ئەھلى بەيت: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
قۇرۇلغان بەت 'پەيغەمبەر ئائىلىسى ياكى ئەھلى بەيت دېگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنى، ئۇنىڭ پە...'
 
No edit summary
 
1 -قۇر:
پەيغەمبەر ئائىلىسى ياكى '''ئەھلى بەيت''' دېگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنى، ئۇنىڭ پەزەنتلىرىنى ۋە نەۋرىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
 
== ئەھلى بەيتنىڭ ئەخلاقى ۋە ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرى ==
وَمَنْ'''۞ وَمَن يَقْنُتْ مِنْكُنَّمِنكُنَّ لِلَّهِ وَرَسُولِهِ وَتَعْمَلْ صَالِحًا نُؤْتِهَانُّؤْتِهَا أَجْرَهَا مَرَّتَيْنِ وَأَعْتَدْنَا لَهَا رِزْقًا كَرِيمًا''' (31)  يَا نِسَاءَ النَّبِيِّ لَسْتُنَّ كَأَحَدٍ مِنَمِّنَ النِّسَاءِ ۚ إِنِ اتَّقَيْتُنَّ فَلَا تَخْضَعْنَ بِالْقَوْلِ فَيَطْمَعَ الَّذِي فِي قَلْبِهِ مَرَضٌ وَقُلْنَ قَوْلًا مَعْرُوفًا مَّعْرُوفًا (32)  وَقَرْنَ فِي بُيُوتِكُنَّ وَلَا تَبَرَّجْنَ تَبَرُّجَ الْجَاهِلِيَّةِ الْأُولَىالْأُولَىٰ ۖ وَأَقِمْنَ الصَّلَاةَ وَآَتِينَوَآتِينَ الزَّكَاةَ وَأَطِعْنَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ ۚ إِنَّمَا يُرِيدُ اللَّهُ لِيُذْهِبَ عَنْكُمُعَنكُمُ الرِّجْسَ أَهْلَ الْبَيْتِ وَيُطَهِّرَكُمْ تَطْهِيرًا  (33)  وَاذْكُرْنَ مَا يُتْلَىيُتْلَىٰ فِي بُيُوتِكُنَّ مِنْ آَيَاتِآيَاتِ اللَّهِ وَالْحِكْمَةِ ۚ إِنَّ اللَّهَ كَانَ لَطِيفًا خَبِيرًا  (34)  إِنَّ الْمُسْلِمِينَ وَالْمُسْلِمَاتِ وَالْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ وَالْقَانِتِينَ وَالْقَانِتَاتِ وَالصَّادِقِينَ وَالصَّادِقَاتِ وَالصَّابِرِينَ وَالصَّابِرَاتِ وَالْخَاشِعِينَ وَالْخَاشِعَاتِ وَالْمُتَصَدِّقِينَ وَالْمُتَصَدِّقَاتِ وَالصَّائِمِينَ وَالصَّائِمَاتِ وَالْحَافِظِينَ فُرُوجَهُمْ وَالْحَافِظَاتِ وَالذَّاكِرِينَ اللَّهَ كَثِيرًا وَالذَّاكِرَاتِ أَعَدَّ اللَّهُ لَهُمْلَهُم مَغْفِرَةًمَّغْفِرَةً وَأَجْرًا عَظِيمًا (35) ([[سۇرە ئەھزاب]] 31-35)
 
=== تەرجىمىسى ===
9 -قۇر:
32_ ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! سىلەر باشقا ئاياللارنىڭ ھېچبىرىگە ئوخشىمايسىلەر. ئەگەر ئاللاھتىن قورقساڭلار، (يات ئەرلەرگە سۆز قىلغاندا) نازلىنىپ گەپ قىلماڭلار، ئۇنداق قىلساڭلار، كۆڭلىدە بۇزۇقلۇق بار ئادەم (سىلەرگە قارىتا) تەمەدە بولۇپ قالىدۇ، (شۇڭا گەپ قىلغاندا گۇماندىن خالىي) ياخشى گەپنى قىلىڭلار.
 
33_سىلەر ئۆيۈڭلاردا ئولتۇرۇڭلار، (سىرتقا) ئىلگىرىكى جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ ياسىنىپ چىققىنىدەك ياسىنىپ چىقماڭلار، نامازنامازنى مۇكەممەل ئوقۇڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئى پەيغەمبەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر! ئاللاھ (بۇنىڭ بىلەن) سىلەردىن گۇناھنى ساقىت قىلىشنى ۋە سىلەرنى پاك_پاكىز قىلىشنى خالايدۇ.
 
34_ئۆيۈڭلاردا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن ۋە ھېكمەتتىن ئوقۇلۇۋاتقانلىرىنى ئۇنۇتماڭلار. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىنىڭ يوشۇرۇن تەرەپلىرىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.
16 -قۇر:
 
=== تەڧسىرى ===
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى ئىلىم_مەرىپەتنىڭ،ئىلىم - مەرىپەتنىڭ، ئىمان ۋە ھىدايەتنىڭ مەنبەسى بولغان پەيغەمبەر ئائىلىسىدە تەربىيەلىنىپ يېتىشكەن ئالاھىدە ئاياللار بولغانلىقتىن، ئۇلاردىن سادىر بولغان گۇناھ_مەسىيەتلەر ئىككى قات بولۇپ يېزىلىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئادەتتىكى كىچىك گۇناھلارمۇ چوڭ گۇناھلار قاتارىدا ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ناۋادا ئۇلاردىن بىرەر گۇناھ مەسىيەت سادىر بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ جازاسى ئىككى ھەسسە ئېغىر بولىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئاللاھ تائالاغا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلغان ھالدا، چىن ئىخلاس ۋە سەمىمىي نىيەت بىلەن ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ مۇكاپاتى ئىككى ھەسسە زىيادە بېرىلىدۇ.
 
