قوقەند خانلىقى: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق
Content deleted Content added
قۇرۇلغان بەت 'thumb|قوقەند دەرۋازىسى، 1871 '''قوقەند خانلىقى''' ياكى '''قوقەن خانلىقى''' (ئۆزبېك تى...' |
No edit summary |
||
10 -قۇر:
مۇھەممەد ئەلى خان، دۆلەت باشقۇرغۇدەك ياشقا كەلگەندە تۇنجى بولۇپ دەۋراز، قاراتېكىن، ۋاخان، شۇنگەن، رەۋشەن بەگلىكلىرىنى بويۇنتۇرۇق ئاستىغا ئالدى. 1826- يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ياركەند ئەمىرىجاھانگىر خوجا بېيجىڭغا قارشى ئىسيان قوزغىدى. دىن ۋە قان قېرىنداشلىرىنىڭ ئىسيانىنى تۇيغان مۇھەممەد ئەلى خاننىڭ قېرىندىشى مەھمۇدخان، تۈركىستانغا مۇسۇلمانلارغا ياردەمگە كەلگەن. مەھمۇدخاننىڭ كېلىشى بىلەن خىتايلار تۈركىدتاندىن چېكىندى. قوقەند خانلىقىنىڭ ياردىمىنى كۆرگەن ئۇيغۇر دىيارى قوقەند خانىغا بەيئەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن كاشغەر، ئاقسۇ، ياركەند، خوتەن بىلەن بىرگە ئالتىشەھەر قوقەند خانلىقىغا قېتىلدى. كاپىرلارغا قارشى ئىسلام ئۈچۈن قىلىنغان بۇ غازاتتىن سوڭرە سۇلتان غازى ئۇنۋانىنى ئالدى.
1840- يىلى بۇخارا ئەمىرى نەسرۇللاھ خان بىلەن بولغان ئۇرۇشتا
مۇھەممەد ئەلى خان، نەسرۇللاھ خان بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئۆزىنى ئەيىبدار كۆرۈپ تەختىنى قېرىندىشى سۇلتان مەھمۇدخانغا ئۆتۈنۈپ بەردى.
20 -قۇر:
بۇىارا خانلىقىنىڭ بولسا تاشكەنتنىڭ ئىشغالىدىن كېيىن رۇسياغا قارشى قوقەند خانلىقى بىلەن ئىتتىپاق تۈزىشى كۈتۈلۋاتقاندا، 1865- يىلى 14- ئىيۇل قوقەند شەھرىنى ئىشغال قىلدى ۋە خان سەيىد مۇھەممەد خاننى ئەسىر ئالدى. بىر يىل كېيىن 1866- يىلى 1- ئىيۇن خوجەند شەھرى رۇسلارنىڭ قولغا ئۆتتى.
17 ئىيۇل 1867 دە رۇس چارى "تۈركىستان گوبېرناتۇرلىقى (ئۇمۇمىي ۋالىيلىكى)" نىڭ قۇرۇلىشىغا ئالاقەدار "ئۇكاز"نى ئىمزالىدى ۋە بۇ ماقامغا نېمىس ئەسىللىق گېنېرال كونىستانتىن ۈون كائوڧمان تەيىنلەندى. بۇ شەخس، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك خانلىقلارىغا ئۇرۇش ئاچماق، تېنچلىق كېلىشىمى تۈزەش ۋە تاشقى مۇناسىۋەتلەرنى ئاتقارىش ھوقۇقلىرى بىلەن تەمىنلەندى.
ماي 1868 دە ھەقىيقى تۈردە قوقەند شەھرى ئەسكىرى ھەرىكەتنى ئاتقارغان رۇس ئىشغالى ئاستىدا قالغان ۋە 2500 قوقەند ئەسكىرى ئۆلگەن. خانلىق، شۇنىڭ بىلەن رۇس ھاكىمىيىتىگە كىرىپ قورچاق دۆلەت ھالىغا كەلدى، خەلق ھۇقۇقنى قايتۇرۇپ ئېلېىش ئۈچۈن ئىسيان باشلاتتى. لېكىن رۇس ئوردۇسى 1875- يىلى 22- سىنتەبىردە، نەمەنگانغا كىردى ۋە ئىسياننى باستۇرۇشقا تىرىشتى. قوقەند قايتا تۈرك بىرلىكلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكەن بولسىمۇ، ۋون كائوڧمان تەرىپىدىن تەيىنلىگەن پولكوۋنىك سكوبولېۋ 1876- يىلى 28- ڧېۋرال قوقەندنى تەلتۈكۈس ئىشغال قىلدى ۋە تىركەشكۈچى ئۆزبېك قۇماندان جانىبېك پولاتخان ئۆلتۈرۈلدى. (لېكىن ئۆزبېك تارىخچىلار، پولاتخانغا بەك ئوخشايدىغان بىر ئادەمنىڭ، جانىبېك پولاتخان سىياقىدا كىيىنىپ ئۆزىنى پولاتخانغا پىدا قىلغان، جانىبېك پولاتخان بولسا ئائىلىسىدىن قالغانلار بىلەن بىرگە [[ئەزەربەيجان]] - گۈرجىستاندىن ئۆتۈپ ئوسمانلى دۆلىتىگە سىغىنغان دەپ قارايدۇ) 1876- يىلى 28- ڧېۋرال رۇسلار تامامەن بېسىۋالدى ۋە 1876 - 1885 ئارىسى خانەدان ئەزالىرىدىن تۇتۇلغانلار رۇسلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.
1915- يىلى قوقەند خانلىقىنى قايتا قۇرۇش مەقسىدى بىلەن ئىسيان باشلىدى ۋە 1916 دا ئىسيان پۈتۈن ڧەرغانىگە چاچرىدى. 1917 - يىلىدىكى بولشېۋىك ئىنقىلابىدىن سوڭرە، 1917- يىلى 12- دېكابىردىن - 1918- يىلى 20- ڧېۋرالغىچە ئۈچ ئاي سۈرگەن قوقەند جۇمھۇرىيىتى ھەم رۇسلا تەرىپىدىن بىتجىت قىلىنغان.
بۇ خانلىقنىڭ زېمىنلىرىدا ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن 1924- يىلى 27- ئۆكتەبىردە ئۆزبېك سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ۋە شۇ توپراقلاردا ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە ئۆزبېكىستانغا قاراشلىق تاجىكىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى 1929- يىلى تاجىك سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان.
== قوقەند خانلىقىنىڭ خانلارى ==
* II. شاھرۇخ بەگ [[1709]] — [[1721]]
* ئابدۇرراھمان بەگ [[1721]] — [[1739]]
|