بۈيۈك بېرىتانىيە: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
No edit summary
Yazım hatası düzeltildi
بەلگە: يانفون نەشىرىنى تەھرىرلەش يانفون بېتىنى تەھرىرلەش
123 -قۇر:
 
 
ئەنگلىيىنىڭ قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە پادىشاھى-ئەنگلىيە شۇنداقلا ئەنگلىيەگە تەۋە چەتئەلدىكى زېمىنلارنىڭ پادىشاھى ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈنكى ئەنگلىيە پادىشاھىنىڭ تارىخىنى بىلمەكچى بولساق، ئۇنداقتا بۇنى ئانگلوساكسونلار دەۋرىدىن باشلاپ سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئۇلارنى قانداشلىق بويىچە ئايرىغاندا، ھەممىسى شوتلاندىيە پادىشاھىنى ئاساس قىلىدۇ.چۈنكى كۆپلىگەن ئېنگلاند پادىشاھلىقىنىڭ ھەممىسى بىرىنچى قېتىملىق ۋىكتورىيە دەۋرىدە پەيدىنپەي يوقالغان، مىلادىيە 9-ئەسىردە ۋېيسىكېس ئېنگلاندقا تەۋە باشقا خانلىقلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىگىلەپ، مىلادى 10- ئەسىردە، ئېنگلاند رەسمىي بىرلىككە كەلگەن خانلىق دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن. 1603-يىلى، شوتلاندىيە پادىشاھى جامىس Ⅵ ئېنگلاندنىڭ خانلىق تەختىگە ئولتۇرغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئېنگلاند بىلەن شوتلاندىيە بىرلىشىپ، بىر خانلىق دۆلەت بولۇپ قالغان. 1707-يىلى، ئىككى خانلىق دۆلەت بىرلەشتۈرۈلۈپ، بۈيۈك بىرىتانىيە ئىمپىرىيىسى دەپ ئاتالغان. بۈگۈنگە قەدەر. پادىشاھنىڭ ئىمتىيازى يەنىلا ئىنتايىن كەڭ بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھوقۇقلارنى يۈرگۈزۈشكە ئادەتتە پادىشاھ ئۆزى ئەمەس، باش ۋەزىر ۋەكىل سۈپىتىدە يۈرگۈزىدۇ. مەسىلەن، ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي ۋە پاسپورت ئىشلىرىنى بىردەك باش ۋەزىر ۋاكالىتەن بېجىرىدۇ.
 
1066-يىلى ۋىليام ئەنگلىيەنى ئىستىلا قىلغاندىن كېيىن، فېئوداللىشىش جەريانى تاماملىنىپ، پادىشاھنىڭ ھوقۇقى تەدرىجىي كۈچەيتىلدى. 13-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، پادىشاھلىق تەبىقە تۈزۈمى ئاستىدا، ئەنگلىيە پادىشاھىنىڭ ھوقۇقى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ چەكلىشىگە ئۇچرىدى. 17~15-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، ئەنگلىيە پادىشاھ مۇستەبىتلىك تۈزۈمنى يولغا قويۇپ، ئەنگلىيە پادىشاھى دۆلەتنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى ئىگىلىدى.
 
