ماھاتما گەندى: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
No edit summary
No edit summary
64 -قۇر:
|-
|}
'''موھانداس كارامچاند گەندى''' ([[گۇجاراتچە]]: '''મોહનદાસ કરમચંદ ગાંધી،''' [[ھىندىچە]]: '''मोहनदास करमचंद गांधी،''' [[ئىنگىلىزچە]]: '''Mohandas Karamchand Gandhi،''' تو. 1869- يىل 2- ئۆكتەبىر — 1948- يىل 30- يانۋار) [[ھىندىستان]] مىللىيۋە [[ھىندىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى|ھىندىستان مۇستەقىللىق ھەركىتىنىڭ]] ئاتاقلىق سىياسىي ۋە رۇھانىي داھىيسى. ئۇ پۈتۈن ھاياتىنى ھىندى مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىق ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، ھىندىستان خەلقى تەرپىدىن ‹‹مۇقەددەس«مۇقەددەس ئاتا››ئاتا» دەپ ئۇلۇغلانغان. ئۇ ئاتاقلىق سىياسى داھىداھىي بۇلۇپلا قالماي، يەنە مەشھۇر مۇتەپەككۇر بۇلۇپ، ئۇنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي ۋە دىنىي ئىدىيىسى پۈتكۈل ھىندىستان يېرىم ئارىلىدا غايەت زور ھەم چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلغان. ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرى [[گەندىزم]] دەپ ئاتىلىدۇ. ھەقىقەت ۋە يامانلىقققا قارشى ئاكتىپ ئەمما شىددەت قوللىنىلمىغان تىركىشىش بىلەن ئالاقىدار بولغان ساتياگاراھا (Satyagraha) پەلسەپەسىنىڭ باشچىسىدۇر. بۇ پەلسەپە ھىندىستاننى مۇستەقىللقىغا قاۋۇشتۇرغان ۋە يەر يۈزىدە ۋەتەنداشلىق ھەقلىرى ۋە ئەركىنلىك قوغدىغۇچىلىرىغا ئىلھام مەنبەسى بولغان. گەندى ھىندىستاندا ۋە دۇنيادا، [[تاگور]] تەرىپىدىن بېرىلگەن ۋە ئۇلۇغ رۇھ مەنىسىدىكى '''ماھاتما''' ([[سانسىكرىتچە]]: महात्मा) ۋە ''ئاتا'' مەنىسىدىكى '''باپۇ''' ([[گۇجاراتچە]]: બાપુ) ناملىرى بىلەن ياد ئېتىلىدۇ. ھىندىستاندا رەسمىي شەكىلدە دۆلەت ئاتىسى ئېلان قىلىنغان ۋە توغۇلغان كۈنى بولمىش 2- ئۆكتەبر كۈنى ''گەندى جايانتى'' نامى بىلەن مىللىي تەتىل كۈنى شەكلىدە قۇتلىنىدۇ. 2007- يىل 15- ئىيۇن كۈنى [[بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى]] ئاۋاز بىرلىكى بىلەن 2- ئۆكتەبر كۈنى "خەلقئارالىق شىددەتكە قارشق تۇرۇش كۈنى" ئېلان قىلىنغان. گەندى ھەققىدە ئەڭ كۆپ كىتاب يېزىلغان كىشىلەر تىزىملىكىدە 8. ئورۇنغا تىزىلماقتا.
 
15 Haziran 2007'de [[Birleşmiş Milletler Genel Kurulu]] oybirliği ile 2 Ekim gününü "Dünya Şiddete Hayır Günü" olarak ilan etmiştir.Gandi, hakkında en fazla eser yazılan kişiler listesinde 8.sırada yer almıştır.(bkz.Hakkında en çok eser yazılan ilk 100 kişi)
 
Gandi ilk olarak [[Güney Afrika]]'da Hint topluluğunun vatandaşlık hakları için barışçı başkaldırı uyguladı. Afrika'dan Hindistan'a döndükten sonra yoksul çiftçi ve emekçileri baskıcı vergilendirme politikasına ve yaygın ayrımcılığa karşı protesto etmeleri için örgütledi. [[Hindistan Ulusal Kongresi]]'nin liderliğini üstlenerek ülke çapında yoksulluğun azaltılması, kadınların serbestisi, farklı din ve etnik gruplar arasında kardeşlik, [[kast]] ve dokunulmazlık ayrımcılığına son, ülkenin ekonomik yeterliliğine kavuşması ve en önemlisi olan ''Swaraj'' yani Hindistan'ın yabancı hâkimiyetinden kurtulması konularında ülke çapında kampanyalar yürüttü. Gandi Hindistan'da alınan Britanya tuz vergisine karşı 1930'da yaptığı 400 kilometrelik Gandi Tuz Yürüyüşü ile ülkesinin Britanya'ya karşı başkaldırmasına öncülük etti. 1942'de Britanyalılara açık çağrıda bulunarak Hindistan'ı terketmelerini istedi. Hem Güney Afrika hem de Hindistan'da birçok kere hapsedildi.
 
