لۇتپۇللا مۇتەللىپ: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
No edit summary
18 -قۇر:
}}
 
لۇتپۇللا مۇتەللىپ ـ [[ئۇيغۇر مىللىتى|ئۇيغۇر]] خەلق شائىرى.
'''لۇتپۇللا مۇتەللىپ'''
 
== ھاياتى ==
 
 
ﺋﻮﺕ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺷﺎﺋﯩﺮﯨﻤﯩﺰ لوﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ 1922-ﻳﯩﻠﻰ 11-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 22-ﻛﯜﻧﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ [[قازاقىستان|ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ]] ﺋﺎﻟﯩﻤﯘتاﺋﻮﺑﻼﺳﺘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﭼﯜﻧﭽﻪ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻳﺒﻮﻳﻰ ﻣﻪﮬﻪﻟﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . 1931 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﺑﯩﻠﻪﻥ [[غۇلجا شەھىرى|ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ]] ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﮬﯧﺰﯨﻤﺎﺧﯘﻥلوتپۇللانىﺭﻭﺱﯞﻩتاتارﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﺎﻥ ...
Line 31 ⟶ 29:
1944 يىلى غولجىدا [[ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى]] پارتىلغاندىن كېيىن ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىنقىلاپ سادالىرىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ تۇرغان ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاقسۇدىكى گومىنداڭ ئەمەلدارلىرىمۇ ، لوتپۇللانى خەتەرلىك ئۇنسۇر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ ، 1945-يىلى مىللى ئارمىيە سايرامدىن ئۆتۈپ بايغا چۈشۈپ ئاقسۇغا يۈرۈش قىلغاندا گومىنداڭ ئەمەلدارلىرى لۇپتۇللا مۇتەللىپ ، بىلال ئەزىزى ، مۇنىردىن خوجا قاتارلىق ئوغلانلارنى قولغا ئېلىپ تۇرمىگە قامىغان ، 1945-يىلى مىللى ئارمىيە ئونسۇغا چۈشكەندە ، گومىنداڭ تېخىمۇ غالجىرلاشقان ۋە 9-ئاينىڭ 18 كۈنى لۇتپۇللا قاتارلىقلارنى تۈرمىدە ۋەھشىلەرچە قەتىل قىلغان . كىيىن كىشلەرلوتپۇللا قاتارلىقلارنىڭ مېيىتنى ئەۋرەز كارىزىغا تاشلىۋىتىلگەن يېرىدىن تېپىپ چىققان ۋە يۇيۇپ تاراپ ئاقسۇ شەھەرى ئاق مەسچىتنىڭ ئارقىسىدىكى ( ھازىرقى شىياڭگاڭ بازىرىنىڭ ) ئۇتتۇرىدىكى ئاممىۋى قەۋرىستانلىققا دەپنە قىلغان .
 
[[File:Lutpulla qebrisi.jpg|left|thumb|250px|لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئاقسۇدىكى[[ئاقسۇ شەھىرى|ئاقسۇ]]دىكى قەبرىسى]]
 
 
Line 41 ⟶ 39:
== لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرىدىكى ئىدىلوگىيە ==
 
== نەشىر قىلىنغان ئەسەرلىرى ==
 
 
=== خەلقىمگە ===
ئەي شىنجاڭ خەلقى، خىزمەتكە دائىم تەييار بول،
 
ئۈستۈنلۈكلەرنى جانلاندۇرۇشتا ھوشيار بول.
 
نېمىلەر چۆرگىلىمەكتە جۇڭگو بېشىدا،
 
خەلقىم، پۇرسەت يەتتى، ھەممىگە تەييار بول.
 
جەڭ مەيدانىدا غالىب بولماقتىمىز،
 
قەھرىمانلارغا ياردەم توپلاش كويىدا بول.
 
ئاخىرقى چوڭ ئۈستۈنلۈكنى ئېلىپ چىقىشقا،
 
جاھانگىرلارغا توسالغۇ ئۆڭكۈر-غار بول.
 
تىرىشقىن، خەلقىم، كېچە-كۈندۈز ئىش يولىدا،
 
ئاداققى دەمدە سائادەتلىك باھار بول.
 
ياخشى چۈشىنىپ سوۋېت بىلەن دوستلۇقىنى،
 
كۈرەشتە سەن قەھرىمان، جەسۇر بول.
 
قەدەم چىقماستىن ئازادلىقنىڭ يولىدىن،
 
مەھكەم بۇزۇلماس سەپنىڭ قوينىدا بول.
 
ماڭغىن سائادەت دۇنياسىغا كەڭ ئاتلاپ،
 
ۋەتەن، ئەل ئۈچۈن قايتماس پىداكار بول.
 
 
ئازادلىق يولىنى مەزلۇملارغا ئېچىشقا،
 
ئۇلارنىمۇ ئىنسان قاتارىغا قېتىشقا.
 
قاراڭغۇ ماكانغا ساپ چېچشقا،
 
سۆيۈملۈك خەلقىم، قۇۋۋەتلىك ساپ نۇر بول.
 
1937-يىل ئۆكتەبىر، غۇلجا
 
 
 
 
 
=== «ئەپەندى» بولماق ===
بۇ يىل ئون ئىككى يىل بولۇپ قالدى، ئۇكام،
 
بۇ، ئەپەندى بولماق مېنى بىر بالاغا سالدى، ئۇكام.
 
شۇ ئون ئىككى يىل ئىچىدە ساقلىمىنى قىرىپ يۈردۈم،
 
كەينى يىرتىق چاپانلارنىمۇ كىيىپ يۈردۈم.
 
لېكىن «ئەپەندى» دېگۈچىلەرنى ھېچ كۆرمىدىم، ئۇكام،
 
بىر جاۋاب بەرسىڭىزچۇ، «ئەپەندى» دېمەسكە يەنە نېمەم كام؟
 
غەم يېمەڭ، ئاكا، ئۇنىڭ ئىشى بۇ زاماندا بەك ئاسان،
 
ھازىر ئۇدۇللا ماگىزىنغا بارىسىز.
 
ئازراق پۇلىڭىزغا كاستۇمدىن بىرنى ئالىسىز،
 
يەنە كازبىكتىن يانچۇققا بىرنى سالىسىز،
 
يەنە ئالىسىز ئاق كۆڭلەك ۋە ئۇزۇن گالىستۇك،
 
بىر سېرىق شىبلىت كىيىسىز ئاندىن ئۇنى موك.
 
تاماكىڭىزنى قىڭغىر چىشلەپ يۈرۈۋېرىڭ،
 
سىزنى «ئەپەندى» دېگۈچىلەرنى كۆرۈۋېرىڭ.
 
Line 101 ⟶ 119:
=== دېھقىنىمغا ===
 
قىشلار كەتتى،
كۆكلەم يەتتى.
Line 151 ⟶ 168:
 
«ئىت ۋاپا، خوتۇن جاپا» دەپتىكەن بىر ساددا
 
تىتىرەك، قارا يىللارنىڭ بىر «دانىشمىنى»(!؟)
 
بىز ئەمدى ئارقىغا
تاشلىدۇق، بىز يىراققا،
 
«چېچى ئۇۇزن، ئەقلى قىسقا»
 
دېگەن چىگىش ئۆتمۈشنى.
 
ئەقلىڭ بىلەن تەڭشەپ ئۆتمۈش يىللىرىنىڭ،
 
دەل كۆكسىگە كۈرەش خەنجىرىنى ئۇرساڭ؛
 
مىڭ بىر بالالار بىلەن چاپلاشتۇرغان سىرلىرى
 
ئېچىلىدۇ روشەن بولۇپ، قىلنى قىرىق يارساڭ.
 