0-يىلى، ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى پارتلىدى. 1688- ىلىدىكى شەرەپلىك ئىنقىلاب غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، 1689-يىلدىكى « ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» ئارقىلىق ئەنگلىيەدە پارلامېنتنى يادرو قىلغان پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى پەيدىنپەي ئورنىتىلىپ، پارلامېنتنىڭ ھوقۇقى بارا-بارا پادىشاھنىڭ ھوقۇقىدىن ئېشىپ كەتتى. 18-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئەنگلىيە پادىشاھىنىڭ مەمۇرىي ھوقۇقى يەنە بارا-بارا ئىچكى كابېنتقا ئۆتۈپ كەتتى.
ئەنگلىيە پادىشاھى گەرچە دۆلەت باشلىقى بولسىمۇ، ئەمما بىر تۇتاش باشقۇرۇش ھوقۇقى بولمايدۇ. قانۇن جەھەتتە، ئەنگلىيە پادىشاھى باش ۋەزىر، ھەرقايسى مەمۇرىي ۋەزىر، ئالىي سودىيە ۋە ھەر قايسى تەۋەلىكتىكى باش ۋالىينى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش، پارلامېنتنى توختىتىش ۋە تارقىتىۋېتىش، قانۇن تەستىقلاش، ئوتۇغات نامى بېرىىش، ئاقسۆڭەكلەرگە شەرەپ نام بېرىش، سوتلاش ، لەشكىرىي قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىش، ئۇرۇش ئېلان قىلىش ۋە سۈلھى قاتارلىق كەڭ ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ.
بىراق بۇ ھوقۇقلارنىڭ ھەممىسى كۆپىنچە ئىچكى كابېنت ۋە پارلامېنت ئارقىلىق يۈرگۈزۈلىدۇ، ئەنگلىيە پادىشاھىنىڭ بارلىق ھۆكۈمەت ئىشلىرى پائالىيىتى ئىچكى كابېنتنىڭ كونتروللۇقى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىلىق بولىدۇ، يەنى قائىدە-يوسۇن خاراكتېرلىك. لېكىن ئەنگلىيە پادىشاھى يەنە يۈكسەك شان- شۆھرەتكە مۇيەسسەر بولۇپ. باج ئېلىنمايدۇ، سوتلانمايدۇ. ئەنگلىيە پادىشاھى ئەنگلىيە ۋە ئەنگلىيە فېدىراتسىيىسىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىتتىپاقىنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ئەنگلىيىنىڭ سىياسى ۋە ئىزچىللىقىنىڭ بەلگىسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىدە مەسلىھەتچىلىك رولىنى ئوينايدۇ، ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىدە، مەسلىھەت بېرىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
1701-يىلىدىكى « پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش قانۇنى» دا، تەخت ۋارىسى چوقۇم خىرىستىئان مۇرىتى بولۇشى شەرت دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ قانۇن بويىچە بولغاندا، چوڭ ئوغۇل ئالدى بىلەن خانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، ئەرلەر ئاياللاردىن ئۈستۈن تۇرۇش پىرىنسىپى يولغا قويۇلغان. تەخت ياش تەرتىپى بويىچە ئالدى بىلەن مەرھۇم پادىشاھنىڭ ئوغلىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ، ئوغۇل پەرزەنتى بولمىسا، قىزىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ، ناۋادا، پەرزەنتى بولمىسا ياكى ئەۋلادلىرىنىڭ ئارىلىقى يىراق بولسا، شىرەم تۇغقان ياكى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلىدۇ. 1952-يىلى ئەنگلىيە پادىشاھى جورجى Ⅵ ئۆلگەندىن كېيىن، ئوغلى بولمىغاچقا، ئۇنىڭ چوڭ قىزى ئېلىزابېت تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. 1937-يىلى، 1943-يىلى، 1953-يىلىدىكى « نائىبلىق قانۇنى » دا، ئەنگلىيە پادىشاھى قۇرامىغا يەتمىگەن ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋاقتىنچە خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە ئامالسىز قالغان ئەھۋال ئاستىدا، ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا ئاساسەن، ئايرىم- ئايرىم ھالدا قۇرامىغا يەتكەن تەخت ۋارىسى، باش سودىيە، تۆۋەن پالاتاسىنىڭ باشلىقى، يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، نارازىلىق ئەرزى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىقلار ئىچىدىكى بەزى كىشىلەر نائىبلىق قىلسا بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.
 
ئايال پادەشاھ
 
 
 
 
 
ئايال پادىشاھ ئېلىزابېت Ⅱ، ئۇ 1926-يىلى تۇغۇلۇپ، 1952-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى تەختتە ئولتۇرغان (تولۇق ئىسمىHer Majesty Queen Elizabeth II)، ھازىرقى ئەنگلىيە پادىشاھى بولۇپ، ئەنگلىيە ۋە ئەنگلىيە فېدېراتسىيىسىغا ئەزا 15 دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقى، شۇنداقلا ئەنگلىيە دىنىي جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانى. ئۇنىڭ مەنسىپىنىڭ تولۇق نامى-« بۈيۈك برىتانىيە ۋە شىمالىي ئېرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى شۇنداقلا ئۇنىڭغا تەۋە زېمىننىڭ ئايال پادىشاھى، ئەنگلىيە فېدىراتسىيىسىنىڭ باشلىقى، خىرىستىئان ئېتىقادىنىڭ قوغدىغۇچىسى» ئۇ 1953-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى تاج كىيگەن، تەختتە ئولتۇرغان ۋاقتى 3-ئۇزۇن پادىشاھ بولۇپ، تەخمىنەن 125 مىليون نوپۇسقا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.