Gandi her durumda [[pasifizm]] ve gerçeği savunarak bu görüşlerini uyguladı. Kendi kendine yeterli olan bir [[aşram]] kurarak basit bir yaşam geçirdi. [[Çıkrık]] ile örülen geleneksel ''dhoti'' ve örtü gibi giysilerini kendisi yaptı. Önceleri [[vejetaryen]] iken sonraları yalnızca meyve ile beslenmeye başladı. Hem kişisel arınma hem de protesto amacıyla bazen bir ayı aşan oruçlar tuttu.
 
ئانا پەرزىنىت تەربىيىسىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم، گەندىنىڭ ئانىسى گەندى ھۆرمەت قىلىدىغان مەزلۇم ئىدى، ياخشى ئايال، پەزىلەتلىك ئانىلارنىڭ بارلىق ئىسىل پەزىلەتلىرى ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن ئىدى. ئۇ يەنە تەقۋادار ئايال بۇلۇپ، پەرھىز ۋە ئىبادەت قىلىشتا ئىنتايىن ئەستايىدىل ئىدى. گەندىنىڭ نەزىرىدە ئانىسى پاكلىقنىڭ سىمۋولى ئىدى. گەندى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ئەخلاقتىمۇ، ئوقۇشتىمۇ ياخشى ئوقۇغۇچى ئىدى. نۇرغۇن قېتىم ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشكەن ئىدى. گەندى دوست تۇتۇشنى ياخشى كۈرەتتى. گەندى باشقىلار بىلەن ئىسلاھاتچى بۇلۇش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىش ئارزۇسىدا دوستلۇق ئورنىتاتتى. ئۇ ئىدىيە كىيىن بۇ ئۇلۇغ ئەرباپنىڭ ئاساسىي پەزىلىتىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى.
Line 74 ⟶ 80:
گەندى سوتقا چۈشكەندە ئەنگىلىيەلىك سوتچىغا مۇنداق دىگەنىدى: ‹‹ھىندىستان بەك نامرات، ئۇ قۇرالسىزلاندۇرۇلغان، سىرىتنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرالىغۇدەك ھېچقانداق كۈچ يوق، ھەتتا ئۇنىڭ ئاپەتكە قارشى تۇرۇش كۈچىمۇ ئىنتايىن ئاجىز. شەھەرلەردە كەڭ دىھقانلارنىڭ ئاچارچىلىق دەستىدىن ھالاكەتكە قاراپ كىتىۋاتقانلىقىنى بىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ چەتئەل تاجاۋۇزچىلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ ئىرىشكەن تاپقان ھەقىقىي بەدىلىگە راھەت -پاراغەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ ئويلاپ يىتەلمەيدۇ. بۇ تاپقان ھەقلىرى دەل ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىدىن شىلىۋېلىنغان. ئەگەر سىلەر يېزىلارغا بېرىپ ھازىرقى ئېچىنىشلىق ھالەتنى كۆرۈپ باقىدىغان بولساڭلار، شۇ چاغدا خۇدۇڭلارنى تاپىسىلەر… مېنى قاتتىق جازالىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن، ھەم خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىمەن، بۇ قانۇندا قەستەن جىنايەت سادىر قىلغانلىق دىيىلىدۇ، لېكىن مەن ئۈچۈن ئېىتقاندا، بۇ بىر پۇخرا ئىگە بولغان ئەڭ ئالىي شان-شەرەپتۇر!››. نەتىجىدە گەندى ئالتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
 
ئۇ لاۋرات قانۇن لايىھىسىگە قارشىلىق بىلدۈرۈپ، زورلۇق كۈچ ئىشلەتمەي قارشىلىق كۆرسىتىش مەجلىسىنى قۇرغان، ھەمدە مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي بازار تاشلاشنى تەشكىللىگەن. تۇز بېجىنى كېمەيتىش ئۈچۈن، ئۆزى پىدائىيلارغا باشچىلىق قىلىپ، دېڭىز بويىغا بېرىپ تۇز چايقاپ، مەملىكەت بويىچە ئىنقىلاپنىڭ يۇقىرى دولقۇنىنى شەكىللەندۈرگەن. قارا خەلق سىنىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلىش ئۈچۈن 21 كۈن ئاچلىق ئىلان قىلغان. گەندى ھىندىستان بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىشىنى تەشەببۇس قىلغان. 1942-يىلى ئەنگىلىيىنى ھىندىستاندىن چىقىرىۋېتىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
 
