فورۋو تورى: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
فورۋو تورى
 
(پەرقى يوق)

00:42, 27 ئاۋغۇست 2018 نىڭ نۆۋەتتىكى تۈزىتىلگەن نەشرى

فورۋو (forvo.com) دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەلەپپۇز يېتەكچىسى تور بېكىتى. ئۇ 2007.يىلى ئىجاد قىلىنىپ، 2008.يىلىدىن باشلاپ رەسمىي ئېلان قىلىنغان. قىسقىغىنە بىر يىل ۋاقىتتا تەلەپپۇز سۆزلۈكى تەمىنلەنگەن تىللار 200 دىن ئاشقان.

1.ئاساسىي ئەھۋالى

تور بېكەت ئۇچۇر مەنبەسى پۈتۈنلەي سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، تىزىملىتىپ كىرگەن ھەرقانداق ئەزا سۆزلۈك ۋە تەلەپپۇز ئۇچۇرىنى قوشالايدۇ. ئىشلەتكۈچىلەر بۇ تور بېكەت ئارقىلىق خالىغان سۆزلۈكنى ئىزدەپ ئەزالار تەمىنلىگەن ئۇچۇر ئارقىلىق تەلەپپۇز، تەرجىمە ۋە ئۇچۇر تەمىنلىگۈچىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىغا ئېرىشەلەيدۇ.

بۇ تور بېكەتنى Forvo Media SL شىركىتى باشقۇرىدىغان بولۇپ، باش شىتابى ئىسپانىيەنىڭ سان سەباستىيان (San Sebastián) شەھىرىدە.

بۇ يازما ئېلان قىلىنغۇچە (2018.يىلى 31.يانۋار) بېكەتنىڭ تىزىملاتقان ئابونتى 677 مىڭ 971 نەپەر، تەھرىر سانى 383 كە، تەلەپپۇز تەمىنلىگەن تىللار 365 كە يەتكەن. دۇنيادىكى تور بېكەتلەر دەرىجىسدە بۈگۈنلۈك دەرىجىسى 7372.ئورۇندا تۇرىدۇ.

2.قوللايدىغان يېزىقلار

تور بېكەت كۆرۈنمە يېزىقى 34 خىل يېزىقنى قوللايدۇ. مەسىلەن:

فورۋو خەنزۇچە بېتى: https://zh.forvo.com

ياپونچە: https://ja.forvo.com

تۈركچە: https://tr.forvo.com

پارسچە: https://fa.forvo.com

تور بېكەت ئاستىدىكى يېزىق تاللانما تۈرىدىن خالىغان يېزىق بويىچە تاللاپ كۆرۈشكە بولىدۇ:

3.تىللار تىزىملىكى

تور بېكەت ئاساسىي سەھىپىسىدىكى تىللار تىزىملىكىدە شۇ تىلدىكى ئاۋازلىق سۆزلۈكنىڭ مىقدارىغا ئاساسەن رەت تەرتىپكە تىزىلىدۇ. تۆۋەندە كۆرسىتىلگەندەك:

https://zh.forvo.com/languages

ئۇچۇر مىقدارى قانچە كۆپ بولغان تىللار ئالدىغا تىزىلىپ مۇشۇ تىلنى مەلۇم دەرىجىدە تەشۋىقات قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. بولۇپمۇ سۆزلۈك سانى ئەڭ كۆپ ئالدىنقى 10 تىل باش بەتتە تەۋسىيەلىنىپ كۆرۈنىدۇ.

4.باشقا مۇلازىمەتلىرى

بېكەتنىڭ يەنە سۆزلۈك تەرجىمە ۋە تىل ئۆگېنىش ئىقتىدارلىرى بولۇپ، تىزىملىتىپ كىرگەن ئەزالار ئېنگىلىزتىلى، فىرانسۇزتىلى ۋە ئىسپانچىنى ھەقسىز ئۆگېنىش ئىقتىدارىدىن بەھرىمان بولالايدۇ. تېخىمۇ كۆپ تىل ئۆگېنىش تۈرلىرى داۋاملىق قوشۇلىدۇ.

تىل ئۆگېنىش دەرسخانىسى: https://zh.forvo.com/elearning