يىلتىز: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
No edit summary
ئازراقلاNo edit summary
 
1 -قۇر:
[[ھۆججەت:Shahrak-e Namak Abrud (10).jpg|alt=يىلتىز|thumb|يىلتىز]]
«سۇنىڭ مەنبەسى، دەرەخنىڭ يىلتىزى بولىدۇ». يىلتىزى چوڭقۇر ئۆسكەندىلا، شاخ ۋە يوپۇرماقلىرى باراقسان ئۆسەلەيدۇ. يىلتىز ئۆسۈملۈكلەرنىڭ جان تومۇرى بولۇپ، ئۇ سۈمۈرۈش، توشۇش، تۇراقلاشتۇرۇش، تىرەش، زاپاس ساقلاش ۋە كۆپىيىش ئىقتىدارلىرىغا ئىگە.
ئۆسۈملۈكلەر ئوزۇقلىنىشتا ئاساسلىقى يىلتىزىنىڭ سۈمۈرۈشىگە تايىنىدۇ. مەيلى ئوق يىلتىز (ئاساسىي يىلتىز)، يان يىلتىز ياكى تۇراقسىز يىلتىزلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەڭ ئالدىنقى ئۇچىدىن تۈۋى قىسمىغىچە يىلتىز غىلىپى (تاجىسى)، ئۆسۈش نۇقتىسى، ئۇزىراپ ئۆسكۈچى قىسمى، يىلتىز تۈكلۈك قىسمى ۋە يېتىلگەن قىسمىدىن ئىبارەت بەش قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. يىلتىز غىلىپى يىلتىزنىڭ ئۇچىنى خۇددى قالپاققا ئوخشاش قاپلاپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئۆسۈش نۇقتىسى بولۇپ، ئۇ يىلتىزدىكى ھەرقايسى قىسىم توقۇلمىلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇزىراپ ئۆسكۈچى قىسمى بولسا يىلتىزنىڭ ئۇزىراپ ئۆسۈشى ئەڭ تېز بولىدىغان جايى ھېسابلىنىدۇ. يىلتىز تۈكچىلىرى گەرچە ئىنتايىن كىچىك بولسىمۇ، لېكىن سانى ناھايىتى كۆپ بولغاچقا، خۇددى مىكرو تىپلىق سۇ پومپىلىرى (سۇ ناسوسى)غا ئوخشاش ناھايىتى كۈچلۈك سۇ سۈمۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە. كۆممىقوناق يىلتىزىنىڭ1 مىللىمېتىر كۋادرات يۈزىدە400 تالدىن ئارتۇق يىلتىز تۈكچىلىرى بولۇپ، ئۇلار خۇددى400 دىن ئارتۇق «سۇ پومپىلىرى» غا ئوخشاش بىرلا ۋاقىتتا ئىشلەپ كۆممىقوناقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. يىلتىزنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ ئالدى ئۇچى ئۈزلۈكسىز ئالدىغا ئۇزىرايدۇ، يېتىلگەن قىسمى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارىدۇ. ئەمما چوققا ئۇچىغا يېقىنراق بولغان تۆت قىسىمنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىرقەدەر مۇقىم بولۇپ، ئۇلار بىرلەشتۈرۈلۈپ يىلتىز ئۇچى دېيىلىدۇ.