ئەمىر تېمۇر: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
No edit summary
No edit summary
21 -قۇر:
|}
|}
'''ئەمىر تېمۇر''' ([[چاغاتايچە]]: تیمور، ت. [[9- ئۈمىد]] [[1336]] — [[18- ھۇد]] [[1405]]) ئەمىر تېمۇركوراگان، تېمۇرلەڭ، ساھىبقىران، ئاقساق تېمۇر دېگەن ناملاربىلەنمۇ ئاتالغان بولۇپ، مىلادى 1370- يىلى موغۇلىستان خانلىقىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيانى بۆلۈۋىلىپ، سەمەرقەنتنى پايتەخىت قىلىپ، تېمۇرىيە سۇلالىسىنى تىكلىگەن. ئۇزاق ئۆتمەي غەربتە قارادېڭىز، ئىران، جەنۇبتا ھىندىستانغىچە بولغان جايلارنى بېسىۋالغان. كېيىنچە موغۇلۇستان پادىشاھى يۇنۇسخاننىڭ قىزىغا ئۆيلىنىپ «كوراگان» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. مىلادى 1405-يىلى زورقوشۇن بىلەن جوڭگوغا قىلغان ھەربىي يۈرۈشىدە [[ئوترار|ئوترارشەھرىدە]] ۋاپات بولغان.
 
تېمۇر يۈكسەك ئىرادىگە ئىگە كىشى ئىدى، ئۇ بوۋىسى چىڭگىزخاننىڭ قەھرىمانلىق ئىزىنى بېسىپ، «بۈيۈك ئىمپېرىيە» قۇرماقچى بولدى. ئۇ خانلىق تەختتە ئولتۇرغان30 نەچچە يىل ئىچىدە كۆپ قېتىم يىراققا يۈرۈش قىلىپ، ئىككى موڭغۇل خانلىقى − ئىلىكخان خانلىقى بىلەن چاغاتاي خانلىقىنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرمەكچى بولدى. 1398-يىلى تېمۇر قوشۇن باشلاپ ھىندىستانغا بېسىپ كىرىپ، دېھلىنى ئىگىلىدى ھەمدە تەسلىم بولغان ئاھالىلەرنى ۋەھشىيلەرچە قىرغىن قىلدى. 1402-يىلى ئۇ ئوسمان ئىمپېرىيىسىنى مەغلۇپ قىلدى، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ھەتتا يىراقتىكى جۇڭگونىمۇ بويسۇندۇرماقچى بولدى، 1405-يىلى تېمۇر كېسەل سەۋەبىدىن قوشۇندا ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئەۋلادلىرىغا «ئۇلۇغ ئىمپېرىيە» نى قالدۇرالمايلا قالماستىن، تارىختىمۇ بىرەر تىلغا ئالغۇدەك ئىز قالدۇرالمىدى. تېمۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرىنىڭ تۆمۈر تاپىنى تەگكەنلا جاي بىر پارچە قاقاسلىققا ئايلىنىپ كەتتى.