لۇت ئەلەيھىسسالام: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
No edit summary
No edit summary
8 -قۇر:
[[ھۆججەت:MountSodom061607.jpg|250px|center]] سەدۇم چوققىسى [[ڧەلەستىن]]

ھەزرىتى '''لۇت''' ([[ئەرەب تىلى|ئەرەبچە]]: لوط، [[ئىبرانى تىلى|ئىبرانىيچە]] : לוֹט) [[ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام|ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ]] بىر تۇغقىنى ھارۇننىڭ ئوغلى ئىدى. لۇت ئە.س ئىبراھىم ئە.س غا ئىمان ئېيتقانىدى. ئۇ ئىبراھىم ئە.س بىلەن بارلىق سەڧەرلەردە بىللە بۇلاتتى. اللە تائالا لۇت ئە.سنى بۇگۈنكى [[ئىسرائىلىيە|ئىسرائىل]] بىلەن [[ئىئوردانىيە]] چىگرىسىدا ياشىغۇچى سەدۇم\[[لۇت قەۋمى|لۇت قەۋمىگە]] ئىبەرىلگەن بىر پەيغەمبەر. سەدۇم ئاھالىسى تولىمۇ ئەخلاقسىز خەلق بولۇپ، يامان ئىشلارنى ئاشكارە قىلاتتى، ئۇيالماستىن [[بەچچىۋازلىق]] قىلاتتى. لۇت ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا پەند نەسىھەت قىلىپ ئۇلارنى يامان ئاقىۋەتكە قېلىشتىن ئاگاھلاندۇردى، لېكىن ئۇلار ئاسىيلىق قىلىپ يامان ئىشلاردىن يانىمىدى.
[[تەۋرات|تەۋراتتا]] ئۇنىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ جىيەنى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ. مەزكۇر مەنبەدىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئانا يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ ھارران رايونىدا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن چوڭ دادىسى ۋاپات بولغان. لۇت ئەلەيھىسسالام تاغىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن بۇ يەردىن ئايرىلىپ كەنئان دىيارىغا، يەنى ئىيوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربىدىكى قەدىمقى پەلەستىن رايونىغا كۆچۈپ كېتىدۇ. لۇت پەيغەمبەر، كېيىنكى ھاياتىدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مىسىر سەپىرىگە ئىشتىراك قىلىدۇ. ھەتتا مىسردا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىسى سۈپىتىدە فىرئەۋننىڭ ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ.

تەۋراتتا ئۇنىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ جىيەنى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ. مەزكۇر مەنبەدىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئانا يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ ھارران رايونىدا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن چوڭ دادىسى ۋاپات بولغان. لۇت ئەلەيھىسسالام تاغىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن بۇ يەردىن ئايرىلىپ كەنئان دىيارىغا، يەنى ئىيوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربىدىكى قەدىمقى پەلەستىن رايونىغا كۆچۈپ كېتىدۇ. لۇت پەيغەمبەر، كېيىنكى ھاياتىدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مىسىر سەپىرىگە ئىشتىراك قىلىدۇ. ھەتتا مىسردا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىسى سۈپىتىدە فىرئەۋننىڭ ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ.

بۇ يەردە شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، يەھۇدىي مەنبەلىرى، كەنئان رايونىغا ئورۇنلاشقان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن لۇت ئەلەيھسسالامنىڭ كۆپ مىقداردا قوي ۋە كالىسى بارلىقىنى، لېكىن ئۇ يەردە سۇ قىس بولغانلىقتىن يېقىن تۇغقانلار ئوتتۇرىسدا مەيدانغا چىققان كۆڭۈلسىزلىكلەر سەۋەبىدىن لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ يەردىن ئۆلۈك دېڭىز ئەتراپىغا كۆچۈپ كەتكەنلىكىنى يازىدۇ. لېكىن، قۇرئان كەرىم ئۇنداق دېمەيدۇ. قۇرئاننىڭ ئىپادىسى بويىچە، لۇت ئەلەيھىسسالام، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ تەبلىغىنى ئەڭ دەسلەپتە قوبۇل قىلغان كىشى ئىدى. شۇنىڭدەك ئاللاھ ئۇنى پەيغەمبەر قىلىپ تاللىغان. ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان بەرەكەتلىك بىر جايغا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، لۇت ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن بىر قەۋمگە پەيغەمبەر قىلىپ تەيىنلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ بۇ يەردە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن ئايرىلغان. لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ دەرىجىسىمۇ باشقا پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش ئۈستۈن قىلىنغان. ئۇنىڭغىمۇ ھاكىمىيەت ۋە ئىلىم بېرىلگەن. تەۋراتتا ئېيتىلغاندەك تاغىسى ئىبراھىمنىڭ پادىچىلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ پادىچىلىرى ئوتتۇرىسىدا مەيدانغا كەلگەن بىر كېلىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن مەخسۇس پەيغەمبەر قىلىپ ۋەزىپىگە تەيىنلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆلۈك دېڭىز رايونىغا كۆچۈپ كەتكەن.

زامان ئىلگىرىلەپ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام دەۋرىگە كەلگەندە لۇت كۆلى ئەتراپىدا بىر قەۋم شەكىللەندى. بۇ خەلق دىنىي جەھەتتىن پۈتۈنلەي خاتا ئەقىدىدە ئىدى. ئەدەپ- ئەخلاق، شەرمى – ھايا ۋە ئار- نومۇس دەيدىغان نەرسىلەر قالمىغان ئىدى. بۇلار، ئىلگىرى مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەخلاقسىز قىلىقلار ئىدى. بۇنىڭغا قارشى چىققۇچىلارغا ئېغىز ئاچقۇزۇلمىغان ئىدى. ئىپپەت- نومۇس ۋە ھايا پۈتۈنلەي ئۇنتۇلغان ئىدى. قانۇنسىز جىنسىي مۇناسىۋەتلەر ئۇ چاغنىڭ ئادىتىگە، ھەتتا قىممەتلىك مەدەنىيەت بايلىقىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. مانا مۇشۇنداق شارائىتتا، لۇت ئەلەيھىسسالام بۇ قەۋمنى ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىغا قارشى چىقىشتىن توسۇپ، ئاللاھقا بويسۇنۇشقا چاقىرغان. ئاياللارنى قويۇپ، ئەرلەرنىڭ ئەرلەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشىگە ئوخشاش يامان ئىشلارنى قەتئىي چەكلىگەن، بۇنداق قىلمىشلارنىڭ بەك چوڭ ئەخلاقسىزلىق، ئەدەپسىزلىك ۋە گۇناھ ئىكەنلكى ھەققىدە خەلقنى ئاگاھلاندۇرغان.