ئەركىن تۇنىياز: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
مۇئاۋىنى رەئىس
(پەرقى يوق)

02:38, 19 ئاۋغۇست 2018 تۈزەتكەن نەشرى

ئەركىن تۇنىياز، 1961-يىلى 12-ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ ئاقسۇدىن، 1983-يىلى 7-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن، 1983-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي-ئىقتىساد كەسپىنىڭ ئاسپىرانتلىق بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، ماگىستىر، لېكتور.

ئەركىن تۇنىياز 1980-يىلى 9-ئايدىن 1983-يىلى 8-ئايغىچە سانجى پېداگوگىكا ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ماتېماتىكا كەسپى مەخسۇس كۇرسىدا ئوقۇغان. 1983-يىلى 8-ئايدىن 1984-يىلى 9-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى سانجى پېداگوگىكا ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش ئىنستىتۇتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولغان. 1984-يىلى 9-ئايدىن 1987-يىلى 6-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى سانجى پېداگوگىكا ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش ئىنستىتۇتى كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1986-يىلى 9 -ئايدىن 1987-يىلى 1-ئايغىچە شەنشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىي مەكتەپ باشقۇرۇش بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان). 1987-يىلى 6-ئايدىن 1991-يىلى 11-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى سانجى پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1988-يىلى 8-ئايدىن 1990-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپى تولۇق كۇرسىدا ئوقۇغان). 1991-يىلى 11-ئايدىن 1992-يىلى 8-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار نازارىتى سىناش، ۋەزىپىگە تەيىنلەش-ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش، مۇكاپاتلاش-جازالاش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1992-يىلى 8-ئايدىن 1993-يىلى 11 -ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلار ئۇنىۋېرسال باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1993-يىلى 11-ئايدىن 1998-يىلى 3-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى زىيالىيلار خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1998-يىلى 3-ئايدىن 1999-يىلى 10-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم ئىشلىرى ئەزاسى بولغان (1997-يىلى 9-ئايدىن 1999-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي-ئىقتىساد كەسپى ئاسپىرانتلىق بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇغان). 1999-يىلى 10-ئايدىن 2005-يىلى 2-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 2005-يىلى 2-ئايدىن 2008-يىلى 1-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى بولغان.

2008-يىلى 1-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىمەكتە.