نېمىس تىلى: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
No edit summary
No edit summary
1 -قۇر:
 
'''نېمىس تىلى''' ياكى '''نېمىسچە''' (''Deutsch''; قەدىمكىسى ''Nemçece'')، [[ھىندى-ياۋروپا تىل سېستىمسى]] [[گېرمان تىل ئائىلىسى|گېرمان تىل ئائىلىسىگە]] تەۋە ۋە خەلقئارالىق چوڭ تىلدۇر. [[ياۋروپا ئىتتىپاقى|ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ]] رەسمىي تىللىرىدىن بىرى ۋە ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان تىلى. بولۇپمۇ، [[گېرمانىيە]]، [[ئاۋستىرىيە]]، [[لىختېنشتېين]]، [[ليۇكسېمبۇرگ]]، [[شۋېتسىيە]] قاتارلىق ئەللەرنىڭ زور كۆپچىلىكى، [[ئىتالىيە]]نىڭ جەنۇبىي تىرول رايونى، [[بېلگىيە]]نىڭ شەرقىي كانتونلىرى، [[پولشا]] ۋە [[رۇمىنىيە]]نىڭ بەئزى رايونلىرى ۋە [[ڧرانسىيە]]نىڭ ئالساس-لورېن رايونىدا قوللىنىلماقتا. شۇنداقلا بۇ دۆلەتلەردىن بەئزىلىرىگە خاس كونا مۇستەملىكىلەردە (م: [[نامىبىيە]]، [[جەنۇبىي ئافرىقا]] دېگەندە) دىققەتكە سازاۋەر مىقداردا نېمىسچە سۆزلەشكۈچى نۇپۇس باردۇر. تۈرلۈك شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىدە نېمىسچە سۆزلەشكۈچى ئاز سانلىقلار ھەم باردۇر. بۇلاردىن [[روسىيە]]، [[ۋېنگرىيە]] ۋە [[سلوۋېنىيە]] قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. شۇنداقلا [[شىمالىي ئامېرىكا]]نىڭ (بولۇپمۇ [[ئا ق ش]])، لاتىن ئامېرىكانىڭ [[ئارگېنتىنا]] ۋە [[برازىلىيە]]نىڭ بەئزى رايونلىرىدا نېمىسچە سۆزلىشىلىدۇ. نېمىسچىدە [[ڧرانسۇز تىلى|ڧرانسۇزچىدىن]] ئۆتكەن كەلىمىلەر ھەم باردۇر.