ۋاڭ ياڭ: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
سىياسىئون
 
(پەرقى يوق)

17:49, 20 يانۋار 2019 نىڭ نۆۋەتتىكى تۈزىتىلگەن نەشرى

ۋاڭ ياڭ، ئەر، خەنزۇ، 1955- يىلى 3- ئايدا تۇغۇلغان، ئەنخۇي سۇجۇدىن، 1972- يىلى 6- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1975- يىلى 8- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە بولغان، سانائەت پەنلىرى ماگىستىرى.

  ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى.

  1972- يىلىدىن 1976- يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىسى سۇشيەن ۋىلايەتلىك يېمەكلىك زاۋۇتىدا ئىشچى، سېخ مەسئۇلى بولغان.

  1976- يىلىدىن 1979- يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىسى سۇشيەن ۋىلايەتلىك «7- ماي» كادىرلار مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى، كافېدرانىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەكتەپ پارتكومىنىڭ ئەزاسى بولغان.

  1979- يىلىدىن 1980- يىلىغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى نەزەرىيە- تەشۋىقات كادىرلىرى سىنىپى سىياسىي- ئىقتىساد كەسپىدە ئوقۇغان.

  1980- يىلىدىن 1981- يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىسى سۇشيەن ۋىلايەتلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان.

  1918- يىلىدىن 1982- يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەنخۇي ئۆلكىسى سۇشيەن ۋىلايەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

  1982- يىلىدىن 1983- يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەنخۇي ئۆلكىلىك كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

  1983- يىلىدىن 1984- يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەنخۇي ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

  1984- يىلىدىن 1987- يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىلىك تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

  1987- يىلىدىن 1988- يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىلىك تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  1988- يىلىدىن 1992- يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىسى تۇڭلىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى، شەھەر باشلىقى بولغان(بۇ مەزگىلدە 1989- يىلىدىن 1992- يىلىغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتىنىڭ تولۇق كۇرس سىنىپىدا پارتىيە، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش كەسپىدە ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇغان).

  1992- يىلىدىن 1993- يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىلىك پىلان كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى ياردەمچىسى بولغان.

  1993- يىلىدىن 1993- يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1993- يىلىدىن 1998- يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى بولغان(بۇ مەزگىلدە 1993- يىلىدىن 1995- يىلىغىچە جۇڭگو پەن- تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش ئىلمى فاكۇلتېتى باشقۇرۇش ئىلمى كەسپىنىڭ ئاسپىرانتلار سىنىپىدا ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇپ، سانائەت پەنلىرى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان، 1997- يىلى 3- ئايدىن 1997- يىلى 5- ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇغان).

  1998- يىلىدىن 1999- يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى بولغان.

  1999- يىلىدىن 2003- يىلىغىچە دۆلەت تەرەققىيات- پىلان كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان (بۇ مەزگىلدە 2001- يىلى 9- ئايدىن 2001- يىلى 11- ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇغان).

  2003- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى(گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ دائىمىي خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان، مىنىستىر دەرىجىلىك)، ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

  2005- يىلىدىن 2006- يىلىغىچە چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2006- يىلىدىن 2007- يىلىغىچە چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2007- يىلىدىن 2007- يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2007- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2012- يىلىدىن 2013- يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

  2013- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

  2017- يىلىدىن باشلاپ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى.

  16- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 17- ، 18- ، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 17- ، 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى.