋە دىنىي كاتتىلىرىنى قەبۇل قىلىپ ھۆرمەت كۆرسىتىپ ياد ئېتىشىدۇر. لېكىن دەل ئەكسى ئەھۋال ھەر زامان مەۋجۇت ئەمەستۇر. مەسىلەن، ھەزرىتى [[ئىسا ئەلەيھىسسالام]] [[يەھۇدىي دىنى|يەھۇدىلىكتە]]، ھەزرىتى [[مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام|مۇھەممەد س.ئە.ۋ]] ھەم يەھۇدىيلىك ھەم [[خرىستىيان دىنى|خرىستىيانلىقتا]] [[پەيغەمبەر]] دەپ قارالمايدۇ.
 
==ئىبراھەمىي دىنلەرنىڭ ئۆزگىچەلىكلىرى==
پۈتۈن ساماۋىي دىنلەر، [[تەڭرى|پەرۋەردىگارنىڭ]] زات ۋە سۈڧەتلىرىدە بىر ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ يېگانە ياراتقۇچى ئىكەنلىكىنى، ئىبادەتلەرنىڭ يالغۇز ئۇنىڭغىلا قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقىسىغا چوقۇنۇلمايدۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. [[پەيغەمبەرلەر]] پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە [[ۋەھىي]] يوللىغان ئەلچىلىرى ئىكەنلىكىنى [[مۇئجىزە]]لەر كۆرسىتىپ ئىسپاتلاشقا تىرىشىدۇ.
ئىبراھىمىي دىنلەردە نۇرغۇن ئەڧسانە، ئوقۇم، ئاتالغۇ ياكى ھىكايىگە ئوخشاپ كېتىدۇرغان مەزمۇنلارغا ئىگە بولماق بىلەن بىرگە بىر بىرىگە دەلمۇدەل ئوخشاشلىق كۆرۈلمەيدۇ. مەسىلەن، تەڭرى، مۇقەددەس كىتابلار، پەيغەمبەرلىك ۋەيا پەيغەمبەرلەر ياكى ئاخىرەت قاتارلىق ئوقۇملار ھەر دىنىي گرۇپتا ئوخشىمىغان مەنا ۋە مەزمۇنغا مالىكتۇر.
 
==ئېتنوگراڧىك ئىبراھىمىي دىنلەر==
بەئزى [[ئېتنوگراڧىك]] ئىبراھىمىي دىنلەر [[سامىرىزم]]، [[ئەزىدىلىك]]، [[دۇرزىلىك]]، [[سابىئىيلىك]] ۋە [[راستاڧاريانىزم]] قاتارلىقلاردۇر.