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئاخىرەتتە ئالىي جەننەتلەرنى، ئەڭ ئېسىل رىزىقلارنى ۋە كاتتا نېئمەتلەرنى، خىيال قىلىپ باقمىغان مۇكاپاتلارنى تەييارلىدى. بۇ ھەرگىزمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى ئۇلار ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىدە ياشىغان، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇش ۋە ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىش شەرىپىگە نائىل بولغان بەختلىك ئاياللاردۇر.
38 -قۇر:
ئاياللار ئۆز ئۆيىدە ئېرىنىڭ كۆزىدە كونا ۋە سەت كىيىملىرى بىلەن ئولتۇرۇپ ياكى ئېرى ئۈچۈن ياسانماي، ئېرى ئۈچۈن ئۆزىگە خۇشپۇراق چاچماي، ئېرى ئۈچۈن جەلبكار كىيىملەرنى كىيمەي، پەقەت تالاغا چىقىشتا باشقىلارغا ئۆزىنى كۆرسىتىش ۋە باشقا ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى جەلب قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە ياسىنىپ، ئۆزىگە گىرىملەرنى قىلىپ، خۇشپۇراقلارنى چېچىپ چىقسا، بۇنى توغرا دېگىلى بولامدۇ؟ مۇشۇ چىرايلىق ياسىنىشتىن، مۇشۇ خۇش پۇراقتىن ھۇزۇر ئېلىش ئۇنىڭ ئېرىنىڭ ھەققى ئەمەسمىدى؟ مۇنداق قىلىدىغان ئاياللار قانداقمۇ ئائىلىسىنىڭ ھۇزۇر_ھالاۋىتىنى قوغدىيالىسۇن؟
 
ئاللاھ تائالا مۇسۇلمان ئاياللارنى ئىسلام دىنىنىڭ قانۇن_پىرىنسىپلىرىغاقانۇن - پىرىنسىپلىرىغا خىلاپ ھالدا ياسىنىپ سىرتقا چىقىشتىن توسقاندىن كېيىن، ئۇلارنى نامازنى مۇكەممەل ۋە تولۇق ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرغان. چۈنكى ناماز ئەخلاقنى ئىسلاھ قىلىش، بەندىنى ئاللاھ تائالاغا يېقىن قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. زاكات بولسا، جەمئىيەتنى تەرتىپكە سالىدۇ، بايلار بىلەن نامراتلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىدۇ. زاكات يەنە جەمئىيەتنى كۆرەلمەسلىك، دۈشمەنلىك ۋە ئۆچمەنلىك دېگەندەك ئىللەتلەردىن ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ تائالاغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىش بەخت_سائادەتنىڭ كاپالىتىدۇر.
 
] «ئاللاھ (بۇنىڭ بىلەن) سىلەردىن گۇناھنى ساقىت قىلىشنى ۋە سىلەرنى پاك_پاكىز قىلىشنى خالايدۇ[» دېگەن ئايەت شۇنى ئوچۇقلايدۇكى، بۇ ئەمر_پەرمانلارنى ئورۇنداشنىڭ پايدىسى ئاللاھ تائالاغا بولمايدۇ، بەلكى ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى بۇنداق ياخشى خىسلەتلەرگە ۋە گۈزەل ئەخلاقلارغا بۇيرۇش ئارقىلىق ئۇلاردىن ماددىي ۋە مەنىۋى ھەر تۈرلۈك يېتەرسىزلىكلەرنى، گۇناھ_مەسىيەتلەرنى ساقىت قىلىپ، ئۇلارنى تامامەن پاك قىلىشنى خالايدۇ.
 
=== كۆرسەتمىلىرى ===
ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدىكى شان_شەرەپ ۋە ھۆرمەت پەقەت تەقۋالىق بىلەن بولىدۇ. چۈنكى [[قۇرئان كەرىم]] :﴿ﱱ ﱲ ﱳ ﱴ ﱵﱶ ﴾ يەنى (ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ھۆرمەرتلىك سانىلىدىغانلىرىڭلار ئەڭ تەقۋا بولغىنىڭلار<ref>ھۇجۇرات سۈرىسى12_ئايەت.</ref> ) دەپ جاكارلىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى پۈتۈن مۇسۇلمان ئاياللارغا ئۈلگىدۇر. ئاياللار يات ئەرلەرگە سۆز قىلغاندا، نازلانماستىن تەبىئىي رەۋىشتە گەپ قىلىشى لازىم. ئاياللارنىڭ ئۆيدە بولۇشى ئائىلە ئەزالىرى ئۈچۈن ياخشى ۋە بالىلارنىڭ تەربىيەسى ئۈچۈن زۆرۈردۇر. ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان ھېكمەتتىن مەقسەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدۇر. ھازىرقى زاماندا بەزى ئاياللارنىڭ يېرىم يالىڭاچ كىيىنىشى بەئەينى جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ كىيىنىشىدۇر.
 
== مەنبە ==