ۋاڭ چېن: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
سىياسىي بىيرۇ ئەزاسى
 
(پەرقى يوق)

22:06, 20 يانۋار 2019 نىڭ نۆۋەتتىكى تۈزىتىلگەن نەشرى

 يولداش ۋاڭ چېن، ئەر، خەنزۇ، 1950- يىلى 12- ئايدا تۇغۇلغان، بېيجىڭ شەھىرىدىن، 1969- يىلى 1- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1969- يىلى 12- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى ئاخبارات فاكۇلتېتىدا ئاخبارات كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئەدەبىيات ماگىستىرى، ئالىي مۇھەررىر.

  ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى.

  1969- يىلىدىن 1970- يىلىغىچە شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يەنئەن رايونى يىجۈن ناھىيەسىگە زىيالىي ياش بولۇپ چۈشكەن.

  1970- يىلىدىن 1973- يىلىغىچە شەنشى ئۆلكىسى يەنئەن رايونى يىجۈن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ كادىرى بولغان.

  1973- يىلىدىن 1974- يىلىغىچە شەنشى ئۆلكىسى يەنئەن رايونلۇق پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ كادىرى بولغان.

  1974- يىلىدىن 1979- يىلىغىچە «نۇر گېزىتى» ئىدارىسى دۆلەت ئىچى بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى بولغان.

  1979- يىلىدىن 1982- يىلىغىچە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى ئاخبارات فاكۇلتېتىنىڭ ئاخبارات كەسپى ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىنى پۈتكۈزگەن.

  1982- يىلىدىن 1984- يىلىغىچە «نۇر گېزىتى» ئىدارىسى سىياسىي- ئىقتىساد بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى، ئاممىۋى خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

  1984- يىلىدىن 1984- يىلىغىچە «نۇر گېزىتى» ئىدارىسى ئاممىۋى خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  1984- يىلىدىن 1986- يىلىغىچە «نۇر گېزىتى» ئىدارىسى باش مۇھەررىر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  1986- يىلىدىن 1995- يىلىغىچە «نۇر گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى بولغان (بۇ مەزگىلدە 1991- يىلى 9- ئايدىن 1991- يىلى 11- ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان).

  1995- يىلىدىن 2000- يىلىغىچە «نۇر گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان.

  2000- يىلىدىن 2001- يىلىغىچە مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

  2001- يىلىدىن 2001- يىلىغىچە «خەلق گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان.

  2001- يىلىدىن 2002- يىلىغىچە «خەلق گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ باش مۇھەررىرى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

  2002- يىلىدىن 2003- يىلىغىچە «خەلق گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، باش مۇھەررىرى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

  2003- يىلىدىن 2006- يىلىغىچە «خەلق گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان (بۇ مەزگىلدە 2006- يىلى 3- ئايدىن 2006- يىلى 5- ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان).

  2006- يىلىدىن 2008- يىلىغىچە «خەلق گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان.

  2008- يىلىدىن 2013- يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەركەز تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2013- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2017- يىلىدىن باشلاپ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى.

  16- ، 17- ، 18- ، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى. 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى. 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى