لۇت ئەلەيھىسسالام: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
No edit summary
No edit summary
15 -قۇر:
پەرىشتىلەر لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىشتى. لۇت ئەلەيھىسسالام قەۋمىنىڭ پەرىشتىلەرگە يامانلىق يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيتتى. ئۆيىگە مېھمان بولۇپ كەلگەن بۇ كىشىلەرنى پەقەت كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇلار ناتونۇش كىشىلەر ھېسابلىناتتى. بۇ ئەسنادا قەۋم ئۇنىڭ ئۆيىنى قورشاپ، كەلگەن مېھمانلارنى ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشقا باشلىدى. بۇ ئەھۋالدىن لۇت ئەلەيھىسسالام بەك قورقۇپ كەتكەن ئىدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن پەرىشتىلەر لۇت ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئادەتتىكى ئىنسان ئەمەس، ئاللاھ تەرىپدىن ئۇ ئازغۇن قەۋمنى يەر يۈزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن پەرىشتىلەر ئىكەنلىكىنى، ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىگە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ كېچىدە شەھەردىن چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى، سەھەر ۋاقتى لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى بىلەن بىرلىكتە گۇناھكارلارنىڭ ھالاك قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. <br />
لۇت ئەلەيھىسسالام كېچىدە شەھەردىن چىقىپ كېتىدۇ. سەھەر ۋاقتى شەھەر ئاستىن – ئۈستۈن بولۇپ كېتىدۇ. ئەدەپسىز قەۋمنىڭ ئۈستىگە ئاسماندىن تاش ياغدۇرۇلىدۇ. بۇ ئەسنادا، لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالىمۇ ھالاك بولغان ئىدى. قۇرئاندا لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالىنىڭ ھالاك قىلىنغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ ھالاك بولۇش سەۋەبى بايان قىلىنمايدۇ. پەقەت تالاق سۈرىسىنىڭ 10- ئايىتىدە نۇھ بىلەن لۇتنىڭ خوتۇنىنىڭ ئەرلىرىگە خىيانەت قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. بۇ يەردىكى خىيانەتنىڭ قانداق خىيانەت ئىكەنلىكىنى ساھابىلەردىن ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس ئىزاھلاپ، بۇ ئىككى ئايالنىڭ خىيانىتىنىڭ، ئېرىنى ئالداش تۈرىدىكى خىيانەت ئەمەس، كۇپۇرلۇق ۋە ئىنكارچىلىق خىيانىتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. باشقا رىۋايەتلەردە، لۇتنىڭ ئايالى قەۋمنىڭ ئەخلاقسىزلىقلىرىغا ياردەم بېرىش ۋە ئۆيىگە مېھمان كەلگەنلىكىنى ئەخلاقسىز قەۋمگە خەۋەر قىلىپ قويۇش ئارقىلىق خىيانەت قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. لېكىن، تەۋراتتا لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالىنىڭ شەھەردىن چىقىپ كېتىۋېتىپ ئارقىسىغا قاراپ سالغانلىقى ئۈچۈن قەۋمى بىلەن بىللە ھالاك بولۇپ كەتكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ....<br />
خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، لۇت ئەلەيھىسسالاممۇ ئىگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش ئاللاھ تائالا تەرىپدىن تاللانغان پەيغەمبەر ئىدى. شەھەر خەلقىنى ئېتىقادىي جەھەتتىكى خاتا قىلمىشلارغا قارشى ئاگاھلاندۇرۇشتىن سىرت، تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەرلەر بىلەن ئەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى يولسىز ۋە ئەدەپسىز جىنسىي مۇناسىۋەتتىن توسۇش بىلەن مەشغۇل بولغان. لېكىن بۇ شەھەر خەلقى ئىلگىرى ھالاك بولغان قەۋملەرگە ئوخشاش، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمايلا قالماستىن، ئۇنى شەھەردىن قوغلاپ چىقىرىشقا ئۇرۇندى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تەرىپىدىن ھالاك قىلىندى. ئىمان ئېيتمىغان ۋە قەۋمنىڭ بۇزۇق ئىشلىرىغا ياردەم بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن لۇت پەيغەمبەرنىڭ ئايالىمۇ ھالاك قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرنىڭ ئايالى تۇرۇپ، ئىمان ئېيتمىغان ۋە گۇناھ ئىشلاردا ئىنسانلار بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى سەۋەبىدىن، كەلگۈسى نەسىل ئۈچۈن ئىبرەت ئېلىشقا تېگىشلىك يامان ئاياللارغا مىسال بولۇپ قالدى<ref>[http://www.trt.net.tr/uyghur/pyrwgrammylar/2015/04/27/lut-y-aelaeyh-sslm-252279?encoding=cyrillic%3Fcvqgkuvqnynhfbcv%3Fiqnrioccezfbzrsi%3Fpvqnydgmywjjqxln www.trt.net.tr/uyghur/ 2016- يىلى 4-ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى ئۇلىنىش ،www.trt.net.tr/uyghur/]</ref>.