گەندى سۈيقەستكە ئۇچراشتىن ئىلگىرى مۇنداق دىگەن ئىدى: ‹‹ئەگەر مەن كىسەل بۇلۇپ ئۆلۈپ كەتسەم، ئىسمى -جىسمىمغا لايىق مۇقەددەس قەھرىمان ھىساپلانمايمەن، ئەگەر بىر كىشى ماڭا ئوق چىقىرىپ خۇددى ئالدىنقى كۈنلەردە بەزىلەر مىنى پارتلىتىشقا ئۇرۇنغانغا ئوخشاش، ئوق مىنىڭ كۆكرىكىمگە تەگسە، مەن قىلچە نالە قىلماي، خۇدانىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ ئۆلىمەن، ئۇنداق بولغاندا خەلققە پايدىلىق بولىدۇ.››
 
تۇغۇلۇپ ئۆلۈش ئۆزگەرمەس،
 
ئۆلۈپ تىرىلىش ئۆزگەرمەس،
 
تۇغۇلۇپ ئۆلۈش ئۆزگەرمەس،
 
ھەسرەت چەكمەڭ بولدى بەس.
 
گەندى 1948-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن كېتىۋاتقاندا، ھىندى دىنى مۇرىتلىرى تەرىپىدىن ئوق تىگىپ قازا قىلدى. مۇقەددە ئاتا گەندى ئۆز خەلقى تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلدى، ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆز جېنىنى قۇربان قىلغان ئىدى، ھىندىستان خەلقى ‹‹مۇقەددەس ئاتا، بىزنى كەچۈرۈڭ›› دەپ يىغلاشتى.
 
باشلىغانتىڭ مىنى سەن،
 
خيالىي دۇنيادىن رېئاللىقا.
 
زۇلمەتتىن يۇرۇقلۇققا،
 
ئۈلۈمدىن ھاياتلىققا…
 
گەندى بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلغان ئىشلارنى ئورۇنداپ ۋاپات بولدى. پۈتۈن ھىندىستاندا، ھەرقايسى مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىكى قىرغىنچىلىق شۇنىڭدىن باشلاپ ئاخىرلاشتى. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر ئۆز دۆلىتىنىڭ مۇستەقىل بولىشى بىلەن ئاخىرلاشقان ئۇلۇغ تارىخى دارامنىڭ باش رول ئالغۇچىسى ئىدى.
 
گەندى ھىندىستان سىياسى سەھنىسىنىڭ پۈتكۈل خارەكتىرىنى ئۈزۈل كېسىل ئۆزگەرتتى، ئەمما بىر ئۆزى ئۆزگەرمىدى. ئۇنىڭ ئوبرازى كۈچەيدىكى ئاجىزلىمىدى. ئۇرۇش ئىس-تۈتەكلىرى ۋە شاۋقۇن سۈرەنلىرى ئىچىدە ئۆز خارەكتىرىنى ساقلاپ كەلدى. ئۇ ۋەتەن ئۈچۈن ئاخىرقى نەپسىگىچە ئىشلەشكە قەسەم بەرگەنىدى، ئاخىرى مۇرادىغا يەتتى.
 
ھىندىستان خەلقى بۇ مۇقەددەس قەھرىماننى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن بىر خاتىرە تاش ياسىغان. بۇ خاتىرە تاش قارا تاشتىن ياسالغان بۇلۇپ، ئۈستىگە ئىنگىلىز ۋە ھىندى يېزىقىدا گەندىنىڭ تۆۋەندىكى تەلىمى ئۇيۇلغان:
 
‹‹مەن ھىندىستاننىڭ ئەركىن، قۇدرەتلىك، ئۆزىنى قۇربان قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان بۇلۇشىنى، شۇنداقلا دادىللىق بىلەن بىر گۈزەل دۇنيا يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن قۇربان بىرىشىمىز، ھەر بىر ئائىلە ئۆز ناھىيسى ئۈچۈن قۇربان بىرىشى، ھەر بىر ناھىيە ئۆزىنىڭ ئۆلكىسى ئۈچۈن قۇربان بېرىشى، ھەر بىر ئۆلكە ئۆزىنىڭ دۆلىتى ئۈچۈن قۇربان بىرىشى، ھەر بىرىمىز پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن قۇربان بىرىشى لازىم. جەننەتنىڭ پانى ئالەمگە يېتىپ كىلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.››
 
مانا ھازىر ئىنسانلار مەدەنىيەت خەزىنىسى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قۇشۇشتەك ئۇزاق ئەنئەنىسىنى قوغداپ قالغان بۇ دۆلەت ھىندىستان، دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا قەيسەرلىك بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.
 
