ياسىن سىدىق: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
ئۈرۈمچى، شەھەر باشلىقى
 
(پەرقى يوق)

01:24, 2 سىنتەبىر 2018 نىڭ نۆۋەتتىكى تۈزىتىلگەن نەشرى

ياسىن سىدىق، ئەر، ئۇيغۇر، 1968-يىل 6-ئايدا تۇغۇلغان، قۇمۇلدىن. 1986-يىل 4-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1993-يىل 7-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە (2008-يىل 1-ئايدا مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتورىيەسىنىڭ خەلقئارا سىياسىي كەسپىنى پۈتتۈرگەن). ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، شەھەر باشلىقى.

1986-يىل 4-ئايدا، قۇمۇل شەھىرى قارادۆۋە يېزىسىنىڭ تەرجىمانى، ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛

1988-يىل 9-ئايدا، غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنسىتىتۇتىنىڭ خەنزۇ تىل-ئەدەبىياتى كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن؛

1992-يىل 8-ئايدا قۇمۇل شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش خادىمى بولغان؛ (بۇ مەزگىلدە، 1994-يىل 5-ئايدىن 1994-يىل 7-ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ تەربىيەلەش سىنىپىدا ئوقۇغان)؛

1994-يىل 12-ئايدا، قۇمۇل شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش خادىمى بولغان؛

1996-يىل 1-ئايدا، قۇمۇل شەھىرى قارادۆۋە يېزىلىق پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى بولغان؛

1997-يىل 1-ئايدا، قۇمۇل شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك كومىتېتىنىڭ كادىرى بولغان؛ (بۇ مەزگىلدە، 1995-يىل 12-ئايدىن 1997-يىل 6-ئايغىچە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر خەنزۇ تىل-ئەدەبىياتى كەسپىدە ئوقۇغان)؛

1998-يىل 2-ئايدا قۇمۇل شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛

1998-يىل 3-ئايدا، قۇمۇل شەھىرى شەھەر ئەتراپى يېزىلىق پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رەئىسى بولغان؛

1998-يىل 10-ئايدا، قۇمۇل شەھىرى شەھەر ئەتراپى يېزىلىق پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى بولغان؛

2000-يىل 8-ئايدا، قۇمۇل شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ (بۇ مەزگىلدە، 2000-يىل 9-ئايدىن 2000-يىل 12-ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ تەشكىلات بۆلۈمى باشلىقلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپىدا ئوقۇغان)؛

2000-يىل 12-ئايدا، قۇمۇل ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛

2002-يىل 3-ئايدا ئاراتۈرك ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛

2002-يىل 10-ئايدا، ئاراتۈرك ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ناھىيەنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى، مۇۋەققەت ھاكىمى بولغان؛

2002-يىل 12-ئايدا، ئاراتۈرك ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ناھىيەنىڭ ھاكىمى بولغان؛ (بۇ مەزگىلدە، 2006-يىل 3-ئايدىن 2008-يىل 1-ئايغىچە،مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتورىيەسىنىڭ خەلقئارا سىياسىي كەسپىدە ئوقۇغان)؛

2008-يىل 8-ئايدا، قۇمۇل ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، ئاراتۈرك ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ناھىيەنىڭ ھاكىمى بولغان؛

2008-يىل 9-ئايدا، قۇمۇل ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان؛

2009-يىل 3-ئايدا، قۇمۇل ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، ۋىلايەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى (ۋىلايەتلىك سودا ئۇيۇشمىسى)نىڭ باشلىقى بولغان؛

2011-يىل 2-ئايدا، قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، ۋىلايەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى (ۋىلايەتلىك سودا ئۇيۇشمىسى)نىڭ باشلىقى بولغان؛ (بۇ مەزگىلدە، 2011-يىل 3-ئايدىن 2012-يىل 9-ئايغىچە جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە شىركىتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، شىركەتنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورىلىق ۋەزىپىسىدە چېنىققان)؛

2013-يىل 8-ئايدا، قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، ۋىلايەتلىك پارتكوم ئاممىۋى خىزمەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ۋىلايەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى (ۋىلايەتلىك سودا ئۇيۇشمىسى)نىڭ باشلىقى بولغان؛

2016-يىل 5-ئايدا، قۇمۇل شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتكوم ئاممىۋى خىزمەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ۋىلايەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى (ۋىلايەتلىك سودا ئۇيۇشمىسى)نىڭ باشلىقى بولغان؛

2016-يىل 7-ئايدا، قۇمۇل شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛

2016-يىل 10-ئايدا، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛

2017-يىل 5-ئايدا، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قەشقەر ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان؛

2017-يىل 11-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى (نازىر دەرىجىلىك)، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى نامزاتى بولغان؛

2017-يىل 12-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى (نازىر دەرىجىلىك)، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان؛

2018-يىل 1-ئايدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقلى بۇلۇپ ئىشلىمەكتە.