مۇسۇلمانلار: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق
Content deleted Content added
Created page with 'مۇسۇلمان بولسا "ئىتائەت قىلغۇچى" دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. مۇسۇلمانلار ئاللاھ قۇرئاننى مۇھەممەد ئ…' |
No edit summary |
||
1 -قۇر:
[[ھۆججەت:Kaaba mirror edit jj.jpg|thumb|267x267px|دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەڭ مۇقەددەس قىبلىگاھى كەئبە]]
'''مۇسۇلمان'''، ئىسلام دىنىغا مەنسۇب كىشى<ref>Oxford Dictionary of English 2e, Oxford University Press, 2003, ''Muslim''</ref>، [[ئەھلى سۇننە ۋەلجامائە|سۇننىي]] ۋە [[شىئەلەر|شىئە]] مەزھەب ئىتىقادىغا كۆرە، [[ئاللاھ]] ۋە ئۇنىڭ بىرلىك بارلىقىغا، ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگە كىمسە مۇسۇلمان دەپ ئاتىلىدۇ. مۇسۇلمان كەلىمىسى بولسا "ئىتائەت قىلغۇچى" دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
مۇسۇلمانلار [[ئاللاھ]] [[قۇرئان كەرىم|قۇرئاننى]] [[مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام|مۇھەممەد
== ئىسلامنىڭ شەرتلىرى ==
[[كەلىمەئى شاھادەت]] ۋە [[زاكات|زاكاتتىن]] باشقا، ئىسلامنىڭ شەرتلىرىدە ھەم [[ئەھلى سۇننە ۋەلجامائە|سۇننىي]] ۋە [[شىئەلەر|شىئە]] مەزھەبلىرى ئارىسىدا ئوخشىماسلىقلار باردۇر. بۇنىڭ ئاساسىي سەبەبى، ئىسلامىيەتنىڭ سىياسىي ئايرىلىش دەۋرىدە سۇننىي ۋە شىئە دىن ئالىملىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىدۇر.
=== سۇننىي مەزھىبىگە كۆرە ===
=== 32 پەرز: ===
ئىماننىڭ شەرتلىرى: 6؛
ئىسلامنىڭ شەرتلىرى: 5؛
نامازنىڭ پەرزلىرى: 12؛
تاھارەتنىڭ پەرزلىرى: 4؛
غۇسۇلنىڭ پەرزلىرى: 3؛
تەييەمۇمنىڭ پەرزلىرى: 2
مۇسۇلمانلارنىڭ ئورۇنداشقا تىگىشلىك پەرزلىرى 32 ئىكەنلىكى مۆئمىنلەرنىڭ تۇتىۋېلىشىغا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ئالىملار تەرىپىدىن ئۇمۇملاشتۇرۇپ ئېيتىلغان. ئادەتتە 32 پەرز دەپ بىلىنىدۇ. بۇ پەرزلەرنىڭ تەڧسىلاتى تۆۋېەندىكىچە:
* ئىماننىڭ شەرتلىرى:
# ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىمان ئېيتىش؛
# ڧەرىشتىلەرگە ئىمان ئېيتىش؛
# كىتابلارغا ئىمان ئېيتىش؛
# پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتىش؛
# ئاخىرەت ھاياتىغا ئىمان ئېيتىش؛
# تەقدىرنىڭ، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئاللاھتىن كەلگەنلىكىگە ئىمان ئېيتىش.
* ئىسلامنىڭ شەرتلىرى:
# كەلىمەئى شاھادەت كەلتۈرۈش؛
# ناماز ئوقۇش؛
# روزا تۇتۇش؛
# زاكات بېرىش؛
# ھەجگە بېرىش.
* ناماز سىرتىدىكى پەرزلەر:
# ھادەستەن تاھارەت؛
# نىجاسەتتىن تاھارەت؛
# سەترى ئەۋرەت؛
# ئىستىقبالى قىبلە؛
# ۋاقت؛
# نىيەت.
* نامازنىڭ ئىچىدىكى پەرزلەر:
# تەكبىر
# قىيام
# قىرائەت
# رۇكۇ
# سەجدە
# قائىدەئى ئاخىرە
* تاھارەتنىڭ پەرزلىرى:
# يۈزنى يۇيۇش؛
# قولىنى جەينەككىچە يۇيۇش؛
# باشقا مەسىھ قىلىش؛
# پۇتنى ھۇشۇق بىلەن قوشۇپ يۇيۇش.
* غۇسۇلنىڭ پەرزلىرى:
# ئاغزىغا سۇ ئېلىش؛
# بۇرنىغا سۇ ئېلىش؛
# پۈتۈن بەدەننى يۇيۇش.
* تەييەمۇمنىڭ پەرزلىرى:
# نىيەت قىلىش؛
# ئىككى ئالقىنىنى پاكىزە توپىغا سۈرۈپ يۈزىنىڭ تامامىغا مەسىھ قىلىش، قايتا قوللىرىنىڭ پاكىزە توپىغا ئۇرۇپ، ئاۋۋال ئوڭ ۋە كېيىن سول قولىغا مەسىھ قىلىش.
=== شىئە مەزھىبىگە كۆرە ===
كۈنىمىزدە شىئە مەزھىبى؛ "زەيىدىييە" (بەشچىلەر)، "ئىمامىيەئى ئىسنائەشەرىييە (ئون ئىككىچىلىك\ئون ئىككى ئىمامچىلىق) ۋە "ئىسمائىلىيە" (يەتتىچىلىك) قاتارلىق ئۈچ ئاساسلىق مەزھەبكە ئايرىلىدۇ.
''ڧۇرۇئەددىن 10 شەرت (ئىمامىيەئى ئىسنائەشەرىييە)''
* ناماز
* روزا
* ھەج
* زاكات
* ھۇمۇس
* جىھاد
* ئەمر-مەئرۇڧ
* نەھىي-مۇنكەر
* تەۋەللا
* تەبەررا
''(ۋەجىھىددىن 7 شەرت ئىسمائىلىييە)''
* [[ۋەلايەت]]
* [[تاھارەت|تەھارەت]]
* [[نامازلار|ناماز]]
* [[زاكات]]
* [[روزا]]
* [[ھەج]]
* [[جىھاد]]
== ئىماننىڭ شەرتلىرى ==
: ''ئانا تېما: [[ئىماننىڭ شەرتلىرى]]''
=== سۈننىي مەزھىبىگە كۆرە ===
* [[ئاللاھ|ئاللاھنىڭ]] بىردىنبىر ياراتقۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش؛
* ئاللاھنىڭ [[پەرىشتىلەر|ڧەرىشتىلىرىگە]] ئىشىنىش؛
* ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا ئىشىنىش؛
* ئاللاھنىڭ [[پەيغەمبەر|پەيغەمبەرلىرىگە]] ئىشىنىش؛
* [[ئاخىرەت]] كۈنىگە ئىشىنىش؛
* قازا ۋە قەدەرگە (ياخشى ۋە يامانغا) ئىشىنىش.
=== شىئە مەزھىبىگە كۆرە ===
''ئىسنائەشئەرىيە''
* تەۋھىد
* ئادالەت
* نۇبۇۋۋەت
* ئىمامەت
* مەئاد (قىيامەت)
== قاراڭ ==
* [[مۆئمىن]]
* [[ئىسلام ئالەمى]]
|