ئابدۇللا ئابدۇرېھىم: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
ئازراقلاNo edit summary
No edit summary
17 -قۇر:
|تور-بېكىتى =
}}
[[تۈر:ئۇيغۇرلار]]
'''ئابدۇللا ئابدۇرېھىم''' ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر ، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلى تاماشىنىللارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر . ئۇ 1969 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان . ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن . 1987- يىلى 5 - ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى تىياتىر فالكولتىتىنىڭ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرى مارالبېشى ناﮬىيىسگە ئوقۇغۇچى ئالغىلى بېرىپ ، ئابدۇللا ئابدۇرېھىمدىكى يۇشۇرۇن سەنئەت تالانتىنى بايقايدۇ - دە ، ئۇنى سەنئەت ئىنىستىتوتىغا قۇبۇل قىلىدۇ . شۇ يىلى 9 - ئايدىن ئېتىبارەن ئۇ ﮬەقىقى سەنئەت ﮬاياتىنى باشلىدى . ئۇ سەنئەت ئىنىستىتوتىدىكى ئوقۇغۇچىلىق ﮬاياتىدا بىر تەرەپتىن سەﮬنىدە ئوبراز يارىتىش ماﮬارەتلىرى ۋە تىياتىر بىلىملىرىنى ئۆگەنسە ، يەنە بىر تەرەپتىن ناخسا سەنئتىگە چوڭقۇر مۇﮬەببەت باغلاپ ، ئاۋاز مەشىقىنى كۈچەيتىپ ، ناخشا ئورۇنداش جەﮬەتتە ئۆزگىچە ئاﮬاڭ ، ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن بەلگىلىك ماﮬارەت يىتۈلدۈردى . ئابدۇللا ئابدۇرېھىم 1991- يىلى 7 - ئايدا ئۇقۇشىنى تاماملاپ شىنجاڭ ئوپىرا ئۆمىكىگە تەخسىم قىلىندى ﮬەم ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ئۆمەك تەييارىلغان " [[غېرىپ - سەنەم]] " ئوپىراسىدا غېرىپنىڭ دوستى ئېلىياسنىڭ رولىنى ئېلىشقا تاللاندى . 1992 - يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا بۇ ئوپىرا [[قازاقىستان]] ، [[ئۆزبەكىستان]] قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوينالغاندا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆز ماﮬارىتىنى كۆرسىتىپ تاماشىبىللارنىڭ ياخشى باﮬاسىغا ئېرىشتى .
 
 
Line 27 ⟶ 26:
 
ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭمۇ رومانتىك ﮬىسىياتقا باي ئاجايىپ مۇﮬەببەت كەچۈرمىشلىرى بولغان . ئۇ شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىغا قوبۇل قىلىنغاندىن كىيىن ، كۈتۈلمىگەندە ﮬازىرقى ئايالى ئامىنە ئۆمەر بىلەن ئۇچىراشتى . ئۆز - ئارا ساۋاقداشلىق ئۇلارنى ئاستا - ئاستا يېقىنلاشتۇردى . ئابدۇللا ئۆزىنىڭ ﮬىسىياتقا باي لېرىك ناخشىلىرى ، ئېغىر بېسىق مىجەز - خارەكتىرى ﮬەم مەمىميلىكى بىلەن ئامىنەنىڭ چوڭقۇر ئىشەنچىسى ﮬەم ﮬۆرمىتىگە ئېرىشتى . ئامىنەمۇ 1988 - يىلى " بويتاقلار ئائىلىسى " ناملىق ﮬىكايە فىلىمدە تۇنجى قېتىم رول ئېلىپ ئابدۇللانى ﮬاياجانغا سالدى . شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى ساۋاقداش 1988 - يىلنىڭ ئاخىرى مۇﮬەببەت باغلاپ ، كىيىنكى ساۋاقداشلىق ﮬاياتىنى تېخىمۇ گۈزەل ئارزۇ ئىستەكلەر ئىچىدە مەنىلىك ئۆتكۈزدى . 1991 - يىلى 7 - ئايدا ئوقۇشنى تاماملاپ بىرلىكتە شىنجاڭ ئوپىرا ئۆمىكىگە تەخسىم قىلىندى ﮬەمدە 1992 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1- كۈنى بەخىتلىك ﮬالدا غۇلجىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى . ﮬازىر ئۇلارنىڭ شاﮬناز ئىسىملىك بىر قىزى بار بۇلۇپ ، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ .
 
== مەنبەلەر ==
{{Reflist}}
 
[[تۈر:كىشلەر]]
[[تۈر:ئۇيغۇرلار]]