ماخاتما گەندى ھېكمەتلىك سۆزلىردىن ئۈزۈندىلەر:
 
ھەقسىزلىككە بېقىنىپ پۈتۈن دۇنيانى ئۆزەڭگە قاراتقىنىڭدىن، ئادالەت يولىدا يالغۇز قالغىنىڭ ئەۋزەل.
 
ئاددى ياشىغىنكى باشقا نەرسىلەرمۇ سەندە بار بولسۇن.
 
ئالتۇن كىشەنلەر، تۆمۈر كىشەنلەر تېخىمۇ ئەسكىدۇر.
 
ئادالەتسىزلىكنى ئادالەت بىلەن يىمىرىپ تاشلاپ، چاۋاك چالغانلار ئالدىغا قان يۇقىسىز قوللىرىڭلار بىلەن چىقىڭلار.
 
كۈچسىز ئىنسانلار كەچۈرۈشنى بىلمەيدۇ، كەچۈرۋېتىش پەقەت كۈچلۈكلەرگە خاس بىر ھالەتتۇر.
 
شەخسىيەتچى كىشىلەرنىڭ كۆزى كۆردۇر.
 
«قانغا –قان، جانغا-جان» دىگەن كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىسى پۈتۈن دۇنيانى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ.
 
ھەقىقەت بەزىدە تاشتەك قاتتىق، بەزىدە مامۇقتەك يۇمشاق.
 
ھەقىقىي كۈچ سېنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى كۈچۈڭدىن كەلمەيدۇ، بەلكى بويۇن ئەگمەس ئىرادەڭدىن كېلىدۇ.
 
تەرتىپلىك، پاكىز ۋە شەرەپلىك بىرسى بولۇشتا پۇلنىڭ ھېچ بىر رولى يوقتۇر.
 
بىر مىللەتنىڭ ھاياتى ئۈچۈن كىشىلىك ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق شەرت.
 
ھېچكىمنىڭ پاسكىنا پۇتلىرى بىلەن ئۆيۈمدە يۈرۈشىگە يول قويمايمەن.
 
ئۆزىمىزدىن يىراق تۇتىدىغان نەرسىلەر:
 
ئاساسسىز سىياسەت، ۋىجداننى بۇلغايدىغان كۆڭۈل ئېچىشلار، ئەجىرسىز بايلىق، ئۆزىنى بىلىملىك ئىنسانلار دەپ خاراكتىرسىز يۈرۈيدىغانلار، ئەخلاقسىز بىر تىجارەت دۇنياسى، ئىنسان سۆيگىسىنى ئاياق-ئاستى قىلدىغان ئاتالمىش بىلىملەر، دىنغا ئەقىل پاراسەت بىلەن ساداقەت كۆرسەتمەيدىغان كىشىلەر.
 
ئەگەر ھەقىقىي ئاڭلايدىغان بىر قۇلاققا ئىگە بولساڭ، تەڭرى بىزگە ئۆز تىلى بىلەن نىدا قىلىدۇ.
 
يەرنى ئاغدۇرۇپ ئۇنى تېرىمىسەك، ئۆزىمىزنى ئۇنۇتتۇق دېمەكتۇر.
 
ئەركىنلىك ھېچبىر زامان ھەر ئويلىغىنىمىزنى قىلىمەن دىگەنلىك ئەمەستۇر.
 
دىنلار ئەسلىدە ئوخشاش بىر نۇقتىدا كېسىشكەن، پەرىقلىق يوللاردۇر، ئوخشاش بىر نۇقتىغا يىتىشىمىز دەيدىكەنمىز نىمىشقا ياتلىشىمىز.
 
بىزنىڭ بەدىنىمىزدە ھالەت قانداق بولسا، بۇ كائىناتنىڭ ھالىتىمۇ شۇنداقتۇر، شۇنىڭغا بىز پۈتۈن دۇنيانىڭ يۈكىنى يۈكلەشكە ھازىر بولىشىمىز لازىم.
 
