شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
ئازراقلا يېڭى مەزمۇن
ئازراقلا مم
1 -قۇر:
{| border="1" align="left" cellpadding="4" cellspacing="0" width="250" style="margin: 0 0 1em 1em; background: ; border: 1px #aaa solid; border-collapse: collapse; font-size: 100%;"
| colspan="2" align="center" bgcolor="" style="border-bottom:3px" |<font size="+1">'<nowiki/>''<font size="+1"> ''''''شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى'''
|-
|
78 -قۇر:
*سەھىيە نازىرى: ئابدۇللاھ خانىي.
*مۇپەتتىش: ھاجى ئەئىلەم ئاخۇنۇم. ...
==يىمىرلىش سەۋەبى==
==يىمىرلىشى==
«يېڭى ئاكت» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە يەنە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانداق ئاغدۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: ئۇ دەۋردە تۇرپاننى ئىشغال قىلىۋالغان ما جوڭيىڭ تۇڭگان قوشۇنلىرىغا قارشى ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ ئۆلكە ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئەسكەر ۋە قورال ياردەم تەلەپ قىلدى ۋە بۇنىڭ بىلەن 1934-يىلى قىزىل ئارمىيىنىڭ ئىككى تۈمەنگە يېقىن ئەسكىرى ئۈرۈمچىگە كىردى. قىزىل ئارمىيىدىن قاچقان ما جوڭيىڭ قوشۇنلىرى قەشقەر ۋە خوتەنگە ھۇجۇم قىلىپ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسكەرلىرىنى قەتلى قىلدى شۇنداق قىلىپ 1934-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاغدۇرۇلدى.
 
ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇممۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ قېتىلىق ئىنقىلابىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى سەۋەب-ئامىللارنىڭ ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى، چۈنكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز چېگرىسى يېنىدا مۇستەقىل مۇسۇلمان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەھدىت ئۆزىگە نىسبەتەن زور ھېسابلايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.<ref>[https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/islam-jumhuriyet-11142013174442.html شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى توغرىسىدا مۇلاھىزە<!-- ئۇلانما -->]</ref>
شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى يىقىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا 1934-يىلى يانۋاردا چۆچەك ۋە ئالتاي چېگراسىدىن بېسىپ كىرگەن سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى ئۈرۈمچى ئەتراپىدا ما جۇڭيىڭنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىتىپ، قەشقەرگە قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. بۇ ئارىلىقتا، ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە كەلگەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باش ئەلچىسى ئافرېسوف خوجا نىياز ھاجى بىلەن كۆرۈشۈپ، ھۆكۈمىتىنى تارقىتىپ، شېڭ شىسەي بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تەكلىپ قىلىدۇ. بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان خوجا نىياز ھاجى ئافرېسوف بىلەن بىرلىكتە قەشقەردىن ئايرىلىپ، ئۈرۈمچىدە مۇئاۋىن ئۆلكە رەئىسى بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى» ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۆشۈكىدىلا يىقىلىدۇ.
1938 – يىلى سېنتەبىردە شېڭ شىسەي سىتالىننىڭ ئالاھىدە مېھمىنى سۈپىتىدە موسكوۋاغا بېرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولىدۇ. 1937- يىلى ئاپرېلدا كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭ باستۇرۇلغاندىن كېيىن، خوجا نىياز ھاجى قولغا ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن شېرىپ خان تۆرە ۋە باشقا مۇجاھىتلار قاتتىق قىيىن-قىستاق بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ. شۇ يىلى بارىكۆل خەلقى 4 قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. 1940-يىلى فېۋرالدا، 1941-يىلى ئىيۇندا ئالتاي خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. تولىمۇ ئەپسۇسكى، بۇ قوزغىلاڭلارنىڭ ھەممىسى قانلىق شەكىلدە باستۇرۇلىدۇ . شېڭ شىسەي بىر تەرەپتىن رۇسيە بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ يۈرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي بىلەن مەخپىي تىل بىرىكتۈرىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا، پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن شېڭ شىسەي خىتاينىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان چېگراسىغا ئاللىبۇرۇن قارارگاھ قۇرۇپ پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان خىتاي گومىنداڭ ئارمىيەسى شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كىرىدۇ. سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى بولسا، شەرقىي تۈركىستاندىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستانغا قوشۇن ئەۋەتكەن بولىدۇ. خەلق خىتاي گومىنداڭ ئىشغالىيىتىگە جان-جەھلى بىلەن قارشى تۇرىدۇ. رۇسيەمۇ خەلق قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمىنى ئاستىرتتىن قوللايدۇ.<ref>[http://www.trt.net.tr/uyghur/pyrwgrammylar/2015/04/16/shaerq-y-tyurk-stn-y-slm-jumhur-y-t-n-ng-y-q-l-sh-saevaebl-r-238563 شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ يىقىلىش سەۋەبلىرى<!-- ئۇلانما -->]</ref>
==مىللىي ئارمىيە==