ماھاتما گەندى: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق
Content deleted Content added
No edit summary |
No edit summary |
||
66 -قۇر:
'''موھانداس كارامچاند گەندى''' ([[گۇجاراتچە]]: '''મોહનદાસ કરમચંદ ગાંધી،''' [[ھىندىچە]]: '''मोहनदास करमचंद गांधी،''' [[ئىنگىلىزچە]]: '''Mohandas Karamchand Gandhi،''' تو. 1869- يىل 2- ئۆكتەبىر — 1948- يىل 30- يانۋار) [[ھىندىستان]] ۋە [[ھىندىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى|ھىندىستان مۇستەقىللىق ھەركىتىنىڭ]] ئاتاقلىق سىياسىي ۋە رۇھانىي داھىيسى. ئۇ پۈتۈن ھاياتىنى ھىندى مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىق ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، ھىندىستان خەلقى تەرپىدىن «مۇقەددەس ئاتا» دەپ ئۇلۇغلانغان. ئۇ ئاتاقلىق سىياسى داھىي بۇلۇپلا قالماي، يەنە مەشھۇر مۇتەپەككۇر بۇلۇپ، ئۇنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي ۋە دىنىي ئىدىيىسى پۈتكۈل ھىندىستان يېرىم ئارىلىدا غايەت زور ھەم چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلغان. ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرى [[گەندىزم]] دەپ ئاتىلىدۇ. ھەقىقەت ۋە يامانلىقققا قارشى ئاكتىپ ئەمما شىددەت قوللىنىلمىغان تىركىشىش بىلەن ئالاقىدار بولغان ساتياگاراھا (Satyagraha) پەلسەپەسىنىڭ باشچىسىدۇر. بۇ پەلسەپە ھىندىستاننى مۇستەقىللقىغا قاۋۇشتۇرغان ۋە يەر يۈزىدە ۋەتەنداشلىق ھەقلىرى ۋە ئەركىنلىك قوغدىغۇچىلىرىغا ئىلھام مەنبەسى بولغان. گەندى ھىندىستاندا ۋە دۇنيادا، [[تاگور]] تەرىپىدىن بېرىلگەن ۋە ئۇلۇغ رۇھ مەنىسىدىكى '''ماھاتما''' ([[سانسىكرىتچە]]: महात्मा) ۋە ''ئاتا'' مەنىسىدىكى '''باپۇ''' ([[گۇجاراتچە]]: બાપુ) ناملىرى بىلەن ياد ئېتىلىدۇ. ھىندىستاندا رەسمىي شەكىلدە دۆلەت ئاتىسى ئېلان قىلىنغان ۋە توغۇلغان كۈنى بولمىش 2- ئۆكتەبر كۈنى ''گەندى جايانتى'' نامى بىلەن مىللىي تەتىل كۈنى شەكلىدە قۇتلىنىدۇ. 2007- يىل 15- ئىيۇن كۈنى [[بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى]] ئاۋاز بىرلىكى بىلەن 2- ئۆكتەبر كۈنى "خەلقئارالىق شىددەتكە قارشق تۇرۇش كۈنى" ئېلان قىلىنغان. گەندى ھەققىدە ئەڭ كۆپ كىتاب يېزىلغان كىشىلەر تىزىملىكىدە 8. ئورۇنغا تىزىلماقتا.
ئۇ «ئۆتكەن 30 يىلدىكى يولباشچى ۋە پەيلاسوپ»، «ھىندىستاننىڭ ئەركىنلىك ماياكى». 1947-يىلى 8-ئايدا، ھىندىستاننىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنىدا ھىندىستان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ داھىيەسى موھانداس كارامچاند گەندى ئەنە شۇنداق تەرىپلەنگەن.
گەندى (1869 − 1948-يىللار) دەسلەپتە ئەنگلىيە دە ئوقۇپ، قانۇن ئۆگەنگەن، كېيىن جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۇزاق مۇددەت ئادۋوكاتلىق قىلغان، شۇ يەردىكى ھىندىستان مۇھاجىرلىرىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلىپ، مۇئەييەن مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىپ، كاتتا شۆھرەت قازانغان. 1915-يىلى، ئەنگلىيە نىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغان ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، مىللىي ئازادلىق ئىشلىرى يولىدا كۈرەش قىلغان ھەمدە بۇ كۈرەشنى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرغان.
ئانا پەرزىنىت تەربىيىسىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم، گەندىنىڭ ئانىسى گەندى ھۆرمەت قىلىدىغان مەزلۇم ئىدى، ياخشى ئايال، پەزىلەتلىك ئانىلارنىڭ بارلىق ئىسىل پەزىلەتلىرى ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن ئىدى. ئۇ يەنە تەقۋادار ئايال بۇلۇپ، پەرھىز ۋە ئىبادەت قىلىشتا ئىنتايىن ئەستايىدىل ئىدى. گەندىنىڭ نەزىرىدە ئانىسى پاكلىقنىڭ سىمۋولى ئىدى. گەندى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ئەخلاقتىمۇ، ئوقۇشتىمۇ ياخشى ئوقۇغۇچى ئىدى. نۇرغۇن قېتىم ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشكەن ئىدى. گەندى دوست تۇتۇشنى ياخشى كۈرەتتى. گەندى باشقىلار بىلەن ئىسلاھاتچى بۇلۇش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىش ئارزۇسىدا دوستلۇق ئورنىتاتتى. ئۇ ئىدىيە كىيىن بۇ ئۇلۇغ ئەرباپنىڭ ئاساسىي پەزىلىتىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى.
|