ئىنسانلار باشقىلارغا ئەسكىلىك قىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىگە ياخشىلىق تەلەپ قىلمىسۇن. ئىنسانلارنى بىر كاچات ئۈچۈن ئىككى كاچات ئۇرۇش ھەققىڭ يوق.
 
بىر ئىنساننىڭ ئىچىنى ئىلىمنىڭ نۇرى قاپلاپ، جاھالەتنىڭ قاراڭغۇلىقىنى ئېلىمنىڭ نۇرى يورۇتقاندا، تەڭرىنىڭ مۇبارەك نۇرى ئۇنىڭغا كۆرىنىدۇ.
 
ئالتۇن، كۆمۈش، ئالماس ياقۇتلار ھەممىسى ئەسلىدە تۇپراقتىن كەلگەندۇر، ئەمما ھېچ بىرىنىڭ قىممىتى يوقتۇر . ھەر بىرى توزىغان تۇپراقتىن ئىبرەتتۇر. ئاچكۆزلۈكتىن قۇتۇلغان چاغدا پۈتۈن بۇلارغا ئەنە ئاشۇنداق قارايمىز.
 
ھەددىدىن زىيادە تاماق يىگەن ۋە ھەددىدىن زىيادە ئۇخلىغان كىشى بۇ دۇنيادا ھېچ بىر ئىشتا غەلبە قىلالمايدۇ.
 
ھەر تۈرلۈك ئارزۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ئىلىمدىن مەھرۇم قالغان ئىنسانلار پەقەت دۇنيانىلا كۆرىدۇ، ئەمما دۇنيادا يوشۇرۇن بار بولغان تەڭرىنى كۆرەلمەيدۇ.
 
ھەقىقەت مەڭگۈلۈك بولسا، ئۇ ھالدا يالغانچىلىقمۇ شۇنداق. شۇنىڭغا ئوخشاش نۇر مەڭگۈلۈك بولسا، قاراڭغۇلۇقمۇ شۇنداق. ئەمما بىز پەقەت مەڭگۈلۈك بولغان مەڭگۈلۈك ھەقىقەتنى باغرىمىزغا باسالايمىز.
 
دۇنيانى قانداق كۆرۈشنى ئارزۇ قىلساڭ، ئۆزەڭمۇ شۇنداق بول.
 
قوللىرىنى قان بىلەن بويىغانلار، ھېچقانداق ۋىجدان ئازابى تارتىشنى بىلمەيدىغانلاردۇر.
 
ئەگەر بىر ئىنسان ھەقىقەتەن ئۇخلاۋاتقان بولسا، ئۇنى ئۇيغۇتۇش مۇمكىندۇر، ئەگەر ئۇ يالغاندىن ئۇخلىۋالغان بولسا، پۈتۈن كۈچىمىزنى سەرپ قىلىپمۇ ئۇنى ئويغىتىش مۇمكىن ئەمەستۇر.
 
بۇ دۇنيادا شۇنداق ئاچ ئىنسانلار باركى، ھەتتا تەڭرىمۇ ئۇلارنىڭ كۆزىگە بىر پارچە نان شەكلىدە كۆرۈنىدۇ.
 
سۆيگۈ ئىنسانلارغا، ۋەھشىلىك ھايۋانلارغا خاستۇر.
 
سۆيگۈ بار يەردە ھاياتلىق بار بولىدۇ.
 
تۈگۈلگەن مۇشتلار بىلەن قول ئېلىشمايمەن.
 
زوراۋانلىق قىلماسلىق مېنىڭ ئېتىقادىمنىڭ بىرىنجى ماددىسىدۇر. ئۇ ھەم ئەڭ ئاخىرقى ماددىسىدۇر.
 
بۇ دۇنيادا ۋىجدانىمدىن باشقا ھېچكىمدىن قورۇقمايمەن.
 
پىكىرلىرىڭلەرگە دىققەت قىلىڭلار، ھېس تۇيغۇلىرىڭلارغا ئايلىنىپ قالمىسۇن. ھېس تۇيغۇلىرىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار، ئىش ھەركىتىڭلەردە ئىپادىلىنىپ قالمىسۇن. ئادەتلىرىڭلەرگە دىققەت قىلىڭلار، قەدىرلىك نەرسىلىرىڭلارغا ئايلىنىپ قالمىسۇن. قەدىرلىك نەرسىلىرىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار مىجەز – خاراكتىرىڭلەرگە ئايلىنىپ قالمىسۇن. مىجەز-خاراكتىرىڭلەرگە دىققەت قىلىڭلار، تەقدىرىڭلارنى بەلگىلەپ قويمىسۇن.