دىڭ شۆشياڭ: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
سىياسىي بىيۇرۇ
 
(پەرقى يوق)

18:31, 20 يانۋار 2019 نىڭ نۆۋەتتىكى تۈزىتىلگەن نەشرى

دىڭ شۆشياڭ، ئەر، خەنزۇ، 1962- يىلى 9- ئايدا تۇغۇلغان، جياڭسۇ نەنتۇڭدىن، 1982- يىلى 8- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1984- يىلى 10- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، تەبىئىي پەنلەر ماگىستىرى، پىروفېسسور دەرىجىلىك ئالىي ئىنژېنېر.

  ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ دائىمىي خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىدىغان مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە دۆلەت رەئىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى.

  1978- يىلىدىن 1982- يىلىغىچە شەرقىي شىمال ئېغىر تىپتىكى ماشىنىسازلىق ئىنستىتۇتى ماشىنىسازلىق قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتىنىڭ پىرىسلاش تېخنولوگىيەسى ۋە جابدۇقچىلىق كەسپىدە ئوقۇغان.

  1982- يىلىدىن 1984- يىلىغىچە شاڭخەي ماتېرىيال تەتقىقات ئورنى 9- ئىشخانىسىنىڭ پەن تەتقىقات خادىمى بولغان.

  1984- يىلىدىن 1988- يىلىغىچە شاڭخەي ماتېرىيال تەتقىقات ئورنى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  1988- يىلىدىن 1992- يىلىغىچە شاڭخەي ماتېرىيال تەتقىقات ئورنى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  1992- يىلىدىن 1994- يىلىغىچە شاڭخەي ماتېرىيال تەتقىقات ئورنى 9- ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان (بۇ مەزگىلدە 1993- يىلى 9- ئايدىن 1993- يىلى 21- ئايغىچە شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇغان).

  1994- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە شاڭخەي ماتېرىيال تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

  (1989- يىلىدىن 1994- يىلىغىچە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش كەسپىدە ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان، تەبىئىي پەنلەر ماگىستىرىلىق ئۇنۋانى ئالغان).

  1996- يىلىدىن 1999- يىلىغىچە شاڭخەي ماتېرىيال تەتقىقات ئورنى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان.

  1999- يىلىدىن 2001- يىلىغىچە شاڭخەي شەھەرلىك پەن- تېخنىكا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان(ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك).

  2001- يىلىدىن 2004- يىلىغىچە شاڭخەي شەھىرى جابېي رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت رايون باشلىقى، رايون باشلىقى بولغان.

  2004- يىلىدىن 2006- يىلىغىچە شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شەھەرلىك كادىرلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك ئىشتات كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، شەھەرلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەكتەپ ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شەھەرلىك مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

  2006- يىلىدىن 2007- يىلىغىچە شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، بەنگۇڭتىڭنىڭ مۇدىرى، شەھەرلىك ئورگانلار خىزمىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2007- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپى بولغان.

  2012- يىلىدىن 2013- يىلىغىچە شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2013- يىلىدىن 2015- يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە دۆلەت رەئىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2015- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ دائىمىي خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىدىغان مۇئاۋىن مۇدىرى(مىنىستىر دەرىجىلىك)، قوشۇمچە دۆلەت رەئىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2017- يىلىدىن باشلاپ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ دائىمىي خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىدىغان مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە دۆلەت رەئىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى.

  18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى