ھۇد ئەلەيھىسسالام: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
No edit summary
No edit summary

10 -قۇر:
ھەزرىتى '''ھۇد''' ([[ئەرەب تىلى|ئەرەبچە]]: '''ھود''') قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان پەيغەمبەرلەردىندۇر. [[كونا ئەھد]]تە ئابەر ([[ئىبرانى تىلى|ئىبرانىچە]]: '''עבר''') دەپ ئاتالغان پەيغەمبەر بىلەن ھەز. ھۇد بىر كىشى دەپ تەخمىن قىلىنماقتا. تەخمىنەن م.ب. 2443 - 2293 ئارىسىدا 150 يىل ئۆمۈر كۆرگەن ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەجەرىسى ھەققىدە ئىسلام مەنبەلىرىدە ئوخشاش بولمىغان مەلۇماتلار مەۋجۇت. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي بەزى شەرقشۇناسلار، ئىسلام مەنبەلىرىدە ھۇد كەلىمىسىنىڭ ھەم پەيغەمبەر ھەمدە يەھۇدىيلار ھەققىدە ئىشلىتىلگەنلىكىگە قاراپ، ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ جەددى ئابىر ئىبنى شالىھ ئىبنى ئارفەشىد بىلەن ئەينى كىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. يەنە بەزى تارىخ مەنبەلىرى، قۇرئاندا قەيت قىلىنغان ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ، يەھۇدىيلارنىڭ بوۋىسى ئابەر ئىكەنلىكى ياكى بولمىغاندا بۇ كەلىمە بىر كىشىگە تەۋە ئىسىم بولماستىن ئەرەب يۇرتلىرىدىن بىرى بولغان يەمەن سەھرالىرىدىكى ئەھقاف شەھىرىگە ئورۇنلاشقان بىر يەھۇدىي قەۋمىنىڭ ئىسمى ئىكەنلىكى ئۈستىدە توختالماقتا.

قۇرئان كەرىم ئوتتۇرىغا قويغان كەسكىن مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ھۇد، ئاد قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ تەيىنلەنگەن بىر كىشىنىڭ ئىسمى. تارىخ مەنبەلىرىدە ئاد قەۋمى ھەققىدە ئىنتايىن ئاز مەلۇمات مەۋجۇت. بۇ مەلۇماتلارنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك بولغانلىرى يەنە قۇرئانغا تايىنىدۇ. ئۇنىڭ سىرتىدىكى رىۋايەتلەر، تەۋرات ۋە بەزى يەھۇدىي كۈلتۈرىگە دائىر رىۋايەتلەرگە تۇتىشىدۇ.

ئاد، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىلىرىدىن ئاۋسنىڭ ئوغلى بولىدۇ. ئاۋسنىڭ دادىسى بولسا، ئىرەم بولۇپ، ئىرەمنىڭ دادىسى نۇھ ئەلەيھىسالامنىڭ ئوغلى سام دەپ قارىلىدۇ. تارىخ مەنبەلىرىدە ئاد دەۋرى بىرىنچى ئاد دەۋرى ۋە ئىككىنچى ئاد دەۋرى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگىنى بولسا، بىرىنچى ئاد دەۋرى ھېسابلىنىدۇ. قۇرئاندا نەجىم سۈرىسىنىڭ 50 - ئايىتىدە «ئاللاھ ئىلگىرى ئۆتكەن ئادنىمۇ ھالاك قىلدى» دېيىلىدۇ. شۇنىڭدىن قارىغاندا، قۇرئاندا ئۆتكەن ھۇد ۋە ئاد ئورتاق تىلغا ئېلىنغان ئايەتلەرنىڭ ھەممىسى بىرىنچى ھۇد دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئاد قەۋمىنىڭ ئىچىدىن ھالاكەتتىن قۇتۇلۇپ قالغانلارنىڭ نەسلىدىن كەلگەنلەر ئىككىنچى ئاد دەۋرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. لېكىن قۇرئاندا بۇ دەۋر ھەققىدە مەلۇمات يوق. <br{{قېلىپ: />قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان پەيغەمبەرلەر}}

ئاد قەۋمى، ياشىغان رايونلاردا يەر شارائىتى جەھەتتىن ئېگىز يەرلەرگە مۇنارلار ياسىغان، سارايلار سېلىپ ئەبەدىي ياشاش ئۈمىدى بىلەن چىداملىق ئۆي-ۋاقلار، باغ- باغچىلار بىنا قىلغان. مال- مۈلۈكلەرگە ئىگە بولغان. مال- مۈلۈك ۋە كۈچ قۇدرەتلىرىگە ئىشىنىپ ھەددىدىن ئارتۇق تەكەببۇرلىشىپ كەتكەن. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنىڭ كۆپلىگەن يېرىدە نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ھەققىدىكى مەلۇماتلارغا ئۇلاپ ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ. يۇقىرىدىكى مەزمۇن ھەققىدە قۇرئاندا ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى ئارقىلىق ئاد قەۋمىگە مۇنداق دېيىلىدۇ:

«سىلەر ھەر كۆرگەن ئېگىز يەرلەرگە ھەشەمەتلىك سارايلار سېلىپ ئويۇن - تاماشا قىلامسىلەر؟ دۇنيادا مەڭگۈ قېلىشنى ئۈمىد قىلىپ پۇختا سارايلار سالامسىلەر؟ سىلەر بىركىمنى جازالىساڭلار زالىملارچە جازالايسىلەر. سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. سىلەرگە، سىلەر بىلىدىغان نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ئۇ سىلەرگە ئوغۇل پەرزەنتلەر، چارۋا ماللار، باغ- بوستانلىقلار ۋە سىلەر كۆرۈپ تۇرغان شۇ نېمەتلەرنى ئاتا قىلدى. مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ كاتتا كۈننىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇشۇڭلاردىن قورقىمەن.» ھۇد ئەلەيھىسسالام مانا مۇشۇنداق ياخشى سۆزلەر بىلەن نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن قەۋمى بۇ خىتابلارغا قۇلاق سالمىدى ۋە «سەن نەسىھەت قىلامسەن، قىلمامسەن بىزگە بەرىبىر ئوخشاش. بۇ بۇرۇنقىلارنىڭ ئادىتى. بىزگە ھەرگىز ئازاپ قىلىنمايدۇ» دېگەندەك سەپسەتىلەر بىلەن قارشىلىق بىلدۈرۈشتى.

Line 22 ⟶ 23:
ئاد قەۋمى زېمىندا ئورۇنسىز بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلدى. كۈچ - قۇۋەتتە بىزدىن ئېشىپ كېتەلەيدىغان بىرى بارمۇ؟ دەپ داۋراڭ سالدى. ئۇلار مۇشۇنداق سۆزلەر بىلەن ئۆزلىرىنى ياراتقان ئاللاھنىڭ كۈچ - قۇۋۋەتتە ھەممىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىدى. ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئىنكار قىلىشتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا بۇ دۇنيادا خار قىلغۇچى ئازاپنى تېتىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا قاتتىق سوغۇق شامالنى ئەۋەتتى. ھالبۇكى ئۇلار ئىنكار قىلىۋاتقان ئاخىرەت ئازابى بۇنىڭدىن تېخىمۇ قاتتىق بولىدىغانلىقىنى ئويلاشمىدى. مانا شۇ ۋەجىدىن ئاد قەۋمى ئىچىدىكى ئىمانسىزلارنىڭ نەسلى قۇرۇتۇلدى.

ئاللاھ ھالاكەت پەرمانى چۈشۈرگەندە رەھىم قىلىپ ھۇدنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنى قۇتقۇزدى. ئۇلارنى قاتتىق ئازاپتىن خالاس قىلدى. ئاد قەۋمى پەرۋەردىگارىنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئىنكار قىلىش، پەيغەمبەرلىرىگە ئاسىيلىق قىلىش ۋە ئۇچىغا چىققان تەرسا شەپقەتسىزلىكنىڭ ئازابىنى تېتىدى. دېمەك، زالىملارنىڭ ئاقىۋىتى ئەنە شۇنداق بولىدۇ.

==قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان پەيغەمبەرلەر==
[[ئادەم|ئادەم]] || [[ئىدرىس ئەلەيھىسسالام|ئىدرىس]] || [[نۇھ ئەلەيھىسسالام|نۇھ]] || [[ھۇد ئەلەيھىسسالام|ھۇد]] || [[سالىھ ئەلەيھىسسالام|سالىھ]] || [[ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام|ئىبراھىم]] || [[لۇت ئەلەيھىسسالام|لۇت]] || [[ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام|ئىسمائىل]] || [[ئىسھاق ئەلەيھىسسالام|ئىسھاق]] || [[يەئقۇب ئەلەيھىسسالام|يەئقۇب]] || [[يۇسۇڧ ئەلەيھىسسالام|يۇسۇڧ]] || [[ئەييۇب ئەلەيھىسسالام|ئەييۇب]] || [[شۇئەييۇب ئەلەيھىسسالام|شۇئەييۇب]] || [[مۇسا ئەلەيھىسسالام|مۇسا]] || [[ھارۇن ئەلەيھىسسالام|ھارۇن]] || [[داۋۇد ئەلەيھىسسالام|داۋۇد]] || [[سۇلايمان ئەلەيھىسسالام|سۇلايمان]] || [[زۇلكېڧىل ئەلەيھىسسالام|زۇلكېڧىل]] || [[يۇنۇس ئەلەيھىسسالام|يۇنۇس]] || [[ئىلياس ئەلەيھىسسالام|ئىلياس]] || [[ئەليەسە ئەلەيھىسسالام|ئەليەسە]] || [[زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام|زەكەرىيا]] || [[يەھيا ئەلەيھىسسالام|يەھيا]] || [[ئىسا ئەلەيھىسسالام|ئىسا]] || [[مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام|مۇھەممەد س.ئە.ۋ]]

[[تۈر:ئەلەيھىسسالاملار]]