ھەممىمىز كۈرەشچان بىز، يىللىرىمىز كۈرەش يىللىرى،
 
كۈرەشنىڭ نازۇك سىرلىرىنى ئۆگەندى
 
بىزدەك ئەر-خوتۇن قىز
ئۆتمۈشنىڭ تار يوللىرى قالدى ئارقىدا
 
ماڭىمىز،ئېچىلىدى
 
ئالدىمىزدا داغدام يول ــ ئىز.
 
 
1938 -يىل مارت، غۇلجا
Line 180 ⟶ 206:
 
كۈرەش، كۈرەش دەپ دائىما تىرىشىپ تۇرساق،
 
بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.
 
ھەر قەدەمدە كونا تۇرمۇش بىلەن ئېلىىشپ تۇرساق،
 
بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.
 
جاھانگىرلار يەر يۈزىدىن تامام يوقالسا،
 
مەزلۇم ئەللەر يېڭى ھاياتتىن كەڭ يول ئالسا،
 
زادى تۈگىمەس سائادەتكە قەدەم قويسا،
 
بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.
 
ئۆمەكلىىشپ مەزلۇملار بىلەن بىللە ئىشلىسەك،
 
ھەقىقەتەن يېڭى يولغا راست كىرىشسەك،
 
باراۋەرلىك ئۇللىرىنى مەھكەم قۇرساق،
 
بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.
 
يوقسۇل، مىسكىنلەر ئەمدى تارتمىسا مۇشەققەت،
 
«ئاھ...نەيلەي، قىسىلىدىمغۇ»دىمىسە پەقەت،
 
ئازادلىقتىن شۇلارغا ياغسا مېھىر-شەپقەت،
 
بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.
 
ئېلىمىزدە ئىلىم-مەرىپەت تېشىپ تۇرسا،
 
دولقۇنلاپ ئۆزىمىزدىن ئېشىپ تۇرسا،
 
خائىنلار يوللىرى كېسىپ تۇرسا،
 
بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئچىلاتتى.
 
ھەربىر يەردە زاۋۇت-فابرىكا ۋارقىراپ تۇرسا،
 
تۆمۈر يولدا ئوت ھارۋىلار جارقىراپ تۇرسا،
 
ھاۋا قۇشلىرى ئۈستىمىزدە غارقىراپ تۇرسا،
 
بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.
 
قەھرىمان ياشلار ئەمدى تەييار تۇرسا،
 
قەھرىمانلارچە ھەربىر ئىشتا ھوشىيار تۇرسا،
 
قاراڭغۇ بۇلۇڭلارغىمۇ چىراغلار يېقىلسا،
 
بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.
 
ئەسكى تۇرمۇش ھەر قەدەمدە ۋەيران بولسا،
 
ئىسىبداتچى قارا كۈچلەر گۇمران بولسا،
 
ئوقۇمىغان نادانلار ئەمدى ئىنسان بولسا،
 
بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.
 
گۇرۇھ-گۇرۇھ زىيالىيلار قىلسا خىزمەت،
 
ھەربىر ئېغىر ئىشلارغا قىلسا جۈرئەت،
 
پۈكسە كۆڭلىگە دائىما توغرا نىيەت،
 
بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.
 
مىللەتچىلىك يىلتىزىنى يۇلۇپ تۇرساق،
 
ھەقىقەت دەپ مەيدىمىزنى كېرىپ تۇرساق،
 
جۇڭگونىڭ ئازادچى ئەللىرى بولساق،
 
بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.
 
ھەربىر ئىشتا ئەل خىزمىتىگە ئاساسلانساق،
 
قۇرۇپ تېخنىكا، ئېغىر ئىشنى ئاسانلاتساق،
 
تەرەققىيات يولىغا ئەزىز جاننى ئاتىساق،
 
بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.
 
مۇتەللىپ، سەن ھەقىقەتنى تارتىنماي سۆزلە،
 
غەيرەت بىلەن قۇزغۇنلار يوللىرىنى تورا.
 
بۇ يولداۋارقىرىساڭ ھەيۋەت بىلەن «ھۇررا»